خىيانەتچى ئەمەلدار بىلەن چاشقان زادى قايسى قايسىغا ئوخشايدۇ؟

كىشىلەردائىم خىيانەتچى ئەمەلدارنى چاشقانغا ئوخشىتىدۇ.لىكىن خىيانەتچى بىلەن چاشقان راستىنلا ئوخشامدۇ؟ كەمىىنە بىر-بىر دىن بايان قىلىپ ئۆتەي:
چاشقان بىلەن خىيانەتچى ئوخشاش ھەممىسى كېچىلىك تۇرمۇشنى ياخشى كۆرىدۇ.چاشقاننىڭ ئالاھىدىلىكى ھەمىشە ئىشنى ئالاقزادىلىك بىلەن ئوغۇرلۇقچە قىلىش،خىيانەتچىنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا ئوغۇرلۇقھەم ھىلىگەرلىك شۇنداقلا نەپسانىيەتچىلىك .
چاشقان بىلەن خىيانەتچى ئوخشاش، دائىم ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن گۇمانلىنىدۇ، شۇڭا ئولار ھەركەتلىنىشتىن بۇرۇن قۇلىقىنى دىڭ قىلىپ ئەتىراپتىكى شەپىنى كۈزىتىدۇ.
چاشقان بىلەن خىيانەتچى ئوخشاش، سەزگۈر بىراق بەكلا نەپسىگە ئامىراق،يەنە كىلىپ دائىم قانائەتچان قىياپەتكە كىرىۋالىدۇ.
چاشقان بىلەن خىيانەتچى ئىككىسى ئوخشاشلا يۇقىرىغا يامىشىشقا ئۇستا، ئوخشاشلا يۇشۇرنۇشقا ماھىر،ئىككىلىسىلا ھارامنى يىيىشنى ياخشى كۆرىدۇ،ئككىلىسى ئائىلىسىدىن ياخشى خەۋەر ئالىدۇ.چاشقان بىلەن خىيانەتچى ئوخشاشلا نامۇۋاپىق ۋاستىدىن پايدىلىنىپ قولغا كەلگەن نەرسىدىن كۆڭلى ئەمىن تېپىۋىرىدۇ. چاشقان بىلەن خىيانەتچى ئىككىسى ئوخشاشلا ئۆزى ياخشى كۆرگەن نەرسىگە كۆپىرەك كۆڭۈل بۆلىدۇ.
چاشقان بىرئەر كۆپ خوتۇنلۇق تۇرمۇش كەچۈرىدۇ شۇڭا پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى يۈرگۈزۈلمىگەن ئەھۋالدا ئۇھەر ئايدا بىر ئۇۋا بالا تاپىدۇ.خىيانەتچىمۇ بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق تۇرمۇشنى خالىغاچقا «ئۆيدىكى قىزىل بايراق يىقىلمىسىمۇسىرىتتا رەڭدار بايراق لەپىلدەيدۇ».
چاشقان كۆرەڭلەشكە ئامىراق، نەگە بارمىسۇن بىرتوپ بولىۋالىدۇ.خىيانەتچىمۇ كۆرەڭلەشكە ئامىراق ، نەگە بارسا ئالدى- كەينىدە چاپارمەنلىرى تەييار.
خىيانەتچى بىلەن چاشقان ئوخشاش،تەييارغا ھەييار بولۇشنى ياخشى كۆرىدۇ،بىراق چاشقان ئۆينىڭ ئۇلى، تامنىڭ يۇچۇقىدىكىنى تاپىدۇ.خىيانەتچىنىڭ تەييار تاپلىقىنىڭ خزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈش ياكى تەكشۈرۈپ تەجىربە ئالماشتۇرۇش دىگەندەك چىرايلىق ئىسىملىرى بار.
خىيانەتچى بىلەن چاشان ئوخشاش ناھايتى كۈچلۈك ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان،مەسىلەن: چاشقان چاشقان دورىسىدىن قورىقمايدۇ،ھەممە يەردە چاشقان دورىسى بولسىمۇ يەنىلا كۆرەڭلەپ يۈرىۋىرىدۇ. خىيانەتچى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتىتىدىن قورىقمايدۇ، ھازىر ھەرقانداق چوڭىراق ئىدارىلەرنىڭ ھەممىسىدە ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومتىتى بار،بىراق ئۇلار خىيانەتچىنى ئىنتايىن ئاز بايقايدۇ.
چاشقان بىلەن خىيانەتچى ئوخشاش ناھايتى مەككار،چاشقان قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۇۋىسىنىڭ ئەتىراپىغا ئۈچ - تۆت قېچىش ئېغىزى ئېچىپ قويىدۇ.خىيانەتچى قېچىش ئۈچۈن يېنىدا دائىم بىر - ئىككى پاسپورتنى ساقلايدۇ.
چاشقان بىلەن خىيانەتچى ئوخشاش كۆپىيىش ئىقتىدارى بەكمۇ كۈچلۈك، ھەرقانچە ياخشى چاشقان دورىسىمۇ چاشقانلارنى ئۆلتۈرۈپ تۈگىتەلمەيدۇ،ھەتتا ھەممە ھەركەتكە كىلىپ چاشقان يوقىتىش ھەركىتىنى قانات يايدۇرسىمۇ چاشقانلار يەنە پەيدا بولىۋىرىدۇ. ھەرقانداق قاتتىق تۈزۈممۇ خىيانەتچىنىڭ پەيدا بولىشىنى چەكلىيەلمەيدۇ،خىيانەتچىلەرنى شۇنچىۋالا جازالاپ تۇرسىمۇ يەنىلە بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى چىقىۋىرىدۇ.
چاشقان بىلەن خىيانەتچى ئوخشاش يوقىتىش بەكمۇ تەس ،ئۆيدىكى چاشقان ھەممە قاپقاننى يادا بىلىۋالغان، شۇڭا ھىچقايسىغا چۈشمەيدۇ. ئورگاندىكى خىيانەتچىگە تېخىمۇ ئامال يوق ،چۈنكى خىيانەتچى ئەمەلىي ھوقۇقنى قولغا ئېلىۋالغان.
چاشقان بىلەن خىيانەتچى ئوخشاش ھەممىسىنىڭ زىيىنى زور،مەسىلەن : چاشقاننىڭ ئىنسانلارغا زىيىنى كۆپ- ئاشلىق ئوغۇرلاش، كىيىلەرنى غاجىۋىتىشتىن باشقا يەنە چاشقان ۋىروسى تارقىتىدۇ. خيانەتچىنىڭ دۆلەتكە زىيىنى تېخىمۇ ئېغىىز- ئومۇمنىڭ پۇلىغا خىيانەت قىلىپ دۆلەت مەبلىغىنى ئسىراپ قىلىدۇ، ئەمەلدارلىق مەنسىپىنى سېتىپ ئادىل - باراۋەر بولۇش پىرىنسىپىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغاندىن باشقا يەنە جەمئىيەت تۈزۈلمىسىدە ناچار بولغان تەسىرنى پەيدا قىلىدۇ.

ئاپتۇرى: ۋۇ شۇ چۈن «نادىر قىليەتونلار»ژورنىلىدىن 2008 -7-<3>