4-ئاينىڭ 5-كۇنىدىكى «لىيۇۋ جۇۋ كەچلىك گىزىتى» گە بىسىلغان «بۇنداق ئوخشاتمايمىز » دىگەن تىمىدىكى ماقالە « چەتئەلگە تەلپۇنۇش » ھادىسىسىنى تەنقىت قىلشتا دەل جايىغا تەگدى .ئەسلىدە بۇيەردە سۆزلەپ ئولتۇرمىساممۇ بولاتتى، بىراق مەلۇم بىر ئاخشىمى مەركىزى تىلۋۇزىيە ئىستانىسىسنىڭ سەنئەت نۇمۇرىدا « لىياڭ جۇ » نى جۇڭگۇنىڭ « رومىئو ۋە جۇلىتتا »سىغا ئوخشۇتۇپ چۇشەندۇرگەنلىكىنى ئاڭلاپ كوڭلۇم بەكمۇ يىرىم بولدى .ئوخشۇتۇش دىگەن بۇ نەرسە بىر خىل ئىپادىلەش شەكى ھەم تىل ۋاستىسى ، ئۇنى ئىشلەتمەيدىغان ئادەم ،ئىشلەتمەيدىغان ئورۇن يوق . بىراق بىر شەرتى ئەسلىسى بىلەن ئوخشۇتىلغىنى ئوخشىشى كىرەك ، بولمىسا جۆيلىگەنگە ئوخشاش .ئوخشۇتۇش سەل ئاقساق بولسىمۇ ، بىر پۇتى ئۇزۇن يەنە بىرى قىسقا بۇلۇپ قالسىمۇ بۇلىۋىرىدۇ .مەن ۋىنىتسىيىگە بىرىپ باقمىغان بىراق جۇزىچىڭنىڭ ساياھەت خاتىرىسى ۋە تىلۋۇزۇردا كۆرگەن .سۇجۇغا بولسا بىرىپ باققان ، شەھەر ئىچىدە ھەر تەرەپكە كەتكەن ئىقىنلار بولسىمۇ ئەمما سەل كىچىك ، ۋىنىتسىيە بىلەن ئپەرقى بەك چوڭ .دەريا ـ ئىقىنلىرىنى ئوخشاتساق بولىدۇ بىراق سۇجۇنى شەرىقتىكى ۋىنىتسىيەگە ئوخشاتساق بەكمۇ زورىغا ئوخشاتقان بولۇپ قالىمىز .يەنە لىياڭ جۇ نىڭ ھىكايىسى بەكمۇ گۇزەل ، مىللى پۇراققا ئىگە . بىلمىدىم ئەنگىليەلىكلەرمۇ ئەدەپ ـ قائىدە يۇزىسىدىن رومىئو بىلەن جۇلىتانىڭ سۆيگۇ تىراگىدىيەسىنى غەرىپنىڭ لىياڭ جۇ سى دەپ شەرھىلەمدۇ ؟ بەزى كىشىللىرىمىز دائىم چەتئەلدە بار نەرسە بىزدىمۇ بار دەپ ماختىنىشىدۇ ، ئەگەر چەتئەلدە بار نەرسە بىزدە يوق بولسا ياكى ۋاقتىنچە بولماي قالسا ئۇ چاغدا يۇزىمىزگە سەت تۇرارمۇ ؟
ھاراقنى مىسالغا ئالساق ، جۇڭگۇدا نۇرغۇن ھاراق تۇرلىرى بار، بىراق مارتىل ھارىقىغا ئوخشاش داڭلىلىرى يوق .چەتنڭكىگە باغلنىشلىق بولسا باھاسى يۇقۇرلايدۇ ، شۇڭا ھاراق ئىلانىدا مەلۇم ھاراقنى داڭلاپ « جۇڭگۇنىڭxo سى ، ئۇنى ئىچسىڭىز xo ئىچكەندىكى ھۇزۇرنى سۇرەلەيسىز » دىگەن سۆز بارلىققا كەلدى . ئادەتتىمۇ بىز بەزىلەرنىڭ سىنى xoبىلەن مىھمان قىلاي دىگىنىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز . بىر ساۋاقدىشىم )ئىنگىلىز تىلى ئوگەنگەن ، تاشقى سودا بىلەن شۇغۇللىنىدۇ ( ئەسلىدە xoنىڭ “ExTRAoLD” دەپ يىزىلىدىغانلىقىنى ، مەنىسىنىڭ« بەك كونا » دىگەنلىك ئىكەنلىكىنى ، ئۇنىڭ ساقلانغان كونا ھاراقتىن پىششىقلاپ ئىشلىنىدىغانلىقىنى ئىيتىپ بەردى . بۇ گەپنىڭ مەنىسىنى ئادەتتىكى ئادەملەرغۇ بىلمىسۇن ،ئۆزنىڭ ھارىقىنى « جۇڭگۇنىڭ بەك كونىسى ، ئىچسە بەك كونىرغاننىڭ لەززىتىنى سۇرەلەيدۇ »دىگەن ئىلاننى چىقارغۇغۇچىمۇ بىلمەي تۇرۇپ چەتئەل بىلەن باغلىنىشلىقى بولسا ئىسىل چىقىدۇ دەپ قالغانمىدۇ دەپ ئويلايمەن .بىزنىڭ يۇرتتا نەچچە يىل بۇرۇن بىر خىل مىنرال سۇ چىققان ، ئىلانىدا « جۇڭگۇنىڭ xx ئى ، فىرانسىيىنىڭ ۋىرسىلى » دىيىلگەن . نىمىدىگەن مودا !ئۇ زاۋۇتنىڭ باشلىقى ۋە مەسئۇل تىخىنىكىدىن ۋىرسىل دىگەن نىمە مەنىدىكى سۆز دەپ سورىسام بىرسىمۇ ئىنىق جاۋاپ بىرەلمىگەن ، تىخى ئۇ زاۋۇت مەملىكەت دەرىجىلىك مۇكاپات ۋە «مەخسۇس ئىشىلتىدۇ » دىگەن ناملارنى سىتىۋالغان . بەكمۇ ھەيۋەتلىك ئاڭلىناتتى بىراق ئۇزۇن ئۆتمەي تاقىلىپ قاپتۇ دەپ ئاڭلىدىم ، نىمىدىگەن بىچارە .
چەتئەللىكلەر ئۇچۇن پۇل خەجلەپ ئىلان بەرگەنلىك خۇددى باشقىلارنىڭ ئولىدا ئۆزىنىڭ مەيدىسىنى مۇشلىغاندەك بىر ئىش ، بىزدە سىزىم بولمىغاچقا ئاغىرىقنى سەزمەيۋاتىمىز . مىنىڭچە ياخشىسى « جۇڭگۇنىڭ xo سى » دىگەن گەپنى دىمىگىنىمىز ياخشىراق ، دەۋەرسەك ئىسمىمىز نىمە ، فامىلىمىز كىم ، ھەتتا ئەسلىمىزنىڭ كىم ئىكەنلىكىنىمۇ ئۇنتۇپ قالىدىغاندەك قىلىمىز .
ئاپتۇرى : تەن فۇ شىن جۇڭخۇا فىلىيەتۇنلار تورى بىلوگى
|