ئەدىليە دىگەن سىرلىق نىمىمۇ ؟

ئىنىق ئىسىمدە تۇرۇپتۇ ، شىنخۇا ئاگىنتىلقى خەۋەر قىلغان سابىق دۆلەت سىتاستىكا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى چىيۇۋ شىياۋ خۇا نىڭ پارە ئىلىش ۋە قوش نىكاھلىنىش جىنايىتى بىلەن « قوش چارە » كۇرۇلگنلىكى ھەم ئەدىليە ئۇرۇنلىرىغا قانۇن بۇينچە بىر تەرەپ قىلشقا تاپشۇرۇپ بىرىلگەنلىكى پۇتۇن مەملىكەتتە غولغولا قوزغىغان ئىدى .بىراق بۇ ئىشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى « بىر تەرەپ قىلىنىش نەتىجىسى » ئاشكارىلانمىغان . تىخمۇ ھەيران قالارلىقى بۇ يىل سەككىزىنچى ئايدا چىيۇۋ شىياۋ خۇا يەنە سىرلىق ھالدا پەيدا بۇلۇپ جۇڭگۇ نىفىتچىلىكىنىڭ ئالى دەرىجىلىك تەتىقات ئەزاسى بۇلۇپ قالدى ھەم « سابىق دۆلەت سىتاتسكا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ،جۇڭگۇ نىفتچىلىك گورۇھنىڭ ئالى دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى » سالاھىيىتى بىلەن ماقالە ئىلان قىلىپ جۇڭگۇنىڭ ھازىرقى ئىقتىسادى ئەھۋالغا قارتا باھالاش ئىلىپ باردى .
چىيۇۋ شىياۋ خۇا نىڭ سىرلىق ھالدا پەيدا بولىشىغا نىسىبەتەن كىشىلەرنىڭ قىياسى بىردەك ئەمەس . بەزىلەر چىيۇۋ شىياۋ خۇا نىڭ بۇنداق سىرلىق پەيدا بۇلۇپ قىلىشى چۇقۇم قانۇنىي جاۋاپكارلىقىنىڭ سۇرۇشتە قىلنمىغانلىقىدىن ، بۇ تۇسۇقتىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۇپ ، قانۇننىڭ جازاسىدىن قىچىپ قۇتۇلالىشىدا چۇقۇم تىخمۇ چۇڭقۇر بىر سەۋەپ ۋە ئىچكى ئەھۋال مەۋجۇت دەپ قاراشتى. يەنە بەزى چىيۇۋ شىياۋ خۇانى قوللايدىغانلار بولسا ئۇنىڭ جۇڭگۇ نىفىتچىلىكىدە ۋەزىپىگە تەيىنلىنىشى ئەجەپلىنەرلىك ئىش ئەمەس ، ئۇنىڭ جىنايىتى بار يوقلۇقى پەقەت سوت تەكشۇرۇپ ھۇكۇم چىقارغاندىلا ئاندىن ھىساپ بولىدۇ ، باشقا ھىچكىمنىڭ ئاق ـكۆك دىيىشكە ھەققى يوق . ئۇنىڭ جۇڭگۇ نىفىتچىلىق گورۇھىنىڭ ئالى دەرىجىلىك تەتقىقاتچىلىقىغا تەينلىنىشى ، ئۇچۇق ـ ئاشكارا ماقالە ئىلان قىلىشى ئۇنىڭ جىنايى جازادىن ئازات قىلىنغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ .جازا ئۆتەۋاتقان جىنايەتچى بولمىسىلا ئۇ ئاددى پۇخرا ، ئاددى پۇخرالارنىڭ خىزمەت قىلىش ھۇقۇقى بار . چىيۇۋ شىياۋ خۇانىڭ جۇڭگۇ نىفتچىلىكىنىڭ ئالى تەتقاتچلىقىغا تەيىنلىنىشى ئۇنىڭ كەسپى بىلىمى ۋە خىزمەت قابىليىتىنى ئىشلىتىپ جەمئىيەتكە خىزمەت قىلغانلىقى ، چىيۇۋ شىياۋ خۇاغا بولغان كەڭ قوللۇق بىزنىڭ جەمئىيىتىمىزنىڭ ئالغا باسقانلىقىنى چۇشەندۇرىدۇ دەپ قارىدى .
بىز ئۇنى قوللىغۇچىلارنىڭ قارىشىغا قارشى ئەمەسمىز ، ھەم بۇ خىل قاراشنىڭ رەدىيە بەرگۇدەك يىرىمۇ يوق . قانۇن ۋە سوتتىن باشقا ھىچىكىمنىڭ چىيۇۋ شىياۋ خۇاغا قىنايەت بىكىتىش ھۇقۇقۇ يوق ،ھىچىكىمنىڭ ئۇنى قانات ئاستغا ئىلىش ھۇقۇقىمۇ يوق ،ئۇنى پۇخرالىق سالاھىيىتى بىلەن خىزمەت قىلىش ھۇقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش ھۇقۇقى تىخىمۇ يوق .بىراق بىز ئارلاشتۇرۇپ قويمايلى ، كىشىلەرنىڭ قىياسى ۋە گۇمانى چىيۇۋ شىياۋ خۇانىڭ جۇڭگەۇ نىفتچىلىك گورۇھىنىڭ ئالى تەتقىقاتچىسى بۇلۇش بولماسلىقىغا ئەمەس بەلكى ئۇنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىش نەتىجىسىنىڭ قانداق بۇلۇپ كەتكەنلىكىگە قارىتىلغان . بۇ پۇتۇنلەي باشقىچە بىر ئۇقۇم . بىزگە ئايان ، چىيۇۋ شىياۋ خۇا دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجلىك كادىرى ،ئاممىۋى خاراكتىرلىق شەخىس ،ئۇ ئۆتكۇزگەن پارخۇرلۇق جىنايىتى ۋەزىپە ئۆتەش دائىرسىدىكى جىنايەت ،شەخسى قىلمىش ئەمەس .ۋەزىپە ئۆتەش دائىرىسىدىكى جىنايەتنىڭ بىۋاستە زىيانغا ئۇچۇرتىدىغىنى جەمئىيەت ۋە ئاممىنىڭ جانىجان مەنپىئەتى ، شۇڭا ئۇ «ئاممىۋى دىلو » غا ياتىدۇ .ئامما ئەلۋەتتە ئىشنىڭ ھەقىقى جەريانىنى بىلش ھۇقۇقى بولۇشىنى ئۇمىت قىلدۇ .شىنخۇا ئاگىنتلىقى خەۋەر بەرگەندىن تارتىپ ئۇ قايتا پەيدا بولغۇچە بولغان ئوتتۇرلىقتا بىر سىرلىق ۋاكۇم بوشلۇقى پەيدا بولغان . ئەدىليە بۇنداق سىرلىق ، چۇشۇنىكسىز بولسا كىشلەر قانداقمۇ ھەر خىل قىياسلاردا بولماي تۇرالىسۇن ؟
ئەدىليە ئەسلىدە ئاشكارە بۇلىشى كىرەكمۇ ياكى سىرلىقمۇ ؟بۇنى تالاش ـ تارتىش قىلىش ھاجەتسىز . ئەەەر ئىاتا ئەستە تۇتىۋالمىغان بولسام ئالى خەلىق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ شىڭ قۇن ئىنىق قىلىپ « ئەدىليەنى سىرلىقلاشتۇرۇپ قويمايلى » دەپ ئىيتقان . ئەدىليە ئاشكارلىقى « ئاممىۋى دىلو » نىڭ قاراپ چىقىشتىن تارتىپ ھۇكۇم ئىلان قىلىنغۇچە بولغان ئۇچۇرلارنىڭ ئاشكارە ، ئىنىق بولىشىنى ئكز ئىچىگە ئالامدۇ يوق ؟ كىشىلەرنىڭ چىيۇۋ شىياۋ خۇانىڭ دىلوسنىڭ نەتىجىسىنى بىلشنى كۇچلۇك تەلەپ قىلىشى قانۇنغا .ئۇيغۇنمۇ ئەمەسمۇ ؟ قانۇن ئۇنى قوللىشى كىرەكمۇ يوق ؟ ئەگەر شۇنداق دەپ جاۋاپ بىرىلسە ئۇنداقتا ئەدىليە ئورگانلىرى نىمىشقا تىقىپ ، يۇشۇرۇپ يۇرۇپ ئاممىنى ھەقىقى ئەھۋالنى بىلگىلى قويماي ، نەچچە يۇز مىلىيۇن ھەقىقى ئەھۋالنى بىلمەيدىغان ئاممىنى پەيدا قىلىدۇ ؟ كىشىلەر ھەقىقى ئەھۋالنى بىلمىگەچ ھەر كىمنىڭ قىياس قىلىش ھۇقۇقى بۇلىدۇ ، چىيۇۋ شىياۋ خۇانىڭ قانداق بىر تەرەپ قىلنغانلىقىنىڭ ئاشكارە بولماسلىقىدا يەنىمۇ چۇڭقۇرىراق مەنا بارمۇ قانداق ؟ تىخىمۇ كۆپ مەخپىيەتلىكلەرنى ئاشكارلاش بىئەپمىدۇ ؟ ئاشكارىلاشقا جۇرئەت قىلالمىدىمۇ ياكى ئاشكارىلاشقا بولمامدۇ ؟ھەقىقى ئەھۋال ئىنىق بولمىغان شارائىتتا ھەر قانداق قىياس ئەمىلىيەت بۇلىشى مۇمكىن . شۇنىڭدىن كۇرۇۋىلىشقا بۇلىدۇ ، كىشىلەرنىڭ گۇمانلانغىنى چىيۇۋ شىياۋ خۇا نىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلىشى قانۇنغا ئۇيغۇنمۇ ئەمەسمۇ دىگەنلىك بولماستىن بەلكى ئەدىليە ئادىلمۇ ئەمەسمۇ دىگەنلىكتۇر . ئەدىليەنىڭ ئاشكارا ئىنىق بولماسلىقى ئاممىنىڭ بىلىش ھۇقۇقىغا دەخلى ـ تەرۇز يەتكۇزۇپلا قالماستىن ،ئەدىليەنىڭ ئۇزىنىڭ ئىناۋىتى ۋە ئمتىيازىغا زىيان يەتكۇزىدۇ ھەم دەۋالاشقۇچىلارنىمۇ زىيانكەشلىككە ئۇچۇرتىدۇ .ئەگەر ئەدىليە چىيۇۋ شىياۋ خۇانىڭ بىر تەرەپ قىلىنىش نەتىجىسىنى جامائەتكە ئاشكارىلىغان بولسا ئۇنىڭ پەيدا بولىشى ئۇنچە سىرلىق ئىش بۇلۇپ قالمايتى شۇنداقلا بۇنچە كۆپ قىياس ۋە نارازىلىقلارنىمۇ پەيدا قىلمايتى . چىيۇۋ شىياۋ خۇا تورغا چىقامدىكىن، گىزىت كۇرەمدىكىن بىلمىدىم ،ئەگەر توردا ، گىزىتتە بۇنچە كۆپ كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە «كۇڭۇل بولىۋاتقىنىنى » كۆرسە قانداق ھىسىياتقا كىلەر ؟ ئۇنىڭغا روھىي بىسىم ۋە زىيان ـ زەخمەت كەلتۇرەرمۇ ؟
ئاددى ئىشلارنى مۇرەككەپلەشتۇرۇۋىتىش ، ئەسلىدىلا ئاشكارە بۇلۇشقا تىگىشلىك خەۋەرنى سىرلىقلاشتۇرۋىتىش ، «ھەقىقى ئەھۋالنى چۇشەنمەيدىغان » بىر تالاي ئادەملەرنى پەيدا قىلىش . ئامما ھەقىقىي ئەھۋالنى چۇشەنمەي ھەر خىل مۇلاھىزىلەرنى قىلىۋاتقاندا بەلكىم « جەمئىيەتكە خەۋىپ تۇغدۇردىغان ئىغىۋالارنى تارقاتقان » دەپ ئەيبىلىنىشىمۇ مۇمكىن .ئەدىليەنىڭ ئاشكارە بولماسلىقى ، سىرلىق بولىۋىلىشى مەلۇم مەنىدىن ئىيتقاندا ئاممىنى ئەخمەق قىلغانلىق ، كولدۇرلاتقانلىق ،ئاممىنى ئۆزىگە قارشى ئورۇنغا ئىتتىرىپ چىقىرىپ قويغانلىق .
بەخىتكە يارشا چىيۇۋ شىياۋ خۇانىڭ بىر تەرەپ قلىنىش نەتىجىسىڭ بولماسلىقى ۋە ئۇنىڭ ئويلىمىغان يەردىن پەيدا بۇلۇپ قىلىشىغا نىسىبەتەن چۇشەنمەسلىك، گۇمانىي پەرەزلەرنى قىلغانلا يالغۇز مەن باشلىق « ھەقىقى ئەھۋالنى چۇشەنمەيدىغان »ئاددى پۇخرالارلا ئەمەسكەن ، خەينەن ئۇنۋىرسىتىتى قانۇن پەنلىرى ئىنىستۇتىنىڭ پىرافۇسۇرى ۋاڭ لىن «دەۋىر تىز خەۋەرلەر گىزىتى » دە ئاشكارە ھالدا چۇشەنمەسلىكىنى ئوتتۇرغا قويدى : چىيۇۋ شىياۋ خۇانىڭ تۆت قىتىمدا 220مىڭ يۇەن سوۋغا ئىلىشى پارا ئالغانلىق بولمامدىكەن ؟ بۇ خىل غەيرى ھادىسىگە قارتا ئىنىق چۇشەنچە بەرمەي تۇرۇپ قانداقمۇ كىشىلەرنىڭ چىيۇۋ شىياۋ خۇانىڭ سىرلىق ھالدا قايتا پەيدا بولىشغا بولغان گۇمانلىرىنى يوقاتقىلى بولسۇن ؟

ئاپتۇرى :تاڭ جىيەن خۇا        جۇڭخۇا فىلىيەتۇنلار تورى