بىز دىگەن ئاساسلىق تىلۋۇزىيە ئىستانىسىسنىڭ داڭلىق مۇخبىر ھەم رىياسەتچىسى.بۇ كەسپ بىلەن شۇغۇللانغىلى 20يىلدىن ئىشىپتۇ،زىيارەت جەريانىدا ئەزەلدىن يۇزۇمىزنى تۇكىدىغان ، چاتاق چىقىدىغان ئىش بولۇپ باقمىدى . نۇرغۇن چوڭ رەھبەرلەرنى ،داڭلىق رىژىسورلارنى ،كاتتا چولپانلارنى ، ھەشەمەتلىك پائالىيەتلەرنى ، ئىچىنىشلىق ئاپەتلەرنى ،ھەر ھەر سورۇنلارنى زىيارەت قىلىپ ھەر قىتىمدا زور نەتىجىلەرگە ئىرىشتۇق . بۇ ئىشنىڭ تەس دىگۇچىلىكىغۇ يوق ، مۇھىمى كاللا ئىشلىتىشتە .مانا بىز كۆپ يىللىق ئىزدىنىش ئارقىلىق زىيارەت قىلشنىڭ ئاجايىپ ئۇنۇملۇك ئۇچ نۇقتىسىنى تىپىپ چىقتۇق ، بۇ يەردە ئوتتۇرغا قۇيۇپ كەسىپداشلار بىلەن ئورتاقلاشساق دەيمەن :
بىرىنچى ، مۇكاپاتلانغان چولپاننى زىيارەت قىلىش
سۇئال :بۇگۇن ئوسكار مۇكاپاتىغا ئىرىشىپسىز ، خۇشال بولدىڭىزمۇ ؟
جاۋاپ : ناھايتى ھاياجانلاندىم ، تولىمۇ خۇشال بولدۇم ...
سۇئال :سىز سەنئەت بىلەن شۇغۇللۇنۇپ بۇگۇنگىچە ، ئاخىرى سەنئەت ساھەسىىكى ئەڭ كاتتا مۇكاپاتقا ئىرىشكىچە كىملەرنىڭ ياردىمىگە ئىرىشتىڭىز ؟
جاۋاپ :ئۇستازىم ، رىژىسۇر ، سىنارىست ، سىن ئالغۇچى ...
سۇئال : مۇشۇ تاپتا كىملەرگە ئەڭ تەشەككۇر بىلدۇرۇشنى ئويلاۋاتىسىز ؟
جاۋاپ : دادام ـئاپام ، يەنە رەھبەرلەر ، خىزمەتداشلىرىم ...
ئىككىنچى ، شىش تاپشۇرۇش مۇراسىمىنى زىيارەت قىلىش
سۇئال :قۇرۇلۇش ۋاقتىدا تاماملىنىپتۇ ، خۇشال بولدىڭىزمۇ ؟
جاۋاپ :بەكمۇ ھاياجانلاندىم ، تولىمۇ خۇشال بولدۇم ...
سۇئال : پۇتكۇل قۇرۇلۇش جەريانىدا قايسى تەرەپلەرنىڭ قوللىشىغا ئىرىشتىڭىز ؟
جاۋاپ : ھەر قاتلام رەھبەرلەرنىڭ ،يەرلىك ھۇكۇمەتنىڭ ،X ئىدارە Y باشقارما ...
سۇئال : بۇ مۇراسمدىن پايدىلىنىپ سىز كىملەرگە رەخمەت ئىيتىشنى ئويلىشىۋاتىسىز ؟
جاۋاپ : ھەر قايسى رەھبەرلەرگە ، قاتناشقۇچىلارغا ، قۇرلۇشچىلار ھەم ئۇلارنىڭ ...
ئۇچىنچى ،ئاپەتتىن ئامان قالغۇچىنى زىيارەت قىلىش
سۇئال : سىز خارابىلىق ئاستىدا 72 سائەت كۇمۇلۇپ قاپسىز ،ھازىر قۇتۇلۇپ چىقتىڭىز ، خۇشال بولدىڭىزمۇ ؟
جاۋاپ : ناھايتىمۇ ھاتاجانلاندىم ، بەكمۇ خۇشال بولدۇم ...
سۇئال : سىز خەتەردىن قۇتۇلۇپ ئامان قالدىڭىز ، كىملەرنىڭ سىزنى قۇتقۇزغانلىقىنى بىلەمسىز ؟
جاۋاپ : ئازاتلىق ئارمىيە ، پىدائىلار ...
سۇئال : ھازىر كىملەرگە رەخمىتىڭىزنى بىلدۇرگىڭىز بار ؟
جاۋاپ : ھۇكۇمەتكە رەخمەت ، شۇنداقلا خەلق ئازاتلىق ئارمىيىسىگە ، ...
تۆتىنچى ،قەھرىماننىڭ ئائىلە تەۋاباتلىرىنى زىيارەت قىلىش
سۇئال :يولدىشىڭىز قۇربان بولغاندىن كىيىن تىزلا ئىنقىلاۋى قۇربان ۋە قەھرىمان دەپ تەقدىرلەندى ، خۇشال بولدىڭىزمۇ ؟
جاۋاپ : ناھايتى ھاياجانلاندىم ، بەكمۇ ئىپتىخارلاندىم ...
سۇئال : يولدىشىڭىزنىڭ قەھرىمان بولىشى تاساددىبىلىق ئەمەس ، سىزچە ئۇ ئۆسۇپ يىتىلىش داۋامىدا قانداق يىتەكلەش ۋە ياردەملەرگە ئىرىشكەندۇ ؟
جاۋاپ : ئىدارنىڭ يىتەكلىشى ، تەشكىلنىڭ تەربىيىسى ...
سۇئال :قەھرىماننىڭ ئائىلە تەۋاباتى بۇلۇش سالاھىتىڭىز بىلەن كىملەرگە رەخنەت ئىيتىشنى ئويلاۋاتىسىز ؟
جاۋاپ : تەشكىلگە رەخمەت ، ئىدارىگە رەخمەت ...
مىسالنى مۇشۇ يەرگەىچە ئالاي ،ئەقىللىق بولسىڭىز مۇھىم نۇقتىللىرىنى چۇشۇنۇپ بولدىڭىز . بۇلارنى ئىچىڭىزە بىلسىڭىزلا بولىدۇ ، ھەرگىز سىرتتا سۆزلەپ يۇرمەڭ . ئادەتتىكى ئادەملەرگە مەنمۇ دەپ بەرمەيمەن تىخى .بىراق ئىسىڭىزدە بولسۇن بۇ خىل زىيارەت ئۇسۇلى چوڭلارغلا ماس كىلىدۇ ، ئۇششاق بالىلارغا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ .چۇنكى كىچىك بالا ئىش ئۇقمىغاچ راست گەپنى دەپ سالىدۇ .بىر قىتىم مەن ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش نۇقتىسىدىكى ئالتە ياشلىق بىر بالىنى زىيارەت قىلىپ بالا تىرىغىلى تاس قالغان : ئۇنىڭدىن قۇتقۇزۇش ئورنىدا يەيدىغان ئىچىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى تەلكەن ، خۇشال بولدىڭمۇ دەپ سورسام ، ئۇ خۇشال بولمۇدۇم دىدى .
ئادەتتە كىملەر كىلىپ كۇڭۇل بۇلۇپ تۇرۋاتىدۇ دەپ سورىسام ،ئۇ نەچچە كۇندىن بىرى ھىچىكىم كەلمىدى دىدى .ئۇنىڭدىن ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئورنىدا تۇرۋاتسەن ، كىملەرگە رەخمەت ئىيتقىڭ بار دەپ سورسام ، ئۇ كۆزلىرىنى چىمچىقلىتىپ مەندىن قايتۇرۇپ سوراۋاتمامدۇ : ــ كىم مىنى ئالغىلى كەلسە شۇنىڭغا ئاندىن رەخمەت ئىيتمامدىم ؟
ئاپتۇرى : گەن چۇەنبىڭ جۇڭخۇا فىلىيەتۇنلار تورى
|