ئىلتىماس يىزىڭ

بۇ كۇنى دەرۋازىۋەن جاڭ بوۋاي گېزىت كۇرۇپ ئولتۇراتتى ،تەمىنات بۇلۇمىدىكى لى بۇلۇم باشلىقى كىرىپ كەلدى :
-جاڭ بوۋاي ،سىنىڭ ئىلتىماسىڭ تەستىقلاندى !- جاڭ بوۋاي گاڭگىراپ سورىدى :
-مەن ئىلتىماس يىزپتكەنمەنما؟
-شامالدۇرغۇچ ئىلىش توغۇرىسىدا يازغان ئىلتىماسچۇ ؟-لى بۇلۇم باشلىقى كۇلۇپ كىتىپ سورىدى.
بۇلۇم باشلىقى دىۋىدى جاڭ بوۋاينىڭ ئاندىن ئىسىگە كەلدى .يەتتىنچى ئايدا ھاۋا ئوتتەك ئىسسىپ شامالدۇرغۇچنى توختاتماي ئىشلەتكەچكە ئەسلىدىلا كونىراپ كەتكەن شامالدۇرغۇچ بۇزۇلۇپ كىرەكتىن چىقتى .جاڭ بوۋاي دەرۋازىغا قارايدىغان ئۆيدە ئىشلەتكەندىكىن ھىچ بولمىسا ھاۋا تەڭشىگۇچ ئىلىپ بەرمىسىمۇ يەنە بىر شامالدۇرغۇچ ئىلىپ بىرەمدىكىن دەپ ئىككى خىيال بۇلۇپ لى بۇلۇم باشلىقىنى ئىزلەپ بېرۋىدى ،بۇلۇم باشلىقى «ئويلۇشۇپ كۇرەيلى ،ئىلتىماس ياز ،رەھبەرلىك تەستىقلىسۇن »دەپ جاۋاپ بەردى .
جاڭ بوۋاي خىلى كاللا قاتۇرۇپ بىر ئىلتىماس يىزىپ لى بۇلۇم باشلىقىنى ئىزلەپ چىقىۋىدى ئىش بىجىرگىلى سىرتقا چىقىپ كىتىپتۇ .ئىلتىماس تارتمىدا ھەپتىدىن ئۇشۇق تۇرۇپ ئاخىرى لى بۇلۇم باشلىقى بىلەن تەستە يۇز كۇرۇشتى .بىراق بۇ ئىلتىماسقا يەنە گاۋ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى بىلەن ۋاڭ ئىدارە باشلىقى قول قۇيىشى كىرەك ئىدى .شۇنىڭ بىلەن جاڭ بوۋاي كۇندە بۇ ئىككى باشلىقنىڭ ھەركىتىگە دىققەت قىلىپ تۇردى .رەھبەرلىكنىڭ خىزمىتى ھەقىقەتەن ئالدىراشكەن،كۇندە كىچىك ماشىنىسى كىرىدۇ يۇ چىقىدۇ ، بىردەم يىغىن ئاچىمىز ،بىردەم ئۇگۇنىشكە بارىمىز دىگەن .بىر نەچچە كۇن ئۆتمەيلا رەھبەرلەرنىڭ ھەممىسى يەنە چەتئەلگە تەكشۇرۇشكە چىقىپ كىتىشتى .
جاڭ بوۋاي ياۋاش ئادەم ، بۇنچىلىك كىچىك ئىش ئۇچۇن شۇنچە ئالدىراش رەھبەرلەرنى ئاۋارە قىلىشتىن خىجىل بولدى .ھاۋا ئىسسىپ چىدىيالمغاندا ئۆزى پۇل خەجلەپ بىر شامالدۇرغۇچ سېتىۋالدى .ھازىر ئۇ بۇ ئىشنى ئۇنتۇپ كەتكەندە يەنە قانداقسىغا پەيدا بۇلۇپ قالغاندۇ ؟ ھازىر دىگەن قىش تۇرسا بۇ سوغۇقتا شامالدۇرغۇچنى نىمىمۇ قىلار ؟ جاڭ بوۋاي « بولدى ئالمايمەن ‏» دىدى .
لى بۇلۇم باشلىقىنىڭ قاپىقى تۇرۇلدى :
-لاۋ جاڭ ،بۇ نىمە قىلىق ئەمدى ؟ ئوزەڭ ئىلتىماس يازدىڭ ، ئەمدى رەھبەرلىك تەستىقلىسا ئالمايمەن دەيسەن ، بۇ يوق يەردىن پۇتاق چىقارغانلىق ئەمەسمۇ ؟
-مەن ئۇنداق دىمەكچى ئەمەس ...‏-جاڭ بوۋاي چۇشەندۇرۇشكە تەمشىلىۋىدى ، لى بۇلۇم باشلىقى گىلىنى قىرىپ يۇقۇرى ئاۋازدا سۆز باشلىدى :
-سەن بىلەمسەن ؟ ئۆتكەن ھەپتە ئىدارە رەھبەرلىرى مەخسۇس مۇشۇ ئىش ئۈچۈن باش قوشۇش يىغىنى ئېچىپ پىكىرنى بىردەكلىككە كەلتۈردى. ۋاڭ ئىدارە باشلىقى «جاڭ بوۋاي ئۇزۇن يىللىق پىشقەدەم خىزمەتچى ، ئىتىۋار قىلىشقا تىگىشلىك ، يەنە كىلىپ ئىدارىنىڭ دەرۋازىسىغا قارايدىغان ئۆيدە شامالدۇرغۇچ بولمىسا بۇ ئىدارىمىزنىڭ ئوبرازىغا نۇقسان يەتكۈزگەنلىك ئەمەسمۇ؟! » دىدى. رەبەرلىك بۇئىشقا ناھايتى ئەھمىيەت بىرىۋاتقان يەردە سەن بۇنداق قىلساڭ ...
جاڭ بوۋاي لى بۆلۈم باشلىقىنىڭ سۆزلىرىدىن نىمە قىلىشىنى بىلمەي قاققان قوزۇقتەك تۇرۇپلا قالدى، شۇ ئەسنادا توساتتىن كاللىسىدا يالىت قىلىپ ئۆتكەن خىيالدىن پۈتۈن غەيرىتىنى يىغىپ مىڭ تەسلىكتە ئېغىز ئاچتى:
- لى بۆلۈم باشلىقى قارىڭە ، بولسا ماڭا بىر توك ئوچاق ئالماشتۇرۇپ بىرەلەر سىزمۇ؟- لى بۆلۈم باشلىقى ناھايتى كەسكىنلىك بىلەن ئىپادە بىلدۈردى:
- بولىدۇ. ئويلۇشۇپ كۆرەيلى.چۈشتىن كىيىن ئىلتىماس يىزىپ رەھبەرلىكنىڭ تەستىقىغا سۇنايلى!

ئاپتۇرى: لىن يې « سەن جىن شەھەر گىزىتى» 2008.1.21