بىر ئاددىي ئادەم نىمىشقا ئاممىۋى جەمئىيەتكە پىكىر بىرىدۇ !
چۈنكى ئۇ بىر پۇخىرا .
ھازىرقى دۆلەت ئاھاللىرىنىڭ جەمئىيەتتىكى ئاساسلىق سالاھىيىتى پۇخىرادۇر .
پۇخىرا دىگەن نىمە ؟
قانۇنى جەھەتتىن پۇخىرا بىر دۆلەتنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىگە ئىگە بولغان كىشىدۇر . سىياسى جەھەتتىن پۇخىرا ئاكتىپلىق بىلەن ئاممىۋى مەسلىلەرگە ئىشتىراك قىلىپ ئۇنى تەنقىد ۋە مۇلاھىزە قىلىدىغان كىشى.
پۇخىرا چوقۇم پۇخىرالىق خۇسۇسىيەتنى ھازىرلىشى كېرەك، يەنى دۆلىتىگە ۋە قانۇنغا سادىق بولۇپ دىمكۇراتتىك قانۇندىكى باراۋەرلىك ، ئەركىنلىكنى ئىتىراپ قىلىشى ، ئاممىۋى مەسلىلەرگە قىزغىنلىق بىلەن كۆڭۈل بۆلۈشى ھەم ئەقىل كۆزى بىلەن باھالىشى كېرەك. پۇخىرا چوقۇم پۇخىرالىق كۆزقارىشىنى ھازىرلىشى كېرەك. بۇخىل پۇخىرالق كۆزقارىشى دەرىجە ئايرىلمىچىلىقى، ئەمەلدار ئەزىز ئاددىي ئادەملەر خار ،مۇستەبىت كۈچلەر ھۆكۈمىرانلىقى قاتارلىقلار بىلەن ئوت بىلەن سۇ چىقىشالمىغاندەك كىلىشەلمەيدۇ. بۇخىل پۇخىرالىق كۆزقارىشى چوقۇم پۇخىرالارنىڭ شەخسىي ھوقۇقى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئاشكارا ھوقۇقىغا بولغان غەمخورلۇقتا ئىپادىلىنىشى، ئاممىۋىي مەسلىلەرگە نىسبەتەن ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىشتا تېخىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تېپىشى ، كۈندىلىك تورمۇشتىكى كىشلىك مۇئامىلىدە ئەكىس ئىتىش كېرەك.
بۇخىل پۇخىرا دەل ھوقۇقتىن بەھىرىمەن بولىدىغان پۇخىرادۇر، شۇندەقلا مەسئۇلىيەتچان پۇخىرادۇر. ئۇ يەنە ئۆز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىدىغان پۇخىرادۇر. ئاممىغا قارىتىلغان بىرپارچە ماقالىنى ئىنچىكە تەھلىل قىلىش ، ئادەتتىكى كىچىككىنە ھادىسلەرنى تەپسىلى كۈزىتىش ، ئاممىنىڭ مەنپەئەتى زىيانغا ئۇچىرىغاندا نارازىلىقىنى يوشۇرماسلىق ، ئەتىگەندە ئىشقا ماڭغاندا خالتا كوچىلاردىكى ئۆچۈرۈلمىگەن چىراغلارنى ئۆچۈرۈپ قويۇش ....بۇنداق پۇخىرادىن تەركىپ تاپقان جەمئىيەت پۇخىراۋى جەمئىيەت دەپ ئاتىلىدۇ. پۇخىراۋى جەمئىيەتتە پۇخىرالارنىڭ ئاممىۋى مەسلىلەرگە قاتنىشىش ۋە مۇزاكىرە قىلىشتەك جەمئىيەت بوشلۇقى ئېنىق ، ئەقىلگە مۇۋاپىق . ھەرگىزمۇ مەجبۇرلانغان شەكىلدە بولمايدۇ. شۇڭا بۇ خىل 《پۇخىراۋىى مەيدان》 ھاسىل بولغان.
جون . رىينولدىس ياخشى پۇخىرانىڭ ئۈچ تۈرلۈك ئۆلچىمىنى لايھىلىگەن . ئاكتىپ ئىشتىراكچىلار (دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ھۈكۈمەتكە ياكى قارار چىقارغۇچى ئاپىراتلارغا پىكىر بايان قىلىدىغانلار)،سادىق بويسۇنغۇچىلار (دۆلەتنى قىزغىن سۆيۈپ ، قانۇنغا ئەمەل قىلغۇچىلار) ، ئۆز خاھىشتىكىلەر (خىزمەتتە تىرىشچان ،ئاممىۋى پائالىيەتلەرگە قىزغىن قاتنىشىدىغان ، باشقىلارغا ياردەم بىرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان، ھەققانىيەتنى ياقلىغۇچىلار) قايسىلا تەرەپنى ئۆلچەم قىلمايلى ھەممىسى بىر ياخشى پۇقىرا. ئۇنىڭ ئىش ـ ھەركەتلىرى پۇخىراۋى جەمئىيەتكە مەنپەئەت ئېلىپ كىلەلىسىلا شۇنىڭ ئۆزى كۇپايە. دوستلارغا رەھمەت!
ئاپتۇرى WUZHI XING GUANG جۇڭخۇا فىيەتۇنلار تورى
|