بىكارغا كەتسىمۇ دەۋىرىمەن

قاننىڭ ئىقىۋاتقىنىنى ئادەمنىڭ تۇمۇرىنى تۇتسىلا بىلگىلى بولىدۇ ،چۇقۇم تىرىسىنى كىسشنىڭ ھاجىتى يوق .
ئىچ ئاغۇرۇتقۇچى‏‏-‏-ئاجىزلارنىڭ باشقىچە ئاتىلىشى. ئاجىزلار ھەمىشە ئەشۇ ئىچ ئاغۇرۇتقۇچىنىڭ ئۆزىنى قوغدىشىنى ئىزلەيدۇ ،بىراق ئاچكۆز ،ياۋۇز گۆشخۇر ھايۋانغا يۇلۇققاندا ، مەسىلەن چىل بۆرە ، يەنە كىم بۇ ئىچ ئاغىرتىشنىڭ ھەقىقى مەنىسىنى ئىتىراپ قىلىدۇ.
قانات شۇڭقارنى پايانسىز بوشلۇققا ئىلىپ چىقىدۇ ،بىراق ئۇ تال‏-تال مامۇق پەيدىن تەركىپ تاپقان .
ئۆزۇڭنى يۇرۇقلۇق تاراتقۇچى دەپ بىلسەڭ ، ئۇنداقتا قۇياش نۇرى ئاستىدا شولاڭنى نامايەن قىلما .
خىزمەت ، ئۈنىۋان بىر ئادەمنىڭ مۇقاۋىسى ، مۇھىمى ئىچىدىكى مەزمۇنغا قاراش ‏‏‏ــ ئۇقۇلغىنى ھەقىقىي گۇزەللىكمۇ ياكى ساختا رەزىللىكمۇ ؟
داڭدار شەخىس ،مەشھۇر كىشىلەر دەۋىر تەرققىياتىنىڭ ئابىدىسى ، بىراق ئۇلارنىڭ ئورنىنى تۇغرا قويمىغاندا ئۇ چۇقۇم تۇساققا ئايلىنىپ قالىدۇ .
مۇھەببەت ــ بىر ئەر بىلەن بىر ئايالنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى قەلىب بىلەن قەلىبنىڭ سۇقۇلۇشىدىن كىلىپ چىققان بىر قىتىملىق ئىغىر قاتناش ھادىسىسى ، شۇڭا ئادەمدە ھەقىقى مۇھەببەت پەقەت بىرقېتىملا بولىدۇ دەيدۇ. دىمەكچىمەنكى بىرقېتىم يارلانسىلا يىتەرلىك، ئىككىنجى قېتىم يارلىنىشنىڭ نىمە ھاجىتى!
بارلىق قائىدە ـ تۇزۇملەرنى رەھبەرلەر تۇزىدۇ ،يەنە بارلىق قائىدە ‏ـ تۇزۇملەرنى دائىم رەھبەرلەرلا بۇزىدۇ . قائىدە تۇزگەندە رەھبەر بويسۇنۇشنى تەلەپ قىلىدۇ ،قائىدىنى بۇزغاندا بولسا رەھبەرلەر« يىڭىلىق يارىتىش»نى تەكىتلەيدۇ ، شۇڭا توغرا بولغاننڭ ھەممىسى دائىم رەھبەرلەر تەرەپتە تۇرىدۇ .
چۇشكۇنلۇك ــ رەھىمسىز ئوق . ئۇنىڭ زەربىسىگە ئۇچۇرغان ھەر قانچە ساغلام ، كۇچتۇڭگۇر جانلىقمۇ چۇقۇم زەخمەتكە دۇچار بۇلىدۇ .
ئەمەلدارلار سۇرۇنىدا يالغان گەپ كۆپ ،راست گەپ ئاز.دوستلار ئارىسىدا راست گەپ كۆپ يالغىنى ئاز .يالغان گگپ ئاڭلىماقچى بولغاندا ئەمەلدارلىق سورۇنىنى چۆگىلە ، راست گەپ تىڭشىماقچى بولساڭ دوستلار ئارىسىغا كەل .
(قىسقارتىلدى)

ئاپتۇرى:جاڭ چىڭ خى قىلىيەتۇنلار ئايلىق ژورنىلى 2008‏-9(1)