|
11- ئاينىڭ 21- كۈنى بېيجىڭ شەھەرلىك 13 ـ نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 7ـ قېتىملىق يىغىنى يېپىلدى. خۇاڭ ۋىي تولۇق ئاۋاز بىلەن بېيجىڭ شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى بولۇپ سايلاندى ھەم بېيجىڭ شەھرىنىڭ تۇنجى ئاكاددىمىك شەھەر باشلىقى بولۇپ قالدى. ئەمما 11كۈننىڭ ئالدىدا گوۋۇيۈەن تارقاتقان دۆلەت خىزمەتچىللىرىنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش تىزىملىكىدە خۇاڭ ۋىي ئولتۇراق ئۆي ۋە شەھەر ـ يېزا قۇرلۇشى مىنىستىزلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرلىكىدىن قالدۇرۇلغان ئىدى.
ئولتۇراق ئۆي ۋە شەھەر ـ يېزا قۇرلۇشى مىنىستىزلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرىدىن بېيجىڭ شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغىچە پەقەت 11 كۈنلا ۋاقىت كەتكەن ، ۋاقىت پەرقىدىن قارىغاندا بۇئاللىقاچان ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان ئىشتەكلا بىلىنىدىكەن ، ئەمىلىيەتتە بۇ كۆپچىلىكنىڭ كۆڭلىگىمۇ ئايان بولۇپ قالغان ئىش . بۇنداق ئەھۋال پۈتۈن مەملىكەتتە بەكمۇ ئاددىي ئىشقا ئايلىنىپ قالغان، ھىچقانچە يېڭىلىقى يوق. پەقەت شۇ ئادەمنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغىنى ئۇنىڭ جۇڭگۇقۇرلۇش ئاكاددىمىيىسىنىڭ ئاكاددىمىكىلىقى، ئۇنىڭ تولۇق ئاۋاز بىلەن سايلىنىشى .
ئاكاددىمىكنىڭ ئەمەلدار بولىشى ياخشى ئىشمۇ يامان ئىشمۇ، خۇشاللىقمۇ خاپىلىقمۇ ، ھازىر بىرنەرسە دىيىشكە تېخى بالدۇر. بىلىمنى ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلاندۇرۇش بۇمۇ ئەيىپلەپ كەتكۈدەك ئىش ئەمەس ، بۇراق مىنىڭ كاللامدىن ئۆتمىگىنى خۇاڭ ۋىي قانداق قىلىپ مۇشۇ قىسقىغىنە 11 كۈن ئىچىدە بېيجىڭ شەھرىنىڭ چوڭ ـ كىچىك، يىراق ـ يېقىن ۋەكىللىرىگە تونىلىپ ، ئۆز ـ ئارا چۈشىنىش ھاسىل قىلىپ ، ئۇلار ئۇنىڭغا ئىشىنىپ ئەڭ ئاخىرىدا ھەيران قالارلىق ھالدا بىرلىككە كىلىپ ئۇنى بېيجىڭ شەھرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا سايلىدى؟ كۆپچىلىكنىڭ ئىددىيىسىنىڭ بۇنداق ئاجايىپ بىرلىككە كىلىشى ئادەمگە ئىراقنىڭ سابىق پىرىزدىنتى سادامنى ئەسلىتىدۇ، ئۇمۇ ئەينى چاغدا تولۇق ئاۋاز بىلەن سايلانغان . بىراق دۆلەتنىڭ بېشىغا كۈن كەلگەندە كۆپىنچە ئادەملەر ئۇنىڭ بىلەن بىرسەپتە تۇرمىغاچ ئاخىرىدا ئامىرىكىنىڭ مەھبۇسىغا ئايلانغان .
مەن بەلكىم ئازىراق« ھەسەتخورلار ئاقىللارنىڭ قابىلىيىتىنى كۆرەلمەيدۇ» دىگەنگە ئوخشاش قىلىۋاتقاندىمەن، شۇنداق بولسا ئاۋال ئۆزۈمنى كاچاتلىغاچ تۇراي ، باشقىلار ئاۋارە بولۇپ قالمىسۇن يەنە.
ئاپتۇرى : جاڭ جىيەن شىن جۇڭخۇا فىلىيەتۇنلار تورى
|