|
چۇڭچىڭ ۋە شىنجاڭدىكى تاكسى شوپۇرلىرى كەينى-كەينىدىن ئىش تاشلىغاچقا«غەۋغا چىقىرىش» دىگەن بۇسۆزمۇ بۇنىڭغا ئەگىشىپ قىززىپ كەتتى،ھەرخىل ئاخپارات ۋاستىللىرىمۇ تەڭلا «غەۋغا چىقتى» دەپ جارسالدى.جۈملىدىن مەركىزى تىلۋىزىيە ئىستانسىسمۇ گەپنى ئەگىتپ«غەۋغا چىقاردى».مەن زادى چۈشەنمىدىم؟ قانۇننىڭ ھىچ يىرىدە «غەۋغا چىقىرىش» دىگەن بۇ ئۇقۇم يوق، بىراق ساقچى بىلەن ھۈكۈمەت ئەمەلدارلىرى دائىم «غەۋغا چىقىرىش» دىگەن ئۇقۇمنى تەكىرارلاشنى ياخشى كۆرىدۇ. يەنە بىر چۈشەنمىگەن يىرىم «غەۋغا چىقىرىش» زادى قانداق جىنايەت؟ ھەدىسىلا «باشلامچى بولۇپ غەۋغا چىقارغۇچى»نى قانۇن بويىنچە بىرتەرەپ قىلىدۇ.
ئەگەر «باشلامچى بولۇپ غەۋغا چىقارغۇچى» جەمئىيەت ئامانلىقىغا خەۋىپ يەتكۈزدى دىيىلسە ئۇنداقتا جەمئىيەت ئامانلىقىغا خەۋىپ يەتكۈزگەنلىك ئىسپاتىنى چىقىرىڭ،جېدەل چىقىرىپ مۇشتلاشتىمۇ؟ ياكى ئۇرۇش، چېقىش ، بۇلاش، كۆيدۈرۇشمۇ؟ چىقىرالمايسىزغۇ دەيمەن.خەق تەرتىپلىك،قائىدە-نىزامغا ئەمەل قىلغان. بىز بىلىمىز، جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇريىتى قۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ ئاساسىي قانۇندا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى پۇخرالىرىنىڭ ئىش تاشلاش ئەركىنلىكى بار دەپ بەلگىلەنگەن. ئۇنداقتا ئاساسى قانۇن ئىش تاشلاش ئەركىنلىكىنى تەكىتلىگەن ئىكەن ئىش تاشلاشنىڭ كونكىرىت ھەركەت ئىكەنلىگىنى ئىتىراپ قىلغانغا باراۋەر، يەنى ئىش تاشلاش چوقۇم ئىش تاشلاشنىڭ شەرىتلىرىنى ھازىرلىشى مەسلەن: تەشكىللەش ، ئالاقىلىشىش ، كېڭىشىپ مۇزاكىرە قىلىش مانا بۇ ئىش تاشلاش دىيىلىدۇ. بولمىسا ئىش تاشلاش ئابىستىراكىت ئۇقۇمغا ئايلىنىپ قالىدۇ. ئەگەر ئابىستىراكىت ئۇقۇم ئۈچۈنلا بولسا مىنىڭچە بۇ تارماقنى ئاساسىي قانۇندىن چىقىرۋەتكەن تۈزۈك.
بۇلۇپمۇ «توپلىشىپ غەۋغا چىقاردى» دىگەن بۇ ئۇقۇم ماڭا تېخىمۇ غەلىتە بىلىنىدۇ. نىمىشقا «توپلاشسىلا» چوقۇم «غەۋغا چىقىرىش» بىلەن باغلىنىپ قالىدۇ؟ ئەگەر توپلىشىشنىڭ خاسلىقى «غەۋغا چىقىرىش »بولسا ئۇنداقتا رەھبەرلەرنىڭ بىرتالاي ئەگەشكۈچىللىرى بىلەن بىللە يۈرۈشلىرى غەۋغا چىقارغانلىق ھىساپلىنامدۇ؟ توي-تۆكۈن ، ئۈلۈم-يىتىم ئىشلىرى غەۋغا چىقارغانلىق ھىساپلىنامدۇ؟ چولپانلارنىڭ ناخشا كىچىلىك ئۆتكۇزۇشى غەۋغا چىقارغانلىقمۇ ؟ئۆي-مۇلۇك سودىگەرلىرىنىڭ چوڭ كوچىدىلا بازار قىلىشى غەۋغا چىقارغانلىقمۇ ئەمەسمۇ ؟ئەگەر بۇلارمۇ غەۋغا چىقارغانلىق بولسا نىمىگە ئاساسەن «غەۋغا چىقىرىش» قا قوش ئولچەم قوللىنىدۇ؟ بەزى ئادەملەر «غەۋغا چىقارسا» ھىچ ئىش يوق ،تىخى ساقچىلار قوغداپ ، ئەمەلدارلار قەدەم تەشىرىپ قىلىشىدۇيۇ ، يەنە بەزى ئادەملەر «غەۋغا چىقارسا »قانۇن بۇيىنچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ ؟
مەن ئىنچىكىلەپ تەكشۇرسەم «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى »،«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتىنىڭ كوللىكتىپ نامايىش قىلىپ كۇچ كۆرسىتىش قانۇنى »، «گوۋۇيۇە ننىڭ ئەرزىيەت نىزامى »نىڭ ھىچقايسىسىدا «غەۋغا چىقىرىش» ياكى «توپلىشىپ غەۋغا چىقىرىش »دىگەن بۇنداق ئۇقۇم يوقكەن . ئەمدى يەرلىك قانۇن تۇرغۇزۇش ئاپىراتلىرى تۈزگەن يەرلىك قانۇن- نىزاملارنى ۋاراقلىغىنىمدا مىنى ھەيران قالدۇرغىنى نۇرغۇن ئۆلكە - شەھەرلەر بىكىتكەن يەرلىك قانۇنلاردا «غەۋغا چىقىرىش» ۋە «توپلىشىپ غەۋغا چىقىرىش» كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇرىدۇ. مەسىلەن: لىياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ ئەرزىيەت نىزامى، شەندۇڭ ئەرزىيەت بەلگىلىمىسى، ئەنخۈي ئەرزىيەت نىزامى ، جىياڭسۇ ئەرزىيەت نىزامى، يۈننەن ئۆلكىلىك پۇخىرالار ئەرزىيەت نىزامى قاتارلىقلاردا «غەۋغا چىقىرىش» بىلەن «توپلىشىپ غەۋغا چىقىرىش» ناھايتى مۇھىم قىلىپ تىلغا ئېلىنغان.
مەن پەقەتلا توردىكى قانۇن مۇتىخەسىسلىرىدىن سوراپ باقماقچى ، يەرلىك قانۇن چىقىرىش ئاپىراتلىرىنىڭ بۇخىل ئۆزئالدىغا «قانۇن ئۇقۇملىرى» نى قوشىۋېلىشى قانۇنغا ئۇيغۇنمۇ يوق؟ ئۇيغۇن بولسا مەن ھىچنىمە دىمىگەن بولاي. ئەگەر ئۇيغۇن بولمىسا بۇخىل قانۇن - نىزاملارنى ئۆزگەرتىش كېرەكمۇ يوق؟ مەن جۇڭگۇنىڭ قانۇن مۇتەخەسىسلىرى يەنىلا ۋىجدانلىق دەپ قارايمەن. گەرچە قانۇن ۋىجداننى ئىتىراپ قىلمىسىمۇ بىراق قانۇننىڭ نىگىزى دەل ۋىجداننىڭ بايان قىلىنىشىدۇر. ئەگەر مۇشۇ نۇقتىنى ئىتىراپ قىلغۇدەكمۇ جۈرئەت بولمىسا ئۇنداقتا مەن ئەپسۇسلانغان ھالدا جۇڭگۇنىڭ قانۇنى ئۆلۈپتۇ، چۈنكى جۇڭگۇنىڭ قانۇنشۇناسلىرىنىڭ ھەممىسى ئۆلۈپتۇ دەيمەن.
مەن جۇڭگۇنىڭ قانۇن تۇرغۇزۇش ۋە ئەدىلىيە ئورگانلىرىنىڭ چەتئەلدىكى كەسىپداشلىرىنىڭ مەسخىرىسىگە قېلىشىنى، ئۇلارنىڭ جۇڭگۇنىڭ قانۇن تۇرغۇزۇش ۋە ئەدىلىيە ئورگانلىرىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى قانۇننى بىلمەي تۇرۇپ قانۇننى بىلىدىغان قىياپەتكە كىرىۋالىدىغان بىرتوپ نان قاپلىرى ئىكەن دىيىشىنى ھەرگىزخالىمايمەن. مەن گەرچە بۇگۇنكى قانۇننى ئانچە بىلىپ كەتمىسەممۇ بۇرۇنقى قانۇننى ئۈگىنىپ باققان، ئەڭ بولمىغاندا مەن قانۇننىڭ قانۇنچىلىق ئىلىمىغا چوقۇم بويسۇنىشى كېرەكلىكىنى بىلىمەن. قانۇننى بازار ئىگىلىكىدىكى نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويۇپ، كىمدە ھوقۇق ، كىمدە پۇل بولسا شۇنىڭ دىگىنى ھىساپ بولىدىغان بولسا ئۇ «قانۇن» بولماي بەلكى «قا» سىلا بار «نۇن» سى يوق بولۇپ قالىدۇ.
ئاپتۇرى: ئەن چىڭ رىن مەنبە:خېبىي تورگېزىتى |