نەچچە يىلدىن بىرى ئىشتىياق بىلەن تەكىتلەۋاتقان «ئىدىيىنى ئازات قىلىش »گەرچە ئادەتتىكى ، ناھايتىمۇ ئادەتتىكى سۆزگە ئايلىنىپ قالغان بولسىمۇ ، ئىنچىكە تەھلىل قىلىپ باقساق يەنە ئاز بولمىغان نەرسىلەرنى «قىزۋالالايمىز » .
ئىدىيە شەكىلسىزنەرسە ، ئۇ ئادەمنىڭ مىڭىسىدە بولىدۇ. باش سۆڭىكىنى يارغان تەغدىردىمۇ كۆرگىلى بولمايدۇ، شۇڭا مەلۇم ئادەمنىڭ ئىدىيىسىنى پەقەت ئۆزىلا بىلىدۇ.ئۇ ئەگەر ئۆزى دىمىسە ، يازمىسا ھىچكىم بىلەلمەيدۇ ھەم چۈشەنمەيدۇ.
بىز دەۋاتقان ھەرخىل ئىدىيە ئەمىلىيەتتە پەقەت پىكىر يۈرگىزگۇچىنىڭ كاللىسىدىكى نەرسىلا بولۇپ قالماستىن بەلكى تىل ۋە يىزىقتىن ئىبارەت ئىككى ۋاستە ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن نەرسىدۇر. ماركىسىزىم ـ لېنىنىزىم ئىدىيىسى دەل ماركىس، ئىنگىلىس ، لېنىننىڭ ئەسەرلىرى ئارقىلىق شەرھىلەنگەن. ئەگەر بۇ يىزىق شەكىلىدىكى ئەسەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ تىل شەكىلدىكى مۇلاھىزىسى بولمىغاندا كىممۇ ئۇلارنىڭ «ئېزىم » ۋە «ئىدىيە» سىنى كۆرەلەيتى؟ ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ «ئېزىم » ۋە «ئىدىيە» سى بولمىغان بولاتتى.
مۇنداق بىر گەپ بار«تاغ ھەرقانچە بولسىمۇ ئادەم تاپىنىدىن ئىگىز ئەمەس» ، چۈنكى ئادەم ھەرقانداق ئىگىز تاغقىمۇ چىقالايدۇ. دىمەكچىمەنكى ھەرقانچە چوڭ نەرسىمۇ ئادەمنىڭ ئىدىيىسىدەك چوڭ ئەمەس، ئالەم پايانسىزغۇ؟ بىراق مىنىڭ ئىدىيەم ئۇنىڭدىن مىلىيارد ھەسسە چەكسىزدۇر . شۇنىڭدەك ھەرقانداق ئەركىنلىك ئادەم ئىدىيىسىدەك ئەركىن ئەمەس، چۈنكى ھەرقانداق ئوي ـ پىكىر كاللامدا ئەركىن پەرۋاز قىلالايدۇ.
شۇنداق ئىكەن يەنە نىمىشقا «ئىدىيىنى ئازات قىلىش » كېرەك، يەنە «ئىدىيىنى ئازات قىلىش » شۇئارىنى توۋلاپ «ئىدىيىنى ئازات قىلىش » قا چاقىرىق قىلىمىز؟ بۇ ئارتۇقچە ئەمەسمۇ؟ دۇرۇس ، بۇنداق قىلىش توغىرا بولۇپلا قالماي بەلكى ناھايتىمۇ زۆرۈردۇر ، چۈنكى «ئىدىيىنى ئازات قىلىش » ئەمىلى قاراتمىلىققا ئىگە . بىرقىسىم كىشىلەرنىڭ كاللىسى تېخى ئازات بولمىغان ، ئىدىيەنى ئازات قىلىش ئۈچۈن چوقۇم كاللىدىكى قېلىپ ، توسۇق ، كونا ئىدىيىلەردىن ئازات بولۇش كېرەك، ھەم شۇنىڭ بىرلا ۋاقىتتا مىنىڭ ھىس قىلىشىمچە «ئىدىيىنى ئازات قىلىش » يەنە ئويلاشتا ،جۈرئەت بىلەن سۆزلەشتە ،قىلىشتا ئىپادىلىنىشى كېرەك. ئويلاشقىلا جۈرئەت قىلىپ سۆزلەشكە، قىلىشقا جۈرئەت قىلالماسلىق ۋە ياكى ئويلاشقا جۈرئەت قىلىپ تېشىغا چىقىرىشقىمۇ جۈرئەت قىلالماي ئويلىغان ئىدىيەنى قىلچىمۇ ئىپادىلىمىسە ئۇنداقتا ئىدىيەنى ئازات قىلىشتىن سۆز ئاچقىلى بولامدۇ؟ شۇڭا «ئىدىيىنى ئازات قىلىش » نى تەكىتلىگەندە چوقۇم «سۆزقىلىشنى ئازات قىلىش» نىمۇ بىرگە تەكىتلەش كېرەك.
ئوتتۇز يىللىق ئىسلاھات ـ ئېچىۋىتىشنىڭ مۇۋاپىقىيىتى مول ماددىي بايلىق يارتىشتىلا ئىپادىلىنىپ قالماستىن بەلكى كىشىلەرنىڭ تونۇش ئىقتىدارى ۋە تونۇش سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشىدە ئىپادىلىنىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا ھازىر قاتمال كاللىلار بارغانچە ئازلاۋاتىدۇ. شۇڭا كۆپىنچە ئەھۋال ئاستىدا ھازىرقى ھەممىدىن مۇھىم ھەل قىلىنىدىغان ئىش كىشىلەرنىڭ ئىدىيە ئازاتلىق پەرقىنىڭ چوڭلىق مەسلىسى، كاللىسىدىكى ئىدىيە بىلەن ئېغىزدىكى سۆزىنىڭ پەرقىنىڭ زورلىقى، ئويلاشقا جۈرئەت قىلىپ سۆزلەشكە جۈرئەت قىلالماسلىق مەسلىسى. خۇددى ئاركىس ھەم ئويلاپ ھەم سۆزلەپ (يىزىپ) ئەڭ ئاخىرىدا نەشىر قىلدۇرغاندەك. ئەگەر ئاشكارا نەشىر قىلدۇرۇشقا پۇرسەت بەرمىسەك بۇدۇنيادا يەنە ماركىسىزىم مەۋجۈت بولالامتى؟ بۇ «ئىزىم» بەلكى ماركىسنىڭ كاللىسى ئىچىدە مەڭگۈلۈك يۇشۇرنۇپ ئۇنىڭ بىلەن قەبرىگە كىرىپ كەتكەن بولاتتى.
شۇڭا «ئىدىيىنى ئازات قىلىش » نىڭ مۇھىم قەدىمى «سۆز قىلىشنى ئازات قىلىش » يەنى سۆزقىلىش ئەركىنلىكى بولىشى كېرەك . سۆزقىلىش بولمىسا ،سۆزلەش ۋە يىزىش بولمىسا ئىدىيە ئىپادىلەنمەيدۇ، يەنى ئىدىيە يوق دىگەنلىك. «ئىدىيىنى ئازات قىلىش » چاقىرقىنى كۈچىمىزنىڭ بارىچە تەكىتلەپ سۆزقىلىشنى ئازات قىلمىساق ، ئەركىنلىك بەرمىسەك، سۆزلىگەنلەر جىنايەتچى بولۇپ قالسا ئۇچاغدا ئاتالمىش «ئىدىيىنى ئازات قىلىش » قۇرۇق ئازاتلىق ،يالغان ئازاتلىق بولۇپ قالىدۇ.
ئۇزاق تارىختىن بۇيان بىزنىڭ دۆلىتىمىز ۋە مىللىتىمىزدە پەيلاسوپلار ناھايتىمۇ ئاز بولغان ، يېقىندا بىر ماقالىدا غەزەپلەنگەن ھەم ئازاپلانغان ھالدا جۇڭگۇ پەيلاسوپلار چىقىشقا لايىق ئەمەس دىيىلگەنلىكىنى كۆردۈم. بۇسۆز ئاڭلىنىشقا ئادەمنى ناھايتى بىسەرەمجان قىلسىمۇ ، قۇلاققا مۇش ئۇرغاندەك ئاڭلانسىمۇ كەمىنە قەلەم تەۋرەتكۈچى بۇنى ماقۇللىماي تۇرالمايمەن . بىزە پەيلاسوپلارنىڭ ئاز بۇلىشى ، بولۇپمۇ ئۇلۇغ پەيلاسوپلارنىڭ ئاز بولىشى ئاساسلىقى ئىدىيەنىڭ ئازات بولماسلىقىدا ئەمەس بەلكى سۆزقىلىشنىڭ ئازات بولمىغانلىقىدا. سۆز قىلىش ئەركىنلكى بولمىسا، كىشىلەر ئۆز كۆڭلىدىكىنى يەنى «ئىدىيە» نى سۆزلىيەلمىسە ، يازالمىسا ياكى شۇنىڭغا جۈئەت قىلالمىسا قانداقمۇ ئازات قىلالىسۇن؟ ئويلاپ باقايلى ئىككى مىڭ يىللىق تارىختىن بۇيان چىن شىخۇاڭنىڭ كىتاپ كۆيدۈرۈشىدىن چىڭ سۇلالىسىنىڭ «يىزىق گۈندىخانىسى» غىچە قارىلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن ،گۈندىخانىدا ئۆلگەن ئادەملەرنىڭ قايسى بىرى سۈزىدىن جىنايەتچى بولمىغان؟ يەنە كىيىنكى «ئوڭچىلىققا قارشى تۇرۇش» نۇرغۇن ئادەملەرنى ئوڭچىل ئۇنسۇر قىلىپ قويدى. مەدىنىيەت ئىنقىلابى تېخىمۇ كۆپ ئادەملەرنى ئۈچ خىل ئەكسىل ئىنقىلاپچى ۋە جىن ـ شاياتۇنلەر قىلىپ قويمىدىمۇ؟ سۆزلىگەنلىكى سەۋەبىدىن جىنايى جازاغا ھۆكۈم قىلىندىغان مۇھىت مۇتەپەككۇرنىڭ مەيدانغا كىلىشىگە زادىلا ماس كەلمەيدۇ !
ئەگەر ئىدىيەنىلا ئازات قىلىپ سۆزقىلىشنى ئازات قىلىشنى چەكلىسەك ، سۆزلەشكە خىلمۇ - خىل چەك قويساق ــــ بۇنى سۆزلەشكە بولمايدۇ، ئۇنىمۇ سۆزلەشكە بولمايدۇ؛ بۇ سۆز تىمسى بەكمۇ نازۇك ، ئۇسۆز تىمىسىمۇ نازۇك؛ بۇتىما خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىك ، ئۇ تىمىمۇ خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىك دىسەك ئۇھالدا كىشىلەر ئوڭ ـ سولغا قاراپ خۇددى نىپىز مۇزنىڭ ئۈستىدە تېيىلغاندەك ، گىپى تۈگمەي تۇرۇپ خەقنىڭ چىرايىغا قارايدىغان ئەھۋال كۆرۈلسە يەنە قانداقمۇ «ئىدىيىنى ئازات قىلغىلى » بولسۇن ! بۇنداق ئەھۋالدا «ئىدىيىنى ئازات قىلىش » نىڭ چاقىرقى يۈزمىڭ گىرتس يۇقۇرلۇقتا توۋلانسىمۇ بۇ « ئازاتلىق» سۇدىكى ئاي ، ئەينەكتىكى گۈلدەك ئېغىزدىكى قۇرۇق بىلجىرلاشقا ئايلىنىپ قالىدۇ.
كونىلاردا « قۇش ئورماننى ، بېلىق دەريانى سېغىنار» دىگەن تەمسىل بار . گەرچە قۇش قەپەزدە ،بېلىق كۆلچەكتە يۈرسىمۇ ئوخشاشلا كۆڭلىدە ئەسلى ماكانىنى سېغىنىدۇ. قەپەزنى ئىچىپ قۇشنى كەڭىرى ئورمانغا قۇيۇۋەتسەك ئاندىن ھەقىقى ئازات بولغان بۇلىدۇ . بىلىقمۇ ئوخشاش .ئاەمنىڭ سۆز قىلىشى ئەركىن بولسا ، سۆزلىگۇچى گۇناھكار بولمىسا خۇددى قۇش بىلەن بىلىق ماكانىغا قايتقاندەك ئىدىيەمۇ تەبىئى ھالدا چۇقۇم ئازات بۇلىدۇ .
سۆز قىلىش قانچىلىك دەرىجىدە ئازات بولسا ئىدىيە ئازاتلىقىمۇ شۇ دەرىجىدە ئىپادىلىنىدۇ .سۆز قىلىش ئازادلىققا ئىرشمەي تۇرۇپ ئىدىيە ئازاتلىقىنى تەكىتلەش بۇ خۇددى قۇش قەپەزگە ، بىلىق كۆلچەككە قامىلىپ مەڭگۇ ئازاتلىققا ئىرىشەلمىگەنگە ئوخشاش . شۇنداقلا ئازاتلىق دىگەندىن سۆز ئىچىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس .
(قىسقارتىلدى )
ئاپتۇرى :چىن خەي فىلىيەتۇنلار ئايلىق ژورنىلى 2008-5
|