ھايات ياشاش بىلەن تۇرمۇش كەچۇرۇش

ھايات ياشاش بىلەن تۇرمۇش كەچۇرۇش ئاڭلىماققا ئوخشاش گەپتەك قىلسىمۇ ئۇ ئىككىسى ئوخشىمايدىغان ئىككى ئۇقۇم . ئەپسۇسلىنارلىقى نۇرغۇن كىشىلەر بۇ ئىككىسنى ئارلاشتۇرۇپ قويىدۇ ، ھەتتا ئالماشتۇرۇپ قۇيۇپ ھايات ياشاشنى تۇرمۇش كەچۇرۇش دەپ قارايدۇ . دائىم بەزىلەرنىڭ « xxنىڭ ئەمىلى يەنە ئوستۇرلىپتۇ ،ئۇنىڭ راستىنىلا ئىپى بار جۇمۇ ، قارا xx كە بىر ئۆمۇر ئىشلەپ ئاران بۇلۇم باشلىقى بولالىدى، تۇرمۇشى نىمىدىگەن ئىچىنىشلىق » دىيىشكىنى ئاڭلايمىز . كۆپىنچە ئادەملەر سىرتقى شەيئىلەرگە قاراپ بىر ئادەمنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بەختلىك ياكى بەختسىزلىكىگە ھۇكۇم قىلىدۇ ، بۇ چوڭ خاتالىق ، كۆزنى يۇمىۋىلىپ جۆيلىگەندەكلاقارا قوساقلىقنىڭ ئىپادىسى .
ھايات ياشاش بىر خىل تۇغما ئىقتىدار ۋە ماھارەت .تۇرمۇش كەچۇرۇش بولسا بىر خىل سەنئەت ۋە روھى ھالەت. ياشاش ئىقتىدارى كۇچلۇك بولغان ئادەمنىڭ تۇرمۇشنى چۇشۇنىشى ناتايىن ، تۇرمۇشى بەختلىك بولغان ئادەمنىڭ ياشاش ئىقتىدارى بەكمۇ ناچار بۇلىشىمۇ مۇمكىن .بۇرۇن بىر دوستۇم بولىدىغان ،ئۇنىڭ ئىرى چوڭ باشلىق ، ئائىلە شارائىتى تولىمۇ باتاشات ئىدى ، بىراق ئۇ ئازىراقمۇ بەخت ھىس قىلالمىغان . ئۇ ماڭا ئىرىنىڭ ئۆكپىنچە ۋاقتلاردا كەچ سائەت 12دىن بۇرۇن قايتىپ كەلمەيدىغانلىقىنى ،ئەر ـ ئايال ئىككىيلەننىڭ ھىچقاچان بىرگە سەيلى قىلپ باقمىغانلىقىنى ئىيتقان . ئۇنىڭ قارىشىچە بەخت دىگەنلىك ئەر ـ ئايال قولتۇقلىشىپ بىرگە سەيلى قىلىش دىگەنلىككەن ، بىراق ئەتراپىدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قارىشىچە ئۇ ناھايتىمۇ بەختلىك ئىدى . قەدىمدىن تارتىپ جۇڭگۇ ۋە چەتئەللەردە قانچىلىغان تۇرمۇش كەچۇرۇشنى بىلىدىغان ئادەملەر ياشاش يۇلىدا يىقىلىپ قالمىغان. مەنتىقىسىز ئادەملەرنىڭ نەزىرىدە ئۇلار بەختسىز ، بىراق دەل بۇ خىل قىيىنچىلىق ئۇلارغا شان ـ شەرەپ ئاتا قىلغان .
باشقىلاردىن ئاڭلىشىمچە مەلۇم ئىداردىكى بىراۋ تۆت كىشى بىلەن بەكمۇ يىقىنكەن ، بىرىنچىسى باشلىق ، ئىككىنچىسى بۇغالتىر ، ئۇچۇنچىسى ئاشپەز ، تۆتىنچىسى شوپۇر . بۇنى ئاڭلاپ تازا كۇلۇپتىمەن . بۇ ياشاش ئىقتىدارى ناھايتى كۇچلۇك ئادەم ئىكەن ، بۇ خىل ئادەملەر مەسىلىلەرگە ۋىجدانى بىلەن قارىمايدۇ ، سۈت چىققانىڭ ھەممىسىنى ئاپام دەيدۇ . كىم ئۇنىڭغا كىرەكلىك بولسا شۇنىڭغا تايىنىدۇ ،پايدىلىنش قىممىتى قالمىغاندا دەرھال چەتكە قايرىپ قۇيۇپ ئورنىغا كىرەكلىكىنى دەسسىتىدۇ . تۇرمۇشنى چۇشۇنىدىغان بىر ئادەم ھەرگىزمۇ يۇزەكى قاراش بىلەن مەسىلىلەرگە ئۆلچەم بىكتمەيدۇ ، ئۇنىڭ دوست تۇتىشى ئۆز ـ ئارا پايدىلىنىش ئۇچۇن بولماستىن بەلكى ئورتاق قىزىقىشى بولغانلىقى ئۇچۇندۇر . ئۇلار قىيىنچىلىقتا قالغان دوستىغا ئىللىق قۇلىنى سۇنىدۇ ، ھەرگىزمۇ ئۆلمەكنىڭ ئۇستىگە تەپمەك قىلمايدۇ . بىر دورىخانا خۇجايىنىنىڭ نۇرغۇن دورا ساتقۇچى دوستلىرى بار ئىكەن ، بىراق بىر قىتىملىق ماشىنا ۋەقەسىدىن كىيىن ئۇلار بى خۇجايىننىڭ ئەمدى قىممىتى قالمىدى دەپ ئويلاپ تۇشمۇ ـ تۇشتىن ئۆزلىرىنى چەتكە ئىلىشىپتۇ ، پەقەت بىرسىلا ئۇنى يوقلاپ كەپتۇ ھەم 3000مىڭ يۇەن پۇل ئالغاچ كەپتۇ . ئويلىمىغان يەردىن بۇ خۇجايىن ساقىيىپ ئەسلىگە قايتىپتۇ ھەم باشقا ھىچىكىمنىڭ دورىسىنى زاكاس قىلماي بارلىق تىجارىتىنى بۇ قىيىن شارائىتتا ئۇزىنى ئۇنتۇپ قالماي ياردەم قىلغان كىشىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپتۇ .
ھايات ياشاش ماددا بىلەن تۇلۇقلىنىدۇ ، تۇرمۇش كەچۇرۇش بولسا مەنىۋى روھقا تايىنىپ بەرپا بۇلىدۇ . ھايات ياشاش رەھىمسىز بۇلىدۇ ، ئۇنىڭدا رىقابەت ، چەتكە قىقىش مەۋجۇت .تۇرمۇش كەچۇرۇش بولسا ئاددى ،چاينى دەملەپ قۇيۇپ ، ئاي يۇرۇقىدا تەپەككۇر قىلساقلا بۇلىدۇ . پەقەت ھايات ياشاشنىلا بىلىدىغان بىر ئادەم ئاخىرى ماددى ئىھتىياق تەرىپىدىن يۇتۇپ كىتىلىدۇ ، تۇرمۇش كەچۇرۇشنى بىلىدىغان ئادەم بولسا قىينچىلىق ئىچىدىمۇ ئەركىن پەرۋاز قىلالايدۇ .

ئاپتۇرى : تەنھا شامال         قىزىل چەن تورى