«قورقۇش » تىلغا ئىلىنسا قورقىمىساممۇ قورقتۇم دەيمەن

ھەر قانداق ئادەم « قورقۇش »نى باشتىن كۆچۇرۇپ باققان .شۇڭا بەزىلەر ھەر قانداق ئىش قىلغاندا ناھايتىمۇ دىققىنى مەركەزلەشتۇرۇپ ، ئىھتىيات قىلىپ بىرەر چاتاق چىقىرىپ قۇيۇشتىن ئەنسىرەيدۇ ، شۇڭا خىزمەتنى تەرتىپلىك ئىشلەيدۇ . بىراق يەنە بەزى بىر خىل ئادەملەرمۇ بار ، بولۇپمۇ بەزى ئەمەلدارلار ۋە قولىدا ھۇقۇقى بارلار ئۆزىنى باشلىقىدىن قالسىلا جاھاندا ئەڭ نوچا دەپ چاغلاپ يۇقۇردىكىلەرگە قۇيرۇق شىپپاڭشىتىپ خوش ـ خوش دەپ ،تۆۋەندىكىلەرگە سۇر ـ ھەيۋە كۆرسىتىپ ، قۇسۇر تىپىپ ئەدىۋىنى بىرىپ « جاھاننى سورايدىغاندەك » سۇرلۇك بولىۋالىدۇ .ئۇلاردا ئەسىلدە بار بولغان ئازىراق «قورقۇش »ىنىڭ ئاللىقاچان ھىچنىمىسى قالمىغان بولىدۇ .
بەزىلەر « قورقۇش » تىلغا ئىلنسا يۇرىكى جىغغىدە قىلىدۇ ، مەسىلەن مەدىنيەت ئىنقىلاۋىنى باشتىن كەچۇرگەنلەر پارخۇر ئەمەلدارلارنى پاش قىلىش ، ھۇكۇمەتنى تەنقىت قىلىشنىڭ گىپى چىقسا « قورقۇش » تىن جىنى چىقىپ كەتكۇدەك بۇلۇپ كىتىدۇ .داۋالىشىپ باققان ئادەمنىڭ سوتقا بىرىشنى ئاڭلىسا بىشى ئاغرىيدۇ . يەنە بەزىلەردىن يۇقۇردىكىلەر ئەھۋال ئىگەللىگىلى كەلسە كىيىن ئىنتىقام ئىلىنىشىدىن قورقۇپ ئۇندىمەي تۇرۋالىدۇ . بۇلارنىڭ قىلچىمۇ ھاجىتى يوق .ئادەمدە «قورقۇش » قا نىسىبەتەن چۇقۇم ئىنىق مەيدان بولۇشى كىرەك .قورقۇشقا تىگىشلىك بولغاندىن چۇقۇم « قورقۇش » ، تىگىشلىك بولمىغاندىن قەتئى قورقىماسلىق كىرەك .
بەزىلەر « xx نىڭ يۇرىكى چوڭ ، ھىچنىمىدىن قورقمايدۇ» دىيىشىدۇ ،بىراق يۇرىكى چوڭنىڭ ھىچنىمىدىن قورقماسلىقى ناتايىن ،سۇن ۋۇكۇڭنىڭ« ئەرشكە تەڭداش ئەۋلىيا ئەزەم » دىگەن نامى بار ،ئەرىش ئوردىسنمۇ مالىمان قىلىپ باققان ، بىراق ئۇ چەمبىرەك ئەپسۇنىدىن قورقىدۇ .چەمبىرەك ئەپسۇنىدىن قورققانلىقى ئۇچۇنلا ھەر قانداق يەردە ئۆزىنى تىزگىنلەپ ، پۇتۇن ۋۇجۇدى بىلەن « ئۇستازى » ئۇچۇن ئىشلەپ ، ئاخىرى نومنى ئوڭۇشلۇق ئىلىپ قايتىپ تىللاردا داستان بولدى .يۇرىكى كىچىكنىڭ قورقۇپ كىتىشىمۇ ناتايىن ، يىقنىقى يىللاردىن بۇيان تەكشۇرۇپ ئىنىقلانغان ئەمەل ـ مەنسەپ سودىسى قىلدىغان ، كىچىك خوتۇن ئىلىپ ئاشنا تۇتىدىغان ،پارە ئالىدىغان ، دۆلەت قانۇنىغا پىسەنىت قىلماي قەستەن جىنايەت سادىر قىلىدىغان ، پۇل ھۇقۇق سودىسى قىلىدىغان ، ئۇمۇمنىڭ مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ ئۆز چۆنتىكىنى تومپايتىدىغان چىرىىكلەشكەن ، چۇشكۇنلەشكەنلەر گەرچە «يۇرىكى توم توقلىقتا ئۆلسە ، قورقۇنچاق ئاچلىقتا » دىگەنگە شەكسىز ئىشەنسىمۇ ، ۋاقتىنچە تەلىيى ئوڭدىن كىلىپ ھىچ ئىش بولمىسىمۇ ، بۇ ئۇنىڭ « تۇگەشمىگىنىدىن ئەمەس ، ۋاقتىنىڭ توشمىغانلىقىدىن » . چىڭ كىجى ،لى جىن ، بى يۇشى قاتارلىق ئادەملەرنىڭ كىمىسى ئوڭتۇرلۇپ ئۆزلىرى قانۇن تورىغا چۇشمىدىمۇ؟ ئەڭ ئاخىردا ئومۇرلۇك پۇشايمانغا قىلىپ تارىخ بەتلىرىگە شەرمەندىلەرچە يىزلمىدىمۇ .
دىڭ شىياۋ پىڭ « پارتىيە ئەزالىرىنىڭ بەكمۇ ئىھتىياتچان بولىشى ياخشى ئەمەس ،يۇرۇكى بەك چوڭ بۇلۇپ كىتىشىمۇ ياخشى ئەمەس . بىرىنچىدىن پارتىيەدىن قورقىنى ، ئىككىنچىدىن ئاممىدىن قورقىنى ، ئۇچۇنچىدىن دىمۇكىراتتىك پارتىيەلەردىن قورقىنى ياخشىراق » دىگەن . شۇڭا « قورقۇش » ياخشى ئىش ، قورقىماسلىقتىن قورقۇش كىرەك .بەزىلەرنىڭ كوڭلىدە « قورقۇش » تۇيغۇسىنى ساقلاپ قىلىش ئۇچۇن كۆپچىلىك دائىم قانۇننى ،قائىدە ـ نىزاملارنى ، تۇزۇم ۋە ئىنتىزامنى ئۇگىنىپ ، پات ـ پات «چەمبىرەك ئەپسۇنى » نى ئۇقۇپ تۇرۇشمىز ،ئىبىرەتلىك مىساللار ئارقىلىق ھەر ۋاقىت كاللىنى سەگەك تۇتۇشنى، ھاياتلىقتىكى ھىساپ ـ كىتاپنى توغرا قىلىش كىرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ تۇرۇشىمىز كىرەك . «ئەستايىدىللىق بىلەن ئىش بىجىرىپ » ، « ئەمەليەتچان ئادەم بۇلۇپ » ، «قورقۇش » سۆزىنى دائىم ئەستە تۇتقاندىلا ئاندىن ئىنتىزامغا بويسۇنۇپ ، قانۇنغا رىئايە قىلدىغان ياخشى پۇخرا بولغىلى بولىدۇ .

ئاپتۇرى :لىيۇۋ باۋ پېڭ         قورغان قىلىيەتۇنلار تورى