يىغىن نامى : ئىدارىنىڭ ئىشخانا يىغىنى
يىغىن ۋاقتى xxxx ـ يىلىxx -ئاينىڭxx -كۈنى
يىغىن ئورنى : ئىدارە يىغىن زالى
خاتىرلىگۇچى :شىيا خۇ جىياۋ
قاتناشقۇچىلار : جاۋ ئىدارە باشلىقى،چىيەن ئىشخانا مۇدىرى، سۈن بۈلۈم باشلىقى ، لى كاتىپ
سۆز قىلىش خاتىرىسى :
چىيەن ئىشخانا مۇدىرى : بۈگۈنكى بۇ يىغىنغا ئەسلى جاۋ ئىدارە باشلىقى رىياسەتچىلك قىلماقچى بولغان ، بىراق ئازىراق ئىشى چىقىپ قالغاچقا مەن ئاۋال رىياسەتچىلىك قىلغاچ تۇراي، ھېلى جاۋ ئىدارە باشلىقى قايتىپ كەلگەندە تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا كۆرسەتمە بىرىپ خۇلاسە چىقارسۇن. بۈگۈنكى يىغىندا ئاساسلىقى ۋاقىتلىق يۆتكەپ ئىشلىتىۋاتقان شىياۋ ۋاڭنىڭ ئىشلىتىلىش ۋاقتى توشقاندىن كىيىن ئېلىپ قېلىش ياكى قايتۇرۋىتىش مەسلىسىنى مۇزاكىرە قىلىمىز. مەن ئاۋال ئۆز كۆز قارىشىمنى سۆزلەپ باقاي، بۇ يولداشنىڭ ئىدارىدىكى ئپادىسى ئادەتتىكىچە ، بىر نەچچە قېتىم رەھبەرلەر تاپشۇرغان ۋەزىپىلەرنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالماي بەكمۇ ناچار تەسىر پەيدا قىلدى . مىنىڭچە ئۇ ئىدارىمىزدا ئىشلەشكە ماس كەلمەيدۇ، ئەسلىدىكى ئورنىغا قايتۇر ۋىتىش كېرەك.
سۈن بۈلۈم باشلىقى: چىيەن ئىشخانا مۇدىرىنىڭ دىگەنلىرى توغىرا ، شىياۋ ۋاڭنىڭ خىزمەت پوزىتسىيىسى دۇرۇس ئەمەس. ياسىنىشقا بەكمۇ ئەھمىيەت بىرىدۇ، يەنە كىلىپ ئۇ قىز دائىم يېرىم يالىڭاچ كىيىملەرنى كىيىۋالىدۇ، ئورگان كادىرلىرىغا ئازىراقمۇ ئوخشىمىغان . مەن چىيەن بۈلۈم باشلىقىنىڭ پىكىرىنى قوللايمەن.
لى كاتىپ : شىياۋ ۋاڭ بەكلا ھاكاۋۇر، دائىم خىزمەتداشلىرى بىلەن زىددىيەتلىشىپ قالىدۇ، كۆپچىلىك ئۇنىڭدىن بەكمۇ بىزار بولۇپ كەتتى. رەھبەرلەرنىڭ بۇ قارارى ئاممىنىڭ رايىغا بەكمۇ ئۇيغۇن بولدى.
(جاۋ ئىدارە باشلىقى يىغىن مەيدانىغا كىرىپ كەلدى)
جاۋ ئىدارە باشلىقى : سەت بولدى ئازىراق بىرتەرەپ قىلىدىغان ئىش بىلەن كىچىكىپ قالدىم. كۆپچىلىك شىياۋ ۋاڭنىڭ ئىشىنى مۇزاكىرە قىلىپ بولدۇڭلارغۇ دەيمەن. بايا ئالدىراشچىلىقتا كۆپچىلىك بىلەن باش قوشۇۋالمايلا چىقىپ كىتىپ قاپتىمەن، مىنىڭچە يولداش شياۋ ۋاڭ ئاز تېپىلىدىغان تالانت ئىگىسى. ئىشنى جايىدا بىجىرىدۇ، خاراكتىرى ئۆزگىچە ، ياش يولداشلارنىڭ ئۈلگىسى بولۇشقا مۇناسىپ. ئەلۋەتتە، ئوچۇقىنى ئېيتقاندا بۇ يولداشنىڭمۇ بەزى يىتەرسىزلىكلىرى بار ، ياش ئەمەسمۇ، توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ.
چىيەن ئىشخانا مۇدىرى: جاۋ ئىدارە باشلىقىنىڭ ئېيتقانلىرى ناھايتى ئورۇنلۇق بولدى. يولداش شىياۋ ۋاڭنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىلىكىنى ئەتىراپلىق تەھلىل قىلدى. مەن يولداش شىياۋ ۋاڭغا بولغان چۈشەنچەمگە ئاساسلىنىپ مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن شۇنى دىمەكچىمەنكى جاۋ ئىدارە باشلىقىنىڭ تەھلىلى تولىمۇ جايىدا ، ناھايتىمۇ ئەمىلىيەتكە ئۇيغۇن . مەن جاۋ ئىدارە باشلىقىنىڭ پىكىرىگە تامامەن قوشۇلىمەن .
سۈن بۈلۈم باشلىقى : يولداش شىياۋ ۋاڭ خىزمەت قىلىشنىمۇ تۇرمۇش كەچۈرۈشنىمۇ بىلىدۇ، يەنە كىلىپ تۇرمۇشنىڭ ئىنچىكە ھالقىللىرىنى خىزمەت بىلەن بىرلەشتۈرۈپ خىزمەت مۇھىتىنى تېخىمۇ ئازادە ، تېخىمۇ ئىللىق تۇيغۇغا ئىگە قىلدى. يولداش شىياۋ ۋاڭنىڭ خىزمەت قىزغىنلىقى دەل بىزدىكى ئەڭ كەم بولىۋاتقان نەرسە. ئۇنىڭ ئىدارىمىزدە داۋاملىق ئىشلىشى بىز ئۈچۈن تولىمۇ زۆرۈر.
لى كاتىپ : شىياۋ ۋاڭ يولداشلار بىلەن ئىتتپاق، كوللىكتىپنى قىزغىن سۈيىدۇ، باشقىلارغا خۇشاللىق بىلەن ياردەم بىرىدۇ. ھەممەيلەن ئۇنى تولىمۇ ياقتۇرىدۇ، ھەم ئۇنىڭ قىپقېلىشىنى ئۈمىت قىلىدۇ. جاۋ ئىدارە باشلىقىنىڭ خىزمەتچىلەربىلەن قان بىلەن گۆشتەك يېقىن بولۇپ ، ئىختىساسلىقلارنى ئەتىۋالايدىغان روھىدىن بىز بەكمۇ تەسىرلەندۇق .
جاۋ ئىدارە باشلىقى : قارىغاندا كۆپچىلىكنىڭ پىكىرى بىردەككەن ، ئەمسە شۇنداق بىكىتتۇق . شىياۋ ۋاڭ داۋاملىق ئىشلەۋەرسۇن . يىغىن تۈگدى.
ئاپتۇرى : گو ۋىن تاۋ دەۋىر فىلىيەتۇنلار تورى
|