ئۆزىنى نابۇت قىلىش

ھازىرقى ئادەملەر، بولۇپمۇ ھازىرقى شەھەرلىكلەرنىڭ بىرتۈرلۈك «ئۇلۇغ » خىزمىتى بارلىق چارە ـ ئاماللار بىلەن ئۆزىنى نابۇت قىلىش.
ئۆزىنى نابۇت قىلىشنىڭ ئەڭ كەسكىن ئۇسۇلى چوڭ مىڭىنى ئىشلەتمەسلىك. بىز ئادەتتىكى ھىساۋاتتا بىر دانە كىچىككىنە ھىساپلاش ماشىنىسىغا تاينىمز، مۇرەككەپىرەك بولغان ھىساپلاشتا ھەممىگە قابىل ئىلىكتىرۇنلۇق ھىساپلاش ماشىنىسى بىز ئۈچۈن سادىقلىق بىلەن خىزمەت قىلىدۇ. چوڭ مىڭىنى ئىشلەتمەسلىك ئىنسانلارغا نىسبەتەن ھەم راھەت ،ھەم كۆڭۈللۈك. بىراق ئاقىۋىتى خەتەرلىك. يەنى ئادەمنىڭ چوڭ مىڭىسى شىددەت بىلەن چىكىنىدۇ، مەلۇم يىللاردىن كىيىن بىزنىڭ چوڭ مىڭىمىز ئورانگوتان بىلەن بەسلىشەلىسە چوڭ ئىش.
ئۆزىنى نابۇت قىلىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى پۇتنى ئىشلەتمەسلىك. ئەجداتلىرىمىز مىلىيۇن يىللىق تەرەققىيات جەريانىدا توختىماي ھەركەت قىلىپ ئىنساننىڭ پۇتىنى ناھايتى ساغلام ھالەتكە ئېلىپ كەلگەن. بىراق ھازىر بەدىنىمىزنى بۇئىن ماركىلىق ئايروپىلان ۋە كىچىك ماشىنىغا تاپشۇرۇپ پىيادە يول يۈرۈشتەك بۇنداق ياخشى ھەركەت ئۇسۇلىنى تاشلاپ قويدۇق. پۇتنىڭ ھەركەتلەنمەسلىكى ئەجەللىك بولغان سىمزلىك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى ھەم يۈرەككە مىسلىسىز بېسىم كەلتۈرۈپ ئادەمنى ئاجىز ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى.
ئۆزىنى نابۇت قىلىشنىڭ ئەڭ ئاسان ئۇسۇلى ئاشقازان ـ ئۈچەينى ئىشلەتمەسلىك. بىزنىڭ ئەجداتىمىزنىڭ بىزگە قالدۇرغىنى ھەممىگە قابىل بولغان ئاشقازان ، تاش بولغان تەقدىردىمۇ ئادەمنىڭ ئاشقازىنى ئۇنى پاچىلاپ ئۇنغا ئايلاندۇرۋىتىدۇ، ئوت ـ چۆپ يىلتىزى، دەرەخ قۇۋزىقى دىگەنلەر ھىچ گەپ ئەمەس. بىراق ھازىرقى ئادەملەرنىڭ ئاشقازىنى بۇنداق چېنىقىش پۇرسىتىگە ئىرىشەلمەيدۇ. بىزنىڭ يەۋاتقىنىمىز ئىنچىكە تالالىق يىمەكلىك، ئازىراق قاتتىق ـ قۇرۇقنى كۆرسەك قوشۇمىمىز تۈرۈلىدۇ. كۆكتاتمۇ بۇرۇنقىدەك ئەمەس، يۇقىرى بېسىملىق قازان بارلىققا كەلگەندىن بىرى ھەرقانچە قاتتىق يىمەكلىكمۇ يۇمشاپ مىچىلداپ كىتىدۇ. ۋاقىت ئۇزا غانسىرى بىزنىڭ ئاشقازىنىمىز ئازىراق شەپە بولسا نازۇكلىشىپ ئۈزىنى باشقۇرالماي بىرتال خام تەرخەمەكمۇ ئادەمنى دوختۇرخانىغا ئەكىرىپ قويالايدۇ.
ئۆزىنى نابۇت قىلىشنىڭ ئىەڭ راھەت ئۇسۇلى تەربەزلىرىنى ئىشلەتمەسلىك. تەرچىقىرىش ئادەمنىڭ فىزولوگىيىلىك ئىقتىدارى ، بىراق ھازىرقى شەھەرلىكلەر بۇنىڭدىن بەكمۇ قورقىدۇ. بىز ئىسسىقتىن قېچىپ ھاۋا تەڭشۈگۈچلۈك ئۆيگە كىرىۋالىمىز ، بۇنىڭغا قانائەت قىلماي بولسا باھارنى باغلاپ قويۇپ تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە يېنىمىزدا تۇرغۇزغىمىز كىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەم تىمىزگە توپلانغان زەھەر سىرىتقا چىقالماي نىمجان بولۇپ دۆۋە ـ دۆۋە دورىلاربىلەن مۇداپىئە چەمبىرىگى ياساشقا مەجبۇر بولىمىز.
ئۆزىنى نابۇت قىلىشنىڭ ئەڭ تىز ئۇسۇلى كېسەلگە قارشى ئىممۇنىت سىستىمىسىنى ئىشلەتمەسلىك. ھازىقى ئادەملەر پەن ـ تېخنىكا نەتىجىللىرىنى قالايمىقان ئىشلىتىپ بۇرۇنلاردا دورا يىمىسىمۇ بولىدىغان زۇكام بولغاندا ھازىر خۇددى چوڭ دۈشمەنگە يۇلۇققاندەك بىردۆۋە ئىنسۇلىن بىلەن ئاتاكىغا ئۆتۈپ بىرھەپتە ئاسما ئاستۇرىدۇ. ھەرقېتىم يېڭى بىرخىل ئىنسۇلىن دۇنياغا كەلگەندە ئۇنى ئىشلەپ چىقىرىدىغان زاۋۇتلارنىڭ سودىسى نەچچە يىلغىچە تازا قىززىپ كىتىدۇ، كىشىلەر دورىنى قۇتقازغۇچى دەپ قاراپ ھەممە ئائىلە بىر تارىتمىدا لىق دورا ساقلايدۇ. ئىشلىتىلمىگەن ئىممۇنىت سىستىمسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئاقىۋىتى ــــ بىز بارغانسىرى دورىنىڭ قۇلىغا ئايلىنىمىز، دورا بولمىسا ياكى دورا كىچىكتۈرۈلسە ئادەم بەدىنىنىڭ ئازىراقمۇ قارشىلىق كۈچى بولمايدۇ. ئاخىرىدا ئەڭ ياخشى دورا بولغان تەقدىردىمۇ ھىچ ئامال قىلغىلى بولمايدۇ.
بىزھەقىقەتەن بىلىپ ـ بىلمەي ئۆزىمىزنى نابۇت قىلىۋاتىمىز. تېخىمۇ ئېچىنىشلىق يىرى شۇكى ئۇنى ھىس قىلىپ تۇرساقمۇ يەنە ئادىتىمىزنى تاشلىيالماي، ئۆزىمىزنى نابۇت قىلىش سۈرئىتىمىزنى ئاستىلاتقىمىز كەلمەيۋاتىدۇ.

ئاپتۇرى: ساۋ دې فىڭ فىلىيەتونلار ئايلىق ژورنىلى 2008-9(1)