پۇل ھەممىگە قادىر ئەمەس ، ئۇ پەقەت ئۇچ ئىشنىلا قىلالايدۇ ــ يامان ئىش ، سىاخاۋەتلىك ئىش ، ئادەتتىكى ئىش .
خىرۇئىن چەككۇچىلكەر پۇل بىلەن خىروئىن سىتىۋىلىپ زەھەر خۇمارنى قاندۇرىدۇ .خىيانەتچىلەر پۇل بىلەن ئاشنا تۇتۇپ ھاۋايى نەپسىنى قاندۇرىدۇ .قارا نىيەت سودىگەرلەر پۇل بىلەن باشقىلارنى تورىغا چىرماپ ئۆزلىرنى نۇرغۇن نەپكە ئىرىشتۇرىدۇ . بۇ چاغدا پۇل پەقەت ئەسكى ئىشنىلا قىلىدۇ ، پۇل خەجلىگۇچى ئەسكى ئادەم بۇلىدۇ .
ئامىرىكىلىق داڭلىق شەخىس بوفىت تەخمىنەن 200مىلىيارت خەلىق پۇلى ئىئانە قىلىپ كىشىلەرنىڭ نامىراتلىقتىن قۇتۇلىشىغا ياردەم قىلغان .جۇڭگۇدا بىرەر داڭلىق شەخىس گەرچە بارلىق پۇلىنى چىقارمىسىمۇ بىراق نەچچە مىڭ ياكى نەچچە ئون مىڭدىن پۇل توپلاپ چەت رايۇنلاردا ئۇمىت مەكتىۋى قۇرۇپ ئوقۇشسىز قالغان بالىلارغا ئىللىقلىق يەتكۇزگەن ،سۇ توسمىسى ياساپ غەربى شىمالدىكى سۇ كەمچىل دىھقانلارغا ياردەم قىلغان . بۇ چاغدا پۇل ساخاۋەتلىك ئىش قىلغان بۇلىدۇ ، پۇل ئىئانە قىلغۇچى ساخاۋەتچى باي ھىساپلىنىدۇ .
ساخاۋەتلىك ئىش قىلىش ، ساخاۋەتچى باي بۇلۇش ئۇچۇن ئارتۇق پۇل بولىشى كىرەك . مىنىڭچە بىر موماينى يۆلەپ يولدىن ئۆتكۇزۇپ قۇيۇش ساخاۋەت قىلغانلىق بولماستىن پەقەتلا ياخشى ئىش قىلغانلىق بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ ، ساخاۋەتلىك ئىش قىلىش ئۇچۇن كۆڭلى ـ كۆكسى دەريادەك كەڭىرى بولۇشى كىرەك .
ئەمىلىيەتتە ئارتۇقچە پۇلى بار ھەم كۆڭلى ـ كۆكسى كەڭىرى ئادەملەر بەكمۇ ئاز ، خۇددى پۇل بىلەن يامان ئىش قىلىدىغان يامان ئادەملەرمۇ ئانچە كۆپ بولمىغاندەكلا . كۆپ بولماسلىقى ئادەتتىكىچە ئەمەسلىكىدىندۇر ــ ئالدىنقىسىدا پەرىشتىنىڭ قانىتى بولسا، كىيىنكىسىدە شەيتاننىڭ ھىلىيسى بار.
ئەڭ كۆپ بولغىنى يەنىلا ئاددى ئادەملەر . پەرىشتە بىلەن شەيتانمۇ ئاددى ئادەملەرنىڭ قەلبىگە كىرىپ زىيارەت قىلىپ تۇرىدۇ ، بىراق ئۇزۇن تۇرمايدۇ چۇنكى ئاددى ئادەملەر ئازغىنە پۇللىرىنى ئۇلارغا خەجلەپ بىرەلمەيدۇ .
قىسقىسى ئاددى ئادەملەرنىڭ پۇلى ساخاۋەتلىك ئىشقىمۇ ، يامان ئىشقىمۇ ئىشلىتىلمەيدۇ . پەقەت ئادەتتىكى ئىشقا مەسىلەن ، قورساق تويغۇزۇش ، ئۇششاق ـ چۇششەك خىراجەتلەرگە ئىشلىتىلىدۇ . بۇ ئۇششاق ئىشلارغا سەل قارىماڭ ، ئەگەر پۇل بولمىسا ئۆتكىلى بولمايدىغان ھاڭدەك ئادەمنى ھەر كويغا سالىدۇ .شۇڭا ئاددى ئادەملەرنىڭ ئازغىنە پۇلى ھەمىشە ئاددى ئەمەسلەرنىڭ بايلىقىدىن مۇھىمىراق ــ ئۇ دىگەن جان ساقلايدىغان پۇل ــ دە!
جان ساقلاش پۇلىدىن گەپ ئىچىلسا يىقىندىن بۇيانقى باھاسى شىددەت بىلەن ئۆسىۋاتقان يىمەكلىكلەر باھاسى ئاددى ئادەملەرنىڭ ئاددى تۇرمۇشىغا قىيىنچىلىق تۇغدۇرۇپ سىقىپ يۇرۇپ ئاران ئىشىنغىنىنى ، ئازغىنە تاپقان ـ تەرگىنىنىڭ ھەممىسىنى ھەتتا ئۇرۇقلۇق ئاشلىقلىرىنىمۇ يەۋىتىپ ئەڭ ئاخىردا ئەشۇ ئاددى ـ ساددا قەلبىنى يۇقۇتۇپ قۇيۇشىدىن ئەنسىرەيمەن ؟
ئاپتۇرى :دىڭ ياڭ ۋىي ئالاھىدە نەزەر 2008ـ3
|