دىھقانلار قانداق بۇلۇپ سودىگەرگە ئايلىنىپ قالغان

بىر قىتىملىق ئولتۇرۇشتا بىر خۇجايىن مۇنداق بىر ھىكايىنى سۆزلەپ بەردى .
چەت ـ يىراق بىر كەنىت بار بولۇپ ،كەنىتتىكىلەر كۇن چىققاندا ئىشلەپ كۇن پاتقاندا ئۇخلاپ ناھايتىمۇ تىنىچ ـ خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۇرىدىكەن .تۇيۇقسىز بىر كۇنلەردە تاغدا نەدىن كەلدىكىن بىر توپ مايمۇن پەيدا بۇلۇپ قىلىپ دائىملا تاغدىن چۇشۇپ زىرائەتلەرنى ۋەيران قىلىۋىتىدىغان بۇلۇپ قاپتۇ ، يەنە كىلىپ بۇ مايمۇنلار بەكمۇ تىز كۆپىيىدىكەن ، بىر يىلغا قالمايلا سانى يۇزدىن ئىشىپ كىتىپتۇ .
كەنىتتىكىلەرنىڭ بۇ مايمۇنلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش توغۇرلۇق بىشى قىتىۋاتقاندا بىر سودىگەر ياردەمچىسىنى ئەگەشتۇرۇپ بۇ يەرگە كىلىپ كەنتتىكىلەرگە ئۆزىگە تىرىك مايمۇن لازىملىقىنى ، ھەر بىرسىنى يۇز يۇەندىن سىتىۋالدىغىنىنى ئىيتىپتۇ .
كەنىتتىكىلەر ئەمدى باي بۇلۇشنىڭ يۇلىنى تىپىۋاپتۇ . پۇتۇن ئائىلە بۇيىنچە چوڭ ـ كىچىك ھەممەيلەن ھەركەتكە كەپتۇ . بىر كۇندە ھەر بىر ئۆيلىك يەتتە ـ سەككىزنى تۇتالايدىكەن . بۇنداق تىز پۇل تاپىدىغان ئىش نەدىمۇ بولسۇن ، كەنتتىكىلەر كەچتە ئۇخلىسىىمۇ چىرايىدىن كۇلكە كەتمەيدىكەن .
ناھايتى تىزلا مايمۇنلارنىڭ سانى ئازلاپ كىتىپتۇ ، سودىگەر ئامالسىز باھانى ئوستۇرۇپتۇ ، ئاخىرى ھەر بىر مايمۇن 500يۇەنگە چىقىپتۇ . ئەمدى كەنتتىكىلەر كەچتىمۇ ئۇخلىماي تاققا چىقىپ مايمۇن تۇتىدىغان بوپتۇ ، بىراق ئەمدى تۇتماق بەكمۇ تەس ئىكەن .
بىر كۇنى سودىگەر باشقا جايغا ئىش بىجىرگىلى بارماقچى بۇلۇپ مايمۇن سىتىۋالىدىغان ئىشنى ياردەمچىسىگە تاپشۇرۇپتۇ . سودىگەر كەتكەندىن كىيىن ياردەمچىسى كەنتتىكىلەرگە بۇ سودىگەرنىڭ قىلغان ـ ئەتكەنلىرىنىڭ كۇزىگە سىغمايۋاتقانلقىنى ، ئەمدى ئۇنىڭغا ئىشلەپ بەرمەيدىغانلىقىنى ، شۇڭا سىتىۋىلىنغان مايمۇنلارنىڭ ھەر بىرىنى 300يۇەندىن كەنىتتىكىلەرگە سىتىپ بەرمەكچى بۇلىۋاتقانلىقىنى ،كەنىتتىكىلەرنىڭ كىيىن يەنە 500يۇەندىن سودىگەرگە سىتۋەتسە بولدىغانلىقىنى ، ئارلىقتا نۇرغۇن پايدا ئالالايدىغانلىقىنى ئىىيتىپتۇ .
كەنىتتىكىلەر بارلىق يىققان پۇل ـ بىساتلىرىنى چىقىرىشىپ مايمۇنلارنى تالىشىپ يۇرۇپ سىتىۋاپتۇ .
ئەتىسى ياردەمچى غايىپ بوپتۇ ، سودىگەرمۇ ئىككىنچى قايتىپ كەلمەپتۇ .
خۇجايىن ھىكايىسىنى تۇگىتىپ بىزدىن ئەگەر سىلەر ئەشۇ كەنىتتىكىلەرنىڭ ئورنىدا بولغان بولساڭلار قانداق قىلاتتىڭلار دەپ سورىدى .
ـ ئەلۋەتتە ئۇ ئىككىسىنى ئىزلەيتۇق !ئەرىز قىلاتتۇق ! ـ دەپ جاۋاپ بەردى كۆپچىلىك.
خۇجايىن كۇلۇپ كەتتى . بىراق كەنىتتىكىلەر ئۇنداق قىلمىغان ، ئۇلار ئوغۇرلۇقچە مايمۇنلارنى تىخىمۇ يىراق ، چەت تاغلىق كەنتلەرگە ئاپىرىپ قۇيۇۋەتكەن ، كىيىن بۇ كەنتتىكىلەرمۇ سودىگەر بۇلۇپ كىتىشكەن .
تۇساتتىن بۇ خۇجايىننىڭ ئەسلى يۇرتىنىڭ يىراق بىر تاغلىق كەنىت ئىكەنلىكى ئىسىمگە كەلدى .

ئاپتۇرى : جۇ زون چېڭ       ھازىرقى دەۋىر تېز گىزىتى      2008-11-18