مەلۇم يىگىرمە نەچچە كىشلىك كىچىكىنە بىر ئىدارە ئۇچيۇز مىڭ يۇەن خەجلەپ بىنانىڭ كىرىش ئىغىزىنى ئۆزگەرتكەن ،بارلىق تاملارنى قايتا ئاقارتقان ،قۇرۇلۇش كۆلىمى كۆپچىلىكنى ھەيران قالدۇرۇپ ھەر خىل پەرەزلەنى قىلشقان .ئىش تۇگكەندە يۇقىرى رەھبەرلىك بۇ ئىدارىغا كىلىپ يىغىن ئاچقان ، كۆپچىلىك شۇندىلا سەۋەبىنى چۇشەنگەن، ئەسلىدە بۇلارنىڭ ھەممىسى رەھبەرلەرگە كۆرسۇتۇش ئۇچۇنكەن ئەمەسمۇ . ھەممەيلەن غۇدۇڭشۇپ ئارقىدىن مىڭنى تىللاشقان .
بۇ خىل پۇرسەتپەرەسلىك ، چۇشەنگىلى بولمايدىغان ھەركەت دۆلىتىمىزدە خۇددى ئۆرۇپ ـ ئادەتتەكلا بۇلۇپ قالدى .قەدىمدىن تارتىپ بۇنداق ئىشلارنىڭ ئايغى ئۇزۇلمىگەن .كەڭ ئىقلىمنىڭ شىمالىدىن تا جەنۇبىغىچە رەھبەرگە بىر كۆرستىۋىلىش ئۇچۇن بۇنداق زور بەدەل تۇلەيدىغانلار ھەممىلا يەردە مەۋجۇت ، سان ـ ساناقسىز .
بىر نامىرات كەنىت رەھبەرلىكنىڭ كۆزدىن كەچۇرۇشىنى كۇتۇۋىلىش ئۇچۇن يىگىرمە مو شاللىقنى ئۆزگەرتىپ قايتا تىرىغان ،يىغن زالى سالغان ،يىڭىدىن ئۇستەل ـ ئورۇندۇق سىتىۋالغان ،كەنىت يۇلىنى كىڭەيتكەن ، جەمئى ئىككى يۇز يەتمىش مىڭ يۇەن كەتكەن . رەھبەر كىلىپ شاللىقتا ئۇچ مىنۇتلا تۇرغان ،يىغىن زالىدىمۇ ئون مىنۇتتەك ئولتۇرغان . ئىككى يۈز يەتمىش مىڭ يۈەن شۇنداق قىلىپ تۈگكەن . ئانچە باياشات بولمىغان بۇ كەنىتكە نسبەتەن بۇ دىگەن زور بىر چىقىم ـ دە ! رەھبەرگە بىر كۆرسىتىۋېلىش ئۈچۈن كەنىتتىكى بارلىق ئەمگەك كۈچىنىڭ ئۈچ يىللىق كىرىمىنى خەجلىۋەتكەن . رەھبەر كەتكەندىن كىيىن دىھقانلار بەكمۇ ئازاپلانغان ھالدا بۇ رەھبەر نىزنىڭ جېنىمىزنى ئالغىلى كەپتىكەن ئەمەسمۇ دىيىشكەن.
يېڭى بىر سۇ ئامبىرى سۇ قۇيۇپ بەرمەكچى بولغاندا رەھبەرلەر كىلىپ لىنتا كىسىپ تەبىرىكلىمەكچى بولغان . تاغ باغىرىدا رەھبەرگە سۆز قىلىدىغان سەھنە ھازىرلاش ئۈچۈن تاغنى تۈزلەپ سەھنە قوراشتۇرۇشقىلا ئۇچ يۇز ئوتتۇر مىڭ يۈەن كەتكەن . رەھبەر ئۇ كۈنى سەھنىگە چىقىپ xx سۇ ئامبىرىنىڭ سۇ قويۇپ بەرگىنىنى تەبىرىكلەيمىز! دىگەن بىر جۈملە سۆزنى قىلىپلا سەھنىدىن چۈشۈپ كەتكەن. جەمئى ئون ئېغىزغىمۇ يەتمەيدىغان سۆزنىڭ ھەربىرى ئوتتۇز ئۈچ مىڭ يۇەنگە توختىغان ئالتۇندەك ئېغىزدىن تۆكۈلگەن تىللادەك ئىبارىلەرقدىگەن شۇ.
تېخىمۇ ھەيران قالارلىقى مەلۇم رەھبەرنىڭ تاغ مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىشى ئۈچۈن بىر مىلىيۇن يۈەن خەجلەپ، قارا ماي يول ياسسىتىپ رەھبەرنىڭ ماشىنىسىنىڭ سىلكىنىپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئالغان.
مەلۇم كارخانا ئۆلكە رەھبەرلىرىنىڭ كۆزدىن كەچۈرۈشكە كىلىدىغىنىنى ئاڭلاپ سەككىز مىلىيۇن يۈەن چىقىم قىلىپ يول، سىخ قاتارلىقلارنى قايتا رىمۇنىت قىلدۇرغان، مۇھىتنى كۆركەم قىلىش ئۈچۈن تىزىدىغان گۈل سېتىۋېلىشقىلا تۆت يۈزمىڭ يۈەن خەجلەنگەن.
مەلۇم شەھەر رەھبەرلەرنى كۈتىۋېلىش ئۈچۈن زىيارەت قىلىندىغان بارلىق ئورۇنلارنى بىر قۇر ئالدىن تۈزەشتۈرۈشكە ئوتتۇز مىلىيۇن خەجلىگەن، شۇغىنىسى رەھبەرلەر كەلگەندە ۋاقىت قىس بولۇپ قالغاچقا خۇددى ئات مىنىپ گۈل تاماشا قىلغاندەك چالا ـ پۇلا كۆرۈشكە ئاران ئۈلگۈرگەن. ئامما: رەھبەرلەر بۇ كىلىشىدە ھەرقەدىمىدە يۈز يۈەنلىك پۇلنى دەسسەپ ماڭدى جۇمۇ! دىيىشكەن.
يۇقۇردىكىلەرنىڭ قىلىغىنى پەستىكىلەر ئۈگۈنۈپتۇ دىگەندەك ، رەھبەرلەرنىڭ بۇنداق يۈزەكى ئىشلىرى بەك كۆپۈيۈپ كەتتى. ھەر دەرىجىلىكلەر ،ھەر بىر ئۆلكە ـ شەھەر ، رايۇن ـ ناھىيە، يېزا ـ كەنىتلەرنىڭ ھەممسى خەلىقنى زىيانغا ئۇچىرىتىدىغان بۇنداق ئىسىراپچىلىقنى قىلىپ باققان. بىرەر رەھبەرنى كۈتىۋېلىش ئۈچۈن نۇرغۇن چىقىم قىلىشقان، بىراق رەھبەر كىلىپ مۇنداقلا كۆز يۈگۈرتۈپ قويغان خالاس.
ئىسىراپچىلىق بولماسلىق ئۈچۈن كىشىلەر بىرقېتىملا ئىشلىتىدىغان چوكا، تاماق قاچىسى، ئىستاكان قاتارلىقلارنى ئىشلىتىشكە قارشى تۇرغان. ھەر بىر تىيىن پۇلنى تىجەش ، ھەر بىر سۇڭ يەرنى قوغداش ئۈچۈن خەلق بارلىق تىرىشچانلىقىنى كۆرسەتكەن. بىراق «رەھبەرلەرنىڭ كۆرۈشى ئۈچۈن » قۇرلۇشى ئازايماقتا يوق تېخىمۇ ئەۋىج ئېلىپ كىتىۋاتىدۇ.
ھازىر يۇقىرى رەھبەرلىك تۆۋەنگە چۈشسىلا تۆۋەندىكىلەر ناھايتى كۈچەپ پۇلنى بولىشىغا خەجلەش بىرخىل شامالغا ئايلىنىپ قالدى، مەقسىدى «رەھبەرلەرنىڭ كۆرۈشى ئۈچۈن» .
ئەستايىدىل كۈزەتسەك بىزنىڭ كۆز بوياش قۇرلۇشىمىز، شەكىلۋازلىق قۇرلۇشلىرىمىز ھەقىقەتەنمۇ كۆپ، ئىسىراپچىلىقى ئادەمنى چۈچىتىدۇ. ئۇ ئاممىنىڭ ئويلىغىنىدىنمۇ كۆپ ئېشىپ كەتكەن، دۇنيادا ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇشقا مۇناسىپ.
ئاپتۇرى : شىڭ جۇ بېيجىڭ كەچلىك گېزىتى
|