چاڭجۇۋ شەھىرىنىڭ باشلىقى ۋاڭ ۋىي چىڭ « شەھەر باشلىق ۋە تورغا چىققۇچىلار » دىگەن تىمىدا تورغا بىر ماقالە يوللىغان .مەزمۇنى مەلۇم تورداشنىڭ چاڭجۇۋ شەھىرى BRT(تىز سۇرئەتلىك ئاممىۋى قاتناش سىستىمىسى ) ياساشتا شەھەر باشلىقنىڭ چىرىكلىككە چىتلغانلىق ئەيبلىشىگە قايتۇرغان جاۋابى .بۇ ماقالە ئىلان قىلنىشى بىلەن نۇرغۇن تەرەپلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى . مىڭلىغان تورداشلار ئىنكاس قايتۇردى ، يەنە كىلىپ كۆپلىگەن تورداشلار بىر شەھەر باشلىقىنىڭ ھۇقۇقىنى ئىشلىتىپ «بەتنام چاپلىغۇچى »نى بىر تەرەپ قىلماي ئەكسىچە توردا جاۋاپ قايتۇرغانلىقىنى قوللىدى .مۇخبىر ۋاڭ ۋىي چىڭنى زىيارەت قىلغاندا ئو توردا جاۋاپ قايتۇرۇشۇم مەسئۇليەتنى سۇرۇشتە قىلماسلىق ،بىر تەرەپ قىلماسلىق ، چارە كۆرمەسلىك بەلكى ئالاقە ئورنۇتۇپ ، ئىتپاقلىشىپ ،ئۇيۇشۇش ئۇچۇن دىدى. شۇنداقلا پاش قىلنىشنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى ، تورداشلار بىلەن داۋاملىق ئالاقە قىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۇردى(ياڭزى كەچلىك گىزىتى 10-ئاينىڭ 21-كۇنى) . چاڭجۇۋ مەن ئولتۇرۇشلۇق شەھەردىن ئانچە يىراق ئەمەس ، ماشنىدا بىر سائەتلىك يول .بۇ ئىش بۇگۇنكى مۇھىم خەۋەر بۇلۇپ قالغاندىن كىيىن بۇ يەردىكى ئاخبارات ۋاستىللىرىمۇ كەڭ كۇلەمدە خەۋەر بەردى ، بەزى گىزىتلەر ھەتتا پۇتۇن بىر بەتنى ئاجىرتىپ بۇنى خەۋەر قىلدى .بۇنىڭدىن بۇنىڭ تەسىرىنىڭ ئادەتتىكىچە ئەمەسلىكىنى كۇرۇۋالغىلى بۇلىدۇ .
ئەمىليەتتە بۇ كۇندىكى ئەمەلدارلار جىننىمۇ ئۇسۇلغا سالىدىغان بۇلۇپ كەتتى ،ناھىيىلىك پارتىكۇم شۇجىسى چىرىكلەشمىگىنىم ئۇچۇن ئۆلتۇرلۇش خەۋىپىگە دۇچ كىلىۋاتىمەن ،ھەتتا ئوق ئۆتمەس كىيىم كىيىپ خىزمەت ۋە تۇرمۇش كەچۇرۋاتىمەن دەپ تىخى رەسىملىرىنى تورغا چىقىرىپ قويغان ، نەتىجىدە ئۇ ئەسلىدە ئىسمى جىسمىغا لايىق پارخۇر ئىكەنتۇق .يەنە بىرئەمەلدار سەھنىدە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش دوكلاتى بىرىپ ئاغزى ـ ئاغزىغا تەگمەي قول ئاستىدىكىلەرگە ئۇنداق قىلماڭلار ، بۇنداق قىلماڭلار ،پارتىيە ۋە خەلقنىڭ تەربىيىسىگە يۇز كىلەيلى ،ئۆز ۋىجدانمىزغا يۇز كىلەيلى دەۋاتقىنىدا ئۇنى قولغا ئالىدىغان قانۇن ئىجىراچىللىرى تاشقىردا ساقلاپ تۇراتتى .ھازىر ئەمەلدارلارنىڭ ئۆزنى كۆرسۇتىدىغان ۋاستىللىرى كۆپ ، مىسالغا ئىلىپ تۇگەتكىلى بولمايدۇ .يەنە بىر تەرەپتىن تورنىڭ تۇتۇشۇش دائىرىسى بەكمۇ كەڭرى بولغاچقا بەزىبىر ھۇقۇقدارلار ئۇنىڭغا بەك ئۆچ ، بولسا تورنى خىمىردەك سىقىمداپ قانداق چەيلىگۇسى كەلسە شۇنداق چەيلەپ يۇغۇرسا . ناھىيىلىك پارتكۇم شۇجىسى بىيجىڭغا ساقچى ئەۋەتىپ مۇخبىرنى قولغا ئالماقچى بولغان ،شەھەرلىك پارتىكۇم شۇجىسى توردىكى ئۆزىگە پايدىسىز ماقالىنى كۇرۇپ «تور نازەتچىسى » غا بۇيرۇق قىلىپ نەچچە مىڭ چاقىرىم كىزىپ ،نەچچە ئۆلكىنى ئىزلەپ بۇ ماقالىنى يازغان ئادەمنى تىپىپ «سۆزلەشكەن » تىخى ھۇقۇق مەنبىيىدىن پايدىلىنىپ تور بىكىتىدىن ئاچچىقىنى چىقارغان .چىن جوڭ فىي بىر پارچە ھەجىۋى شىئر يىزىپ رەھبەرنىڭ كەمچىللىكىنى كۆرسۇتۇپ بىرىپ قاماقخانىغا كىرىپ قالغان ...تورداشلارنىڭ ۋاڭ ۋىي چىڭنى قوللىشى ئەمىليەتتە يۇقارقى قىلمىشلارغا بولغان نارازىلىقىدۇر .
بۇنچە كۆپ كۆرگەن ۋە ئاڭلىغان ئىشلار يۇز بەرگەچكە مەن شەھەر باشلىقى ۋاڭ ۋىي چىڭنىڭ بۇخىل ئالىجاناپلىقىغا تىخىمۇ بەكىرەك قايىل بولدۇم .ئەسلىدە ئۇ ئۆزىنىڭ شەھەر باشلىقلىق ھۇقۇقىغا تايىنىپ تورداشلارنىڭ « بەتنام چاپلىغانلىق »قىلمىشىغا قارتا باشقىچە ئۇسۇل قوللىنالايتى .توردىكى نۇرغۇن ھەقىقى ئەھۋالنى چۇشەنمەيدىغان تورداشلارغا كۇزۇڭلارنى يوغان ئىچىپ بەزىلەرنىڭ ئىغىۋاگەرچىلىكىگە قۇلاق سالماڭلار دىسىمۇ ،پەقەت بولمىسا ھۇكۇمەت يولى ئارقىلىق قاتتىق ئىتىراز بىلدۇرسىمۇ بولاتتى .بىراق ئۇ ئۇنداق قىلماستىن ئۆز قولى بىلەن جاۋاپ يىزىپ تورغا چىقاردى بۇ ئۆزگىچە ئالاھىدە مەناغا ئىگە . ۋاڭ ۋىي چىڭنىڭ ماقالىسىنىڭ ئوبىتىپ مەزمۇنىنىڭ قانداق بۇلۇشىدىن قەتئى نەزەر مەن ئۇنىڭ بۇخىل ئۇسۇل بىلەن « ئاممىۋى ۋەقەلەر » نى بىر تەرەپ قىلغىنىغا تولىمۇ زۇقلىنىمەن .چۇنكى بۇنداق قىلش جاسارەتلىك بۇلۇشنى تەلەپ قىلىدۇ ، خۇدىكى بولماسلىقنى تىخىمۇ تەلەپ قىلىدۇ .
باشقا گەپنى قۇيايلى ، مەن چاڭجۇۋغا نەچچە قىتىم بارغان ، ئۇنىڭ بۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيانقى ئۆزگىرىشى ئادەمنى خۇشال قىلارلىق . بۇنىڭدىكى ئەڭ يۇرۇق نۇقتا بۇ شەھەرنىڭ تىز سۇرئەتلىك ئاممىۋى قاتنىشى بولسا كىرەك . نۇرغۇن شەھەرلەر ئاممىۋى قاتناشنى تىخى كىرىم مەنبەسى قىلىۋاتقان ياكى ئامال قىلىپ مالىيە تۇلۇقلىمىسىنى كىمەيتىشنى ئويلىشىۋاتقان چاغدا چاڭجۇۋنىڭ ئاممىۋى قاتنىشى نۇرغۇن پۇل سەرىپ قىلىپ ئاممىۋى قاتناشنى ئەڭ ياخشى ئەۋزەللىككە ئىگە قىلدى ھەم ئاممىۋى قاتناش بىلەت باھاسى ئۆزلۇكسىز تۆۋەنلىتىلىپ خوشنا شەھەرلەرنىڭ يىرىمىغا تەڭ دىگۇدەك ھالەتكە كەلدى . بۇ خىل ئەھۋال چاڭجۇۋدىكى پۇخىرالارنى ئىپتىخارلاندۇرۇش بىلەنلا قالماي باشقا شەھەردىكى ئاممىۋى قاتناش سىستىمىسىدىكىلەرنىڭ بەكمۇ ھەۋىسىنى قوزغىدى .قاتناش قىستاڭچىلىقلى پەيتىدە بۇ يەردە ئاممىۋى ئاپتۇۋۇز تاكسىدىنمۇ تىز . باشقا شەھەرلەردە بۇنى قىياس قىلىشمۇ مۇمكىن ئەمەس . بەزى چاغلاردا مەن شەھەر باشلىقى ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ ھىچ ئىش قىلمىغان تەقدىردىمۇ مۇشۇنىڭدەك ئاممىنىڭ جانۇجان مەنپىئەتىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىشتىن پەقەت بىرنى قىلسىمۇ يىتەرلىك ئىدى دەپ ئويلاپ قالىمەن .پۇتۇن مەملىكەتتىكى شۇنچە كۆپ شەھەر باشلىقىنىڭ ھەر بىرى بۇنداق ياخشى ئىشتىن بىرنى قىلسا ئۇنداقتا نەچچە يۇزنى قىلغان بۇلىدۇ .بۇ نىمىدىگەن كۆپ سان ـ ھە ! ئەلۋەتتە بۇلارنى ئامما ئىتىراپ قىلىشى ، خىزمەت دوكىلاتىنىڭ يۇزىدە توختاپ قالىدىغان « ياخشى ئىش » بولماسلىق كىرەك . ئەگەر خىزمەت دوكىلاتىدا يىزىلغان ئاشۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى راست بولسا ، ئەمەلگە ئاشسا ، كوممۇنىزىم دەۋىرىگە كىرەلەيمىز دىيەلمىسەممۇ ھاللىق تۇرمۇش ئاللىقاچان تىرىششىش نىشانىمىز بولۇشتىن قالغان بولاتتى .
ئاممىۋى ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ھازىرقى رەھبەرلەرنىڭ ئاساسلىق قىلىدىغان ئىشىغا ئايلىنىپ قلدى . ياخشى بىر تەرەپ قىلنمىسا خەۋىپكە ئايلىنىپ قالىدۇ . ناۋادا بۇ قىتىملىق « تورداشلارنىڭ بەتنام چاپلىشى » نى بىر قىتىملىق ئاممىۋى ۋەقە دەپ قارىساق بۇنى بىر تەرەپ قىلشنىڭ نۇرغۇن ئۇسۇللىرى بار. بازغان سۇقۇش ئۇچۇن بىلەكتە كۇچ بولمىسا بولمايدۇ ئەلۋەتتە ، بىراق كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ بۇنداق ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىشى ئۇنىڭ ئەقلىي قابىليىتىنى ئەكىس ئەتتۇرۇپ بىرىدۇ ، يۇقۇرقىلاردىكىدەك يولسز ۋە كالامپايلارچە ئۇسۇللارنى ئىشلىتىشكە ئەلۋەتتە بولمايدۇ . تىكتاك توپ تەنھەركەتچىسى ۋاڭ خاۋنىڭ كوچىدا كىچىك تەرەت قىلىپ قۇيۇپ ئامانلىق ساقلىغۇچى بىلەن ئۇرۇشۇپ كەتكەنلىكنى بىر تەرەپ قىلىشى ئاجايىپ غەلىتىلا بولغان . ئەسلىدە ئۇنى توغرا چۇشەنگەن ئىدىم ، ئازىراق ھاراق ئىچىپ ، ئانچىكىم خاتا ئىش قىلىپتۇ ، چوڭ ئىشمۇ يوقكەن ، ئەسلىدىمۇ ئامانلىق ساقلىغۇچىلارنىڭ ئاتىقىمۇ ئانچە ياخشى ئەمەس . بىراق ئۇنىڭ بۇ ئىشنى بىلوگىغا چىقىرىپ ئۇزىنى ئاقلىغانلىقى ناھايتىمۇ دۆتلىك قىلغىنى ، بەزى ئىشلارنى دىمىسەڭ ياخشى ، دىدىڭمۇ ئاقلىغانسىرى ئاقلاپ بۇلالماي قالىسەن . ھەققى بولغان ئىشنى ، ئەمىلىي ئەھۋالنى ئەينەن سۆزلەپ باشقىلارنى قايىل قىلىشىڭ كىرەك ، خۇددى چاڭجۇۋ شەھىرىنىڭ باشلىقى بۇ ئىشنى بىر تەرەپ قىلغانغا ئوخشاش . ھەم رەھبەرلىك ساپاسىنى نامايەن قىلدى ، ھەم ئۇچۇق كۆڭۇللۇك ۋە سەممىيىتى بىلەن ئىناق جەمىئىيەت كەيپىياتىنى شەكىللەندۇردى .
شەھەر باشلىقى بولغان تەقدىردىمۇ توردا ئوزىنى ئاددى تورغا چىققۇچى دەپ قارىغىنى ياخشى ، بولمىسا ئاھانەت ئاڭلاپ قالىدىغان ئىش چىقىدۇ . ئەمەلدارلارنىڭ «پۇخىرالىق » ئىڭى كۆپىرەك بولسا نۇرغۇن ئىشلار ئاسانلا بىر تەرەپ بولغان بۇلاتتى .
ئاپتۇرى :پىڭ گۇاڭ جۇن قورغان فىلىيەتۇنلار تورى www.zawen.net
|