خاتا كىيىنىش ۋە خاتا خۇشامەت

12- ‏ئاينىڭ 8 - ‏كۇنى كۆپىنچە شەھەر ئاھاللىلىرى قىلىن قىشلىق كىيىملىرىنى كىيىشكەن چىغىدا سىچۇەن يىبىڭ ناھىيىلىك ئىككىنچى ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئون قىز ئۇقۇغۇچى يازلىق قىسقا كۆينەك كىيىشىپ سىرتتا تۇرۇپ مەكتەپ پائالىيىتى ئۇچۇن كەلگەن مىھمانلارنى قارشى ئالدى. بۇ ئىش شۇ ھامان قىززىق بەس‏‏‏- مۇنازىرە قوزغىدى ، تورداشلار تۇشمۇ - تۇشتىن مەكتەپنىڭ ئۇقۇغۇچىلارنىڭ تىنىنى ئاسىرمىغانلىقىنى ئەيبلەشتى (چىڭدۇ سودا گېزىتى 12 ‏-ئاينىڭ 11 ‏-كۇنى.)
خەۋەردىن مەلۇم بۇلىشىچە بۇ مەكتەپ شۇ كۇنى 9 ‏-دېكابر ۋەتەننى سۇيۇش ئۇقۇغۇچىلار ھەركىتىنى خاتىرلەش پائالىيىتىنى ئۆتكۇزگەن ، پائالىيەتكە قاتنىشىدىغانلار يىبىڭ شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ۋە ئالاقىدار بۇلۇملەرنىڭ رەھبەرلىرى ئىكەن . مەكتەپ "ۋەتەننى سۇيۇش "پائالىيىتى نامىدا ئۇقۇغۇچىلارنى ئازىراقمۇ سۆيمىگەن ، رەھبەرلەرنى قارشى ئىلىش باھانىسىدا ئۇقۇغۇچىلارنى سۇغۇقتا غال - غال تىتىرەتكەن . گەرچە بۇ ئون قىز يازلىق كىيىمنى پەقەت يىرىم سائەتلا كەيگەن بولسىمۇ بىراق بۇ "قىسقىغىنا" يىرىم سائەتسۇغۇق شامالدا تۇرغان ئۇلارغا نىسىبەتەن بەكمۇ ئۇزاق ھەم چىدىغۇسىز .
بالىلار ۋەتەننىڭ كىلچىگى ھەم ئۇمىدى . نۇرغۇن مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ كۆرسەتمىسىدە دائىم مۇنداق بىر جۇمىلىنى ئۇچۇرتىمىز : "بارلىقىمىز ئۇقۇغۇچىلار ئۇچۇن ، ئۇقۇغۇچىلارنىڭ بارلىقى ئۇچۇن! " . بىراق بەزى ۋاقتلاردا بىزنىڭ كۇرۇدىغىنىمىز پەقەتلا چىرايلىق شۇئاردىن ئىبارەت خالاس.
بۇ ۋەقە مەكتەپ ۋە يۇقىرى رەھبەرلىكنىڭ نەزىرىدە پەقەتلا خاتا كىيىنش بۇلۇشى مۇمكىن بىراق بۇ ئىاتالىق ئىچىدىن بىز ھۇقۇقنىڭ سايىسىنى كۇرۇۋالالايمىز ، بەزى ئادەملەرنىڭ ھۇقۇققا بولغان چۇقۇنۇشىنى كۇرۇۋالالايمىز . قاراماي زور ئوت ئاپىتىدىكى " رەھبەرلەر باشتا چىقىۋالسۇن " سۆزى ، يامغۇردا رەھبەرلەرگە ئۇقۇغۇچىلار كۇنلۇك تۇتۇپ بىرىشى ، سوغۇقتا ئۇقۇغۇچىلارنىڭ توڭلاپ تۇرۇپ رەھبەرلەرنىڭ نۇتۇقىنى تىڭشىشى ، پويىزدا ئۇقۇغۇچىلاردىن رەھبەرلەرگە ئۇرۇن ئالماشتۇرۇپ بىرىشنى تەلەپ قىلنىشى ...بۇ ۋەقەلەرنىڭ ھەر بىردىن بەزىلەرنىڭ ھۇقۇققا بولغان خۇشامىتىنىڭ قايسى دەرىجىگە يەتكەنلىكىنى ھىس قىلماي تۇرالمايمىز . يەنە كىلىپ بۇ خىل خۇشامەت پەقەتلا ئالاقىدار رەھبەرلەرنىڭ تۆۋەنكى ئىدارىلەرگە ئىش بىجىرىش خىراجىتى بىرەلەيدىغانلىقى ، تۆۋەندىكىلەرنىڭ ئەمىلىنىڭ ئۇسۇشنى قارار قىلالايدىغانلىقى ئۇچۇنلا . ئۇ ئادەملەرنىڭ قارىشىچە رەھبەرلەرگە خىزمەت قىلىشقا سىلىشتۇرغاندا ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ھىسىياتى ۋە ھۇقۇق‏- مەنپىئەتى نىمىگىمۇ ئەرزىسۇن ؟
قىش كۇنلىرىدە ۋەتەننىڭ گۇل ‏- غۇنچىللىرى سۇغۇق شامالدا توڭلىماقتا ، ئەمما خۇشامەت گۇللىرى بولسا بەكمۇ " پۇرەكلەپ " ئىچىلىپ كىتىپتۇ . بۇ كارتىنىغا قاراپ ئاچچىق بولماي ، ئىغىر خىيالغا چۆكمەي تۇرالامدۇق .
ئاپتۇرى : يى چۇەن لۇڭ      مەنبە : شىنخۇا تورى