ساقچىخانا باشلىقى بايرام ئوتكۇزگەچ دىھقاننىڭ كۆزى ئوچۇق كەتتى

ئەنخۇي ئۆلكىسى تەيخى ناھىيە گۇەنجى بازىرىدىكى ياش دىھقان گاۋ شۇەي بازارلىق يەر باشقۇرۇش پونكىتىنىڭ باشلىقى بىلەن زىدىيەتلىشىپ قالغاچقا بۇ يىل 2‏- ئاينىڭ 6‏- كۇنى شۇ جايدىكى ساقچىخانا تەرىپىدىن ئۆيىدىن ئىلىپ كىتىلگەن 3‏- ئاينىڭ2‏- كۇنى 25 ياشلىق گاۋ شۇەي يۇرەك كىسىكى قوزغۇلۇپ ۋاقتىدا داۋالاش ئىلىپ بىرىلمىغانلىقتىن تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا كۆزى ئوچۇق ئولۇپ كەتكەن ( بىيجىڭ كۇڭۇل ئىچىش ئۇچۇر گېزىتى7 ‏-ئاينىڭ 6‏-كۇنىدىكى سانى ) .
ئولۇپ قىلىشتىن بۇرۇن يەنى 2‏-ئاينىڭ 27‏-كۇنى ئۇنىڭ كىسىلى قوزغۇلۇپ قالغانلىقتىن دوختۇرخانىدا جىددى قۇتقۇزۇلغان . دوختۇرخانىمۇ كىسەل سەۋەبىنى «رىماتىزىملىق يۇرەك كىسىلى ،ئىغىر تىپلىق كىلاپان تارىيىش قاتارلىق ئالامەتلەر » دەپ دىئاگۇنۇز قۇيۇپ تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدىن گاۋ شۇەينى يۇرەك كىسەللىكى بۇلىمىدە ياتقۇزۇپ داۋالىتىشنى تەلەپ قىلغان . بىراق ئادەمنىڭ ھاياتىغا تاقىشىدىغان بۇنداق ئىشتىمۇ تۇتۇپ تۇرۇش ئورنى خۇددى بۇرنىدىكى چىۋىننى قورىغاندەك يا ئۇنى دوختۇرخانىدا ياتقۇزۇپ داۋالاتمىغان ياكى ئائىلىسىدىكىلەرگە ئۇقتۇرۇپ قويمىغان . دىگەندەك ئىككى كۇندىن كىيىن گاۋ شۇەي تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا كۇزى ئوچۇق كەتكەن .
ساقچىخانا گەرچە گاۋ شۇەينى «ئولتۇرمىگەن » بولسىمۇ ، ساقچىخانىنىڭ خىزمەتتە مەسئۇليەتسىزلىك قىلىشىنى ئۇنىڭ ئولۇمىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ . ئوچۇقلا تۇتۇپ تۇرۇشقۇ ،دۆلەت قانۇنىدا پەقەت ئۇچ كۇنلا تۇتۇپ تۇرۇشقا بولىدۇ دەپ بىكىتىلگەن تۇرسا گاۋ شۇەي قاماقخانىدا بىر ئاي تۇتۇپ تۇرۇلغان . گاۋ شۇەينىڭ ئادۇۋكاتى ئىنىق قىلىپ پاكىت ـ ئاساس ۋە نارازىلىق بىلدۇرگەن بولسىمۇ ساقچىخانا ئوزى بىلگەننى قىلغان .دۆلەت قانۇنىنى قىلچىمۇ نەزەرگە ئالمىغان .ئدەمنىڭ تىخىمۇ ئوغىسىنى قاينىتىدىغان يىرى شۇكى گاۋ شۇەن ئۆلۇپ ئىككى كۇندىن كىيىن بۇ ساقچىخانىنىڭ باشلىقى «گۇناھىنى تۇنۇپ » گاۋ شۇەننى ۋاقتىدا قۇيۇۋەتمىگەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى ئەسلىدە بايرامدىن بۇرۇن قۇيۇپ بەرمەكچى بولغان لىكىن بايرام بۇلۇپ كىتىپ قالدى دەپ چۇشەندۇرگەن ، « بايرام ئەمەسمۇ ، ئالدىراش بۇلۇپ ۋاقىت چىقمىدى » نىمىدىگەن قاملاشمىغان ، كۇلكىلىك باھانە ـ ھە !
ئۆزى بايرام ئويناپ گۇناسىز ئادەمنى قاماقخانىغا سولاپ قۇيۇپتۇ . قىنى ئۇ مەسئۇلىيەت ،نىمە ئۇ ئىنسانىي ھۇقۇق ، نەدە ئۇ قانۇن ؟ بايرام ئۆتكۇزۇش ئۇچۇن ھەممىسى بىر ياققا قايرىپ قۇيۇلسا ـ ھە ! گۇناكار ساقچى باشلىقىنىڭ نەزىرىدە ئادەم ئەمەس ئىكەندە ؟ شەپقەتسىزلىك بىلەن بايرام ئۆتكۇزۇش ھۇقۇقىدىن ئايرىلسا ،ھەتتا كىسەك كۆرسۇتۇش ھۇقۇقىمۇ تارتىۋىلىنسا !
گەپكە كەلسەك ، «بايرامدا ئالدىراش » دىگەننى بىر سەۋەپ دەپ قارساق ئۇنداقتا بايرامدىن كىيىنچۇ ؟ ساقچىخانىنىڭ جاۋابى «ناھايتى تىزلا قۇيۇپ بىرىمىز ، ئۆيگە قايتىپ يۇەنشىياۋ بايرىمى ئوتكۇزىدۇ » ،بىراق يۇەن شىياۋ بايرىمى( 2-ئاينىڭ 23- كۈنى ) دىن كىيىن گاۋ شۈەي يەنىلا قاماقخانىدا تۇتۇپ تۇرۇلغان . بۇنىڭدىن «ئالدىراشلىقنىڭ» ئادەمنى قويىۋەتمەسلىكنىڭ سەۋەبى ئەمەسلىكىنىكۆرىۋالماق تەس ئەمەس .ئەمسە نىمە ئۇچۇن قايتا ـقايتا كەينىگە تارتىپ قۇيۇۋەتمەيدۇ ؟
بىز بىلىمىز ، بۇرۇن جەمئىيەتتە « كىرىش ئوڭاي ، چىقىش تەس » دىگەن بىر سۆز تارقىلىپ يۇرگەن ، يەنى ساقچىخانىغا كىرىپلا قالسا ئىش چىقاغان بولسۇن بولمىسۇن ، چاتىقى چوڭ بولسۇن بولمىسۇن چىقماق قىيىن . كۆپىنچە يەرلەردە ساقچىخانا ئادەمنى ئوڭايلا ئەكىرىپ كەتكىنى بىلەن چىقىرۋەتمىكى بىر قىينىغا توختاپ كىتىدىكەنكى . بۇلۇپمۇ ھىيىت ـ بايراملار ئۇلارنىڭ ئەڭ ياخشى « ھۇسۇل يىغىۋالىدىغان پەسلى » ، خۇددى « پۇلى بولسا نە راھەت ئۆيدە ئۆتەر بايرىمى ، پۇلى يوققا نىم كەپتۇ گۇندىخانا ياتىقى » دىگەندەكلا .
ئۇلار ئادەمنى قۇيۇۋەتمەي تۇرۋالماقچى ئەمەس بەلكى قايتا ـ قايتا « پات ئارىدا قۇيىۋىتىدىغانلىقى» نى ئەسكەرتكەن .ئەيىپلەشكە توغرا كەلسە ياۋاش ، ساددا ، خىجىلچان گاۋ ئائىلىدىسىكىلەرنىڭ ساقچىخانىدىكىلەرنىڭ كوڭلىدىكىدەك ئىشنى ئەپلەشتۇرەلمىگەنلىكىدىن كۇرۇش كىرەك .سىرىتقى ئامىللارنىڭ كۇچلۇك تەسىرىگە بولسا گاۋ شۇەينى كۇتۇپ تۇرغىنى يەنىلا چىكى يوق « تۇتۇپ تۇرۇش » بولاتتى (قوش تىرناققا ئالغنىمنىڭ سەۋەبى ئۇچ كۇندىن ئاشقان تۇتۇپ تۇرۇش ئۇ تۇتۇپ تۇرۇش بولماي قالىدۇ) .
«ساقچىخانا باشلىقى بايرام ئۆتكۇزگەچكە ،دىھقاننىڭ كۆزى ئۇچۇق كەتكەن » بۇ ھەرگىزمۇ بىر قىتىملىق تاساددىبىيلىق ئەمەس . ئۇنىڭ ئەكىس ئەتتۇرۇپ بىرىدىغىنى دەل بىر قىسىم قانۇن ئىجىرا قىلىش ئاپپىراتلىرىنىڭ قانۇننى ئۆلچەم قىلماي ، قالايمىقان قانۇن ئىجىرا قىلىپ ، شەخىس ئۇچۇن قانۇن ئىجىرا قىلىدىغان ،ئۆزى ئۇچۇن قانۇن ئىجىرا قىلىدىغان چىرىك ھادىسسى .قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش چۇقۇم قانۇن ئىجىرا قىلىش دىگەن ئاتاقتىن چىگىرىسىنى ئايرىپ ، قانۇنغا خىلاپلىق جىلغۇچىلار تىگىشلىك بەدەل تۆلىشى كىرەك .شۇندىلا قانۇننىڭ ئابۇرۇيىنى تىكلەپ ، قانۇننىڭ ھەقىقى قوغدۇغۇچىلىق رۇلىنى نامايەن قىلغىلى بۇلىدۇ .

ئاپتۇرى : بو يى فىي         جۇڭخۇا فىلىيەتۇنلار تورى