ئەڭ ئەڭ نارازى بۇلدىغانلىرىم

ئوغىرى -ئازىراق پۇل ياكى نەرسە ئوغۇرلىغانلىقىڭنى خاتا دىمەي تۇرايلى ،ئوغۇرلاپ بۇلۇپ خەقنىڭ كىنىشكىلىرىنى چۆرۇۋەتكىنىڭ ، ئوغۇرلىيالمىساڭ بۇلىغىنىڭ ، خەقىنڭ ئۆيىدىكى نەرسىللىرىنى تاشلاپ بۇزغانلىرىڭ توغىرا بولمىدى .
ئالدامچى -يۇقىرى پەن- تىخىنىكىدن پايدىلىنىپ ،تىخى تەشكىللىك ھالدا پۇل قاقتا -سوقتا قىلغىنىڭ خاتالىق ھىساپلانمىغاندىمۇ ،كۇندە «مۇكاپاتقا ئېرىشتىڭىز»دوپ يانفۇن قىسقا ئۇچۇرى يوللاپ ئەقلي قابىليتىمگە ھاقارەت قىلغىنىڭ توغرا بولمىدى .
شەھەر تەرتىپىنى باشقۇرغۇچى -زوراۋانلىق بىلەن يايمىنى بۇزۇپ نەرسىلەرنى مۇسادىرە قىلغىنىڭ خاتالىق ھىساپلانمىغاندىمۇ ،خەقنى ئۇرغىنىڭ بۇلۇپمۇ ياشانغانلارنى ئۇرۇشۇڭ ،يەنە تېخى يانفۇن بىلەن سۆرەتكە ئېلىۋالغان ئادەمنى ئۇرۇپ ئۆلتۇرۇپ قويغىنىڭ توغرا بولمىدى .
ئەمەلدار -ئازىراق يەپ -ئېچكىنىڭ ،.ولتۇردىغان ماشىناڭنىڭ ئىسىل ئەمەسلىكىدىن زارلىنىشىڭ توغرا بولغاندىمۇ ،ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش پۇلىنى ئشلىتىۋىلىشىڭ توغرا بولمىدى .
سوتچى -ئون-يىگىرمە يىل ئۇۋال بۇلۇپ كىتىپ قايتا سوت ئىچىش خاتالىقىڭ بولمىغان تەقدىردىمۇ خاتالىقنى سەزگەندىن كىيىن دىلو ماتريالىنى ئەخلەت چىلىكىگە تاشلىۋەتكىنىڭ توغرا بولمىدى .
دۆلەت مەمۇرى - خىزمەت ۋاقتىدا تورغا چىقىپ ،پو ئېتېپ ،ئىشتىن چۈشۈشكە ئازقالغاندا ئىشلەپ قويۇپلا نارازى بولغانلارنىڭ ئاغزىنى ئىتىش خاتالىق ھىسابلانمىغاندىمۇ، سەھرادىن كىلىپ ئىش بىجىرىدىغانلارنى ئون- يىگىرمە كۈن ساقلاتقىنىڭ توغىرا بولمىدى.
پىراففىسسور- لىكسىيە سۆزلەش پۇلىنى كۆپىرەك ئېلىپ ، دۆلەتنىڭ پۇلى بىلەن كۇڭزىنىڭ بوي ئىگىزلىكىنىڭ يەتتە چى ياكى ئالتە چى ئىكەنلىكىنى تەتقىق قىلغىنىڭنى خاتالىق دىمىگەندىمۇ، كۈندە توردا خەق بىلەن تىللاشقىنىڭ، يەنەكىلىپ ئېغىزغا ئالغۇسىز تىللاربىلەن ئون سەككىز ئۇرۇق - جەمەتىنى تىللىغىنىڭ توغىرا بولمىدى . (قىسقارتىلدى)

ئاپتۇرى:لوچياڭ «فىليەتونلا ئايلىق ژورنىلى» 2008-9-<1>