ئۆزنىڭ بۇلاڭچىلىق جىنايىتى بىلەن 18 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسغا ھۇكۇم قىلنغانلىقىنى ئاڭلىغان چاغدىلا لى دا ۋىي( ئىسمى ئۆزگەرتىلگەن ) ئاندىن يىنىك نەپەس ئالدى .ئىغىر دەرىجىدىكى قايتا قان ئىشلەپچىقىرالماسلىق خاراكتىرلىق قان كەملىك كىسىلىگە گىرىپتار بولغان ئۇ يىقىنقى كۇنلەردە جىددى قۇتقۇزۇش مەركىزىدە ھۇكۇم ئىلان قىلش ئۇچۇن ئاتايتىن كەلگەن سوتچىنى كۇتۋالدى . سوتچىنىڭ بۇ ھۇكۇمى ئۇنىڭغا نىسىبەتەن تۇرمىدە ھەقسىز داۋالىنشتىن بەھرىمەن بۇلۇپ ھاياتىنى ساقلاپ قىلشتىن دىرەك بىرەتتى (شىنجىڭ گىزىتى 11-ئاينىڭ 26-كۇنى )
بۇنداق ۋەقەلىكنى پەقەت ئەدەبىي ئەسەرلەردىلا ئۇچۇرتىش مۇمكىن . ئەمىليەتتە بۇنىڭدىن يۇز يىل بۇرۇن ئامىرىكىنىڭ ھىكايە پىشىۋاسى ئو.ھىنىرى يازغان « ساقچى بىلەن مەدھىيە ناخشىسى »http://baike.baidu.com/view/141925.html?wtp=tt دا بىر سەرگەرداننىڭ قەھرىتان قىشتا كوچىدا قىلىشتىن قىچىپ قەستەن جىنايەت ئۆتكۇزۇپ تۇرمىغا كىرگەنلىكى تەسۋىرلەنگەن .
جۇڭگۇچە «ساقچى بىلەن مەدھىيە ناخشىسى »يۇرەكنى ئىچىشتۇرىدۇ ، ئۇ جەمئىيەت كاپالەت سىستىمىسنىڭ مۇكەممەل بولماسلىقىنىڭ نەتىجىسى . مۇنداق پەرەز قىلايلى ، لى داۋىي ئىغىر كىسەل بۇلۇپ ، ئائىلىسى داۋالاش خىراجىتىگە چىقىنالمىغان ئەھۋالدا جەمئىيەت كاپالەت بىلەن تەمىنلەش مەجبۇريىتىنى ئۇستىگە ئالغان بولسا ئۇ قەستەن بۇلاڭچىلىق قىلش يولىغا ماڭمىغان بولاتتى . يەنە شۇنداق ئىيتىشقىمۇ بولىدىكى ئاددى ئادەملەرنىڭ جەمئىيەت كاپالىتى جىنايەتچىلەرنىڭكىگىمۇ يەتمەيدۇ . لى داۋىي ئامالسىز ، ئۇمۇ زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغۇچى ، ئۇ ئۆز ھاياتىنى ساقلاپ قىلش ئۇچۇن ئەركىنلىكىنى قۇربان قىلغان .
ئەمدىلىكتە بۇ ھازىرقى دەۋىردىكى « ساقچى بىلەن مەدھىيە ناخشىسى » نىڭ سەلبى تەسىرى لى دا ۋىي بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي ئۇنىڭ جەمئىيەت تەرتىۋىگە كەلتۇرگەن بۇزغۇنچۇلۇقى ۋە ناچار تەسىرىدە تىخىمۇ ئىپادىلىنىدۇ . ئۇ « جىنايەت » نىڭ دەخلى ـ تەرۇز قىلىش ماھىيىتى بىلەن ئۇۋال قىلىنىش ماھىيىتىنى تىخىمۇ مۇرەككەپلەشتۇرىۋىتىدۇ . ئۇنىڭ « ئوڭۇشلۇق مەقسىدىگە يىتىشى » كىشىلەرگە قوشلاپ بىسىم ئىلىپ كىلىدۇ .
دەل بىز تۇرمۇشتا كۆرىۋاتقاندەك ، لى دا ۋىي باش رول ئالغان ھازىرقى دەۋىردىكى « ساقچى بىلەن مەدھىيە ناخشىسى » بەك ئالاھىدە مىسالمۇ ئەمەس . ھەقىقى تۇرمۇشتا يەنە نۇرغۇن ئاجىز ئۇرۇندىكى ئادەملەر مەۋجۇت ، ئۇلار ھەتتا ئاساسى تۇرمۇش كاپالىتىگىمۇ ئىرىشەلمەيدۇ ، جەمئىيەت كاپالىتى دائىم ئۇلارنى ئەستىن چىقىرىپ قۇيىدۇ .ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى بەكمۇ جاپالىق ، كىسەللىرىنى كۆرسىيەلمەيدۇ ، ئۆي ئالالمايدۇ ، لى دا ۋىينىڭ قىلمىشى بۇنداق ئىشلارنىڭ كۆپىيىپ كىتىشىگە سەۋەپ بولامدۇ قانداق ؟ ئەمىليەتتە لى داۋىي كۆپىنچە كىشىلەرگە ئوخشاشلا ساددا ، ئاق كۇڭۇل ، پەقەت ھايات قىلشقا بولغان تەبىئى ئىستەكنىڭ تۇرتكىسىدە ئامالسىز ھالدا ئاكتىپلىق بىلەن جىنايەت ئۆتكۇزگەن . ئەسلى بىزنىڭ جەمئىيەت كاپالەت تۇزۇلمىمىز بەختسىزلىكنىڭ ۋە گۇناھسىزلارغا زىيان ـزەخمەت يىتشنىڭ ئالدىنى ئىلىشى كىرەكتىغۇ .
لى داۋىي بىزگە جەمئىيەت كاپالەت تۇزۇمۇمىزنى مۇكەمملەشتۇرۇشنى ئەسكەرتىدۇ . نامىراتلارنىڭ كىسەل كۆرسىتەلىشى ،نامىرات بالىلارنىڭ مەكتەپتە ئۇقۇيالىشى بىزنىڭ ھازىرقى جىددى ۋەزىپىمىز .جەمئىيەت كاپالەت تۇزۇمۇمىزدىكى كىسەللىك سەۋەبىدىن ، نامىراتلىق سەۋەبىدىن قەستەن جىنايەت ئۆتكۇزۇشكە تۇرتكە بولىدىغان تۇپكى سەۋەبنى يوقاتساق ئاندىن گۇناھسىز ئادەم ۋە گۇناھسىز جەمئىيەت تەرتىۋىنىڭ گۇناھسىزلار تەرىپىدىن زىيان ـ زەخمەتكە ئۇچۇرۇشىنىڭ ئالدىنى ئالالايمىز .
تەھرردىن : مەكتەپتە ئۇقۇۋاتقان چىغىمدا بۇ ھىكاينى ئۇگەنگەندە ئۇقۇتۇش پىرگۇراممىسىدا نىمە دەپ تەربىيە قىلنغانلىقى ئىسىمىزدىمۇ ؟ بۇ دىگەن كاپىتالىزىمنىڭ قەبھلىكى .
ئاپتۇرى :شۇ گۇاڭ مۇ قورغان فىلىيەتۇنلار تورى www.zawen.net
|