ھازىر چوڭراق ئورگانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ دەرۋازىسىغا قاراۋۇل قۇيۇلغان . يەرلىكتىن يۇقۇرى خەلىق ھۇكۇمىتىنىڭ دەرۋازىسىغا كۆپىنچە قوراللىق قىسىم ساقچىسى قارايدۇ ، ناھىيە ـ شەھەر دەرىجىلىكلىرىگە ئامانلىق ساقلىغۇچى قارايدۇ ، يىزا ـ بازار دەرىجدىكىلىرىدە دەرۋازىۋەن بوۋايلار بار . يەنە چوڭ ـ كىچىك ھەر قايسى بولۇم ،كومىتىت ، ئىش بىجىرىش باشقارمىسى ،ئىدارە ، زاۋۇت ـ كان ،ئالى ـ ئوتتۇرا تىخىنىكۇم ، ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ، يەسلى دىگەنلەرنىڭ ھىچقايسىسى سىرتقا پۇتۇنلەي ئىچىۋىتىلگەن ئەمەس .
كىمدىن مۇداپىئە قىلدۇ ؟ ئەلۋەتتە ياخشى ئادەملەردىن ئەمەس « قالايمىقان ئادەملەر » دىن مۇداپىئە قىلىش ئۇچۇن . بىراق ھەقىقى « قالايمىقان ئادەملەر » دىن دەرۋازىغا قاراپلا مۇداپىئە قىلغىلى بۇلامدۇ ؟مەن تۇرۇشلۇق شەھەرلىك ھۇكۇمەت قورۇسىنى مىسالغا ئالسام چوڭ دەرۋازىدىنقالايمىقان ئادەم ئەمەس خىلى يۇز ـ ئابۇۇرۇيلۇق كىشىلەرنىڭ كىرمىكىمۇ ئوڭاي ئەمەس ،كىملىكنى كۆرسۇتۇپ ، خىزمەت كىنىشكىسىنى تىزملىتىشى ،قايسى بۇلۇمگە كىرىپ كىم بىلەن كۇرۇشىدىغانلىقىنى ئىنىق يىزىشى كىرەك . نىيىتىنى بۇزۇپلا ئالدى ئىشكتىن ئەمەس يان ئىشىكتىن ياكى تامدىن ئارتىلسىلا ئۇنچە ھەرەج تارتىپمۇ كەتمەيتى ، بىر يىلنىڭ ئىچىدە ئۇچ موتۇسىكىلىت ، ئون نەچچە ۋەلسىپىت يۇتۇپ كەتتى . ئوغۇرلار دەرۋازىغا قارايدىغانلارغا توھپە يارتىدىغان پۇرسەتنى بىرپمۇ قويمىدى .
دەرۋازىغا قاراۋۇل قۇيۇشنىڭ ئەڭ چوڭ ئەھمىيىتى ئىش بىجىردىغانلارغا ۋە ئەرىز قىلىدىغان ئاممىغا قىيىنچىلىق ۋە ئاۋارىچىلىق تۇغدۇرۇشتۇر . مۇنداقچە ئىيتقاندا ،ھۇكۇمەت ئورگانلىرىنىڭ دەرۋازىسىغا قارايدىغانلار ئەرىز ـ شىكايەت قىلدىغان ئاممىغا ئاۋارچىلىق تۇغدۇرىدىغان ۋە توسقۇنلۇق قىلدىغانلار . بۇ ئەسلى ھۇكۇمەتنىڭ مۇددىئاسغا يات .
بۇ كۇنلەردە مەركىزى تىلۋۇزىيە ئىستانىسىسىنىڭ بىرىچى قانىلىدا ئالتۇن ۋاقتتا كۆرسىتىلىۋاتقان « لۇي لىياڭ قەھرىمانلار قىسىسى »ماڭا زور ئىلھام ئاتا قىلدى.بۇ تىياتىردا كاڭ جىياسەي كەنتىدىكى خەلىق ئەسكەرلەر قىسىمنىنمۇ ئىككى خەلىق ئەسكىرى قوغدايدىكەن . كىمدىن قوغدايدۇ ؟ ئالۋاستىلار كەلسە بۇ قوغدىغۇچىلارلا ئەمەس خەلىق ئەسكەرلىرىنىڭ ئەتىرەت باشلىقىمۇ چىكىنىدىغان تۇرسا . بىر كەنىتتە خەلىق ئەسكەرلىرى قىسىمنىڭ دەرۋازىسىنى قوغداش دەل يۇرتداشلىرىنىڭ خالىغانچە كىرىپ چىقىشىنى تۇسۇش ئۇچۇن .ئەجىبا كەنىتتىكىلەرنىڭ ئۆزلىرى تەشكىللىگەن ياپۇنغا قارشى تۇرۇش ئەتىرىتى ئۆز يۇرتداشلىرىدىن قورقامدۇ ؟ ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس .مىلتىق ئاسقان ئىككى قاراۋۇل پەقەتلا بىر خىل ئىمتىيازنىڭ ئىھتىياجى . تىلۋۇزىيە تىياتىرىنىڭ ۋەقەلىكىمۇ بۇنى ئىسپاتلايدۇ ، دەرۋازىغا قارايدىغان خەلىق ئەسكىرنىڭ دادىسى كىرىپ دوكىلات قىلماقچى بولغاندا خەلىق ئەسكىرى تۇسۇۋالىدۇ ، تۇسۇپ بولالامتى ، دەرۋازا بىلەن چوڭ ئۆينىڭ ئارلىقى ئىككى گەزمۇ كەلمەيدىغان تۇرسا ، سىرتتا ۋاقىراشسا ئىچىگە ئاڭلانماي قالاتتىمۇ . ئەتىرەت باشلىق چىقىپ بىر گەپ بىلەنلا ئادەمنى كىرگۇزۋىتىپ باشلىقلىق ئىمتىيازىنى نامەيەن قىلىپ قويدى خالاس . ھىلىغۇ يۇرتداشلاركەن ، بىرەر پومىشىك ، بەگ كىرىمەن دىسە كىرگۇزمەي بولاتتىمۇ ئاخىر .
ئەلۋەتتە بۇنى سىناريە يازغۇچىسى قالايمىقان يىزپتۇ دىيىشكە بولمايدۇ ،ئۇنىڭ ئەمەلىي تۇرمۇشتىن ئىلىنغانلىقىغا ئىشىنىمەن . چۇنكى ئادەم دىگەن ئىمتىيازغا چۇقۇنىدۇ ، بەزى ئىمتىيازلار كارتىنىدەك ياساپ چىقىرىلىدۇ . ئەمەلدارنىڭ كەينىدىكى ئەگەشكۇچىسى ،خۇجايىننىڭ يىنىدىكى خىزمەتچىسى ،رەھبەرلەرگە يول ئاچىدىغان ساقچى ماشىنىسى كۆپىنچە ھاللاردا ھەققى ھالدا قۇشۇمچە بولسىمۇ رول ئوينىماستىن ،بەلكى« ئىمتىياز» نى نامايەن قىلىپ تۇرۇش ئۇچۇن ئورۇنلاشتۇرۇلغان .
دەرۋازىنى قوغداش ئەمىليەتتە ئىمتىيازلىقلارنىڭ دەرىجە ئىناۋىتىنى قوغدىغانلىق ، ساڭا مىنىڭ يۇقۇردا تۇرىدىغانلىقىمنى ،سىنىڭ بۇ سالاھىيەت ، بۇ دەرىجەڭ بىلەن ئاسانلىقچە مەن بىلەن كۇرۇشەلمەيدىغانلىقىڭنى بىلدۇرۇش ئۇچۇن .بۇ خىل ئىمتىيزلىقلارنىڭ دەرۋازىسى ئۆزىدىن يۇقۇردىكىلەرگە يۇزلەنگەندە بولسا چۇقۇم يوتكۇلىدۇ ،يەنى ئۇنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسىنىڭ چىگىرىسىغىچە يۆتكىلىپ بىرىپ باشلىقىنىڭ ئالدىغا چىقىپ كۇتىۋالىدۇ .
ئامىرىكا ، ياۋرۇپادىكى نۇرغۇن دولەتلەرنىڭ شەھەرلىك ھۇكۇمەت بىنالىرى سىرىتقا پۇتۇنلەي ئىچىۋىتىلگەن . بىكار ئادەملەرنىڭ تەرىتى قىستاپ كەتسە ھاجەتكە كىرىۋىرىدۇ ،مەكتەپتىن قايتقان بالىلار ھىرىپ كەتكەندە زالغا كىرىپ ھاۋا تەڭشىگۇچتىن چىققان سوغۇق ھاۋادا سالقىندايدۇ . ساياھەتچىلەر بىلەت ئالماي ئىچىگە كىرىپ زىيارەت قىلالايدۇ ، ئەمما ئەزەلدىن ئۇلارنىڭ بىرەر نەرسىسىنى يۇتۇپ كىتىپتۇ دەپ ئاڭلاپ باقمىدۇق .
بىزنىڭ بەزى ئورگانلىرىمىزمۇ ئۇلاردىن ئۇگۇنۇپ باققان بولسىمۇ ،بىراق ئۇ يەردىكى ئەمەلدارلارنىڭ بەكلا ئاچچىقى كىلىپ قالغان «بۇ يەرنىڭ ئۆككتات بازىرىدىن نىمە پەرقى ،ئورگان دىگۇچىلىك يىرىمۇ قالماپتۇغۇ ؟ » قارىغاندا ئاز بولمىغان ئەمەلدارلار خەلىق ئۇچۇن خىزمەت قىلىدىغان ئورگاننى كۆكتات بازىرىدىن قاتتىق پەرقلەندۇرۇدىكەن ئەمەسمۇ . بۇ كۆكتات بازىرى دىگەن نەرسە قاچانلاردا ئۇنىڭ ئىمتىيازىغا دەخلى قىلىپ قويغان بولغىيتى .مىنىڭچە بىزنىڭ ئورگانلىرىمىز ھەقىقەتەنمۇ ئاممىنىڭ كوڭلىدا كۆكتات بازىرىدەك بولسا ئىدى ، ئاندىن ئاممىنىڭ ياخشى ئورگىنى بولغان بولاتتى .
دەرۋازىدىكى فورما كىيىۋالغان قاراۋۇلنىڭ ياخشى ئادەملەرگە ئاۋارچىلىق تۇغدۇرۇپ ، خەلىق رايىنى ، خەلىقنىڭ پىكىرىنى تۇسۇپ ، ئىمتىيازلىقلارنىڭ ساختا ئابۇرۇيىنى نامايەن قىلىشتىن باشقا ياخشىراق رولىمۇ بولمايدۇ .
ئاپتۇرى : رۇۋەن جې جۇڭخۇا قىلىيەتۇنلار تورى بىلوگى
|