دېموكراتىيە بىزدىن قانچىلىك يىراقلىقتا ؟_2008-يىلنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنىدە يېزىلدى


2008-يىلى ئادەتتىن تاشقىرى بىر يىل ،كۆپ مۈشكۈلاتلارغا دۇچكەلدۇق ، كۆپ ۋەقەلەر يۇز بەردى . يۇز يىلدا بىركۇرۇلىدىغان قار -مۇز ئاپىتى ،ۋىنچۇەندىكى يەر تەۋىرەش ،بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنى ،سىھىرلىك كىمە 7-نىڭ قۇيۇپ بىرىلىشى ، سەنلۇ ماركىلىق سۇت پاراشۇگى ۋەقەسى ،يەر شارى خاراكتىرلىق پۇل -مۇئامىلە كىرزىسى ، جۇڭگۇنىڭ تىرلىيۇن يۇەنلىك بازار قۇتقۇزۇش لايھەسى ،شاڭخەيدىكى ساقچىغا ھۇجۇم قىلىش دىلوسى ،ۋىڭ ئەندىكى ھۇكۇمەتنىچىقىش-كۆيدۇرۇش ۋەقەسى ، چۇڭچىڭدىكى تاكسى شوپۇرلىرىنىڭ ئىش تاشلىشى ، دەرىس تاشلاش ھەركىتى ...
ئاھ 2008 ، مۇشكۇلاتلىق2008 ؛ ئاھ2008 ، دىمۇكىراتىيىگەقاراپ سىلجىغان2008 .
بۇگۇن2008-يىلنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر كۇنى ، ئوزۇمچە سۇرۇغىم كەلدى : دىمۇكىراتىيە بىزدىن قانچىلىك يىراقلىقتا؟
يىراقتىكىسى ماڭا ناتۇنۇش ،ئەتىراپىمدا يۇز بەرگەن ئىشلارنى سوزلەپ بەرگىم كىلىۋاتىدۇ، بۇ نەچچە كۇننىڭ ئالدىدىكى ئىش، 2008-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۇنى ، جۇمە ، xx ناھىيە xxئوتتۇرا مەكتىۋى بازارلىق ئۇقۇتقۇچىلار ۋەكىلىرى قۇرۇلتىيى(ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى)نى چاقىردى ."بازارلىق 6-نۆۋەتلىك2- قىتىملىق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ غەلبىلىك چاقىرلىغانلىقىنى قىزغىن تەبىرىكلەيمىز " دىگەن پىلاكات ئاللىقاچان ئىسىلغان . ۋەكىللەر مەيدانغا كىرىشكە باشلىدى ، ۋەكىللەر دەرھاللا يىغىن تەرتىۋىدە ئادەتتە چۇقۇم بۇلۇشقا تىگىشلىك بىر تەرتىپنىڭ ، "ۋەكىللەر پىكىرى" ۋە " ئەركىن پىكىر قىلىش " دىگەن تەرتىپنىڭ يوقلۇقىنى بايقىدى .xxئوتتۇرا مەكتىۋىنىڭ ۋەكىلى چىڭxx دەرھال ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى فۇxxغا بۇنى ئەسكەرتتى.فۇ رەئىس بۇنى چۇشەندۇرۇپ "ئەسلى بۇلۇشقا تىگىشلىك،بىراق ۋاقىت چەكلىك بولغاچقا بۇ قىتىم ئۇرۇنلاشتۇرمىدۇق " دىدى . يىغىن ئىچىلدى ، ھەر قايسى رەھبەرلەرقەغەزلىرىنى ۋاراقلىشىپ يىزىلىنى بۇيىنچەھەر قايسى تۇرلەردىكى دوكىلاتلىرىنى ئۇقۇپ ئوتۇشتى .تەرتىپ داۋاملىشىپ سۇنۇلغان تەكلىپ - پىكىرلەرگە جاۋاپ قايتۇرۇش دوكىلاتى ئەمدىلائاياقلىشىشىغا ۋەكىللەر ئولتۇرالماي قىلىشتى ، بەزىلەر تەكلىپكە بىرىلگەن جاۋاپقا قايىل بولماي " xxئوتتۇرا مەكتەپ ئالدىنقى مەۋسۇمىدە ۋەكىللەر قاتناشقان ھىساباتنى تەكشۇرۇپ ئىنىقلاش ئىلىپ باردىمۇ ؟ بۇ مەۋسۇمدە ھىساباتنى دىمۇكىراتتىك ھىساۋات تەكشۇرۇپ ئېنىقلاش ئىلىپ بىرىلامدۇ يوق ؟..."دىگەندەك نۇرغۇن ئىنىق بولمىغان مەسىلىلەرنى ئوتتۇرغا قويدى .جاۋاپلار ۋەكىللەرنى رازى قىلالمىدى . يىغىن كىيىنكى تەرتىپكە يەنى قارارنى ئاۋازغا قۇيۇشقا كەلدى .تۆت دوكىلاتنىڭ ئىچىدە دىمۇكۇراتتىك ئىدارە قىلىش ، مەكتەپ ئىشلىرىنى ئاشكارا باشقۇرۇشلاتۇلۇق ئاۋاز بىلەن ماقۇللاندىن باشقا قالغان ئۇچىنىڭ ئىچىدىكى ئىككىسنىxx ئوتتۇرا مەكتەپتىكى سەككىز ۋەكىل ماقۇللىمىدى ، بىرسىنى بەش ۋەكىل ماقۇللىمىدى .بىراق بۇ قۇرۇلتايغا پۇتۇن بازاردىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ۋەكىللىرمۇ قاتناشقانلىقى ، ھەر قايسى مەكتەپلەرنىڭ مەمۇرىي باشقۇرغۇچىللىرى ،ئۇقۇتقۇچىلارسايلىمىغان ئالاھىدە تەكلىپلىك ۋەكىللەرمۇ ھەم قاتناشقاچ ھەر تۇرلۇك دوكىلاتلارنىڭ قارارى٪ 75تىن ئارتۇق ۋەكىللەرنىڭ قول كۆتۇرۇپ قۇشۇلىشى نەتىجىسىدە ئاساسەن ماقۇللىقتىن ئۆتتى .xx ئوتتۇرا مەكتىۋىدىكى پۇتۇن ئۇقۇتقۇچى ، ئىشچى -خىزمەتچىلەر سايلاپ چىققان سەككىز ۋەكىل بۇنىڭدىن بەكمۇ نارازى بۇلۇشۇپ ، ئەڭ ئاخىرقى رەھبەرلەرنى باھالاشتا قىسمەن رەھبەرلەرگە 59 نۇمۇر قۇيۇپ لاياقەتسىز دەپ باھالىدى. بىراق ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بۇباھاسىنىڭ يەنىلا ھىچقانداق رۇلى بولمايدىغىنىنى بىلەتتى .
دىمۇكىراتتىيە ، مانا بۇ " جۇڭگۇچە دىمۇكۇىراتتىيە " .
2008-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۇنى ، دۇشەنبە ،چۇشتىن كىيىن سائەت 4:20 ،مەكتەپ چوڭ يىغىن ئاچتى .يىغىن باشلانغاندا بىر ئۇقۇتقۇچى ئىشچىلارئۇيۇشمىسى ۋەكىلى ئۇقۇتقۇچىلار قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يەتكۇزسۇن دىگەن تەلەپنى ئوتتۇرغا قۇيۇۋىدى، مەكتەپ رەھبەرلىرى قۇشۇلماي يىغىننى داۋاملاشتۇرۇپ خىزمەتلەرنى ئۇرۇنلاشتۇرىۋەردى . خىزمەتلەر ئۇرۇنلاشتۇرۇلۇپ بولغاندىن كىيىن ۋۇxx مەكتەپ مۇدىرى سۆز قىلدى ،ئۇ مىسال ئىلىپ ،"ئۆتكەن يىلدىكى ئىلغارلارنى سايلاشتا نۇرغۇن ئۇقۇتقۇچىلار بىلەت تاشلىغاندىن كىيىن كۆپىنچىسى پەقەت بىرلا ئاۋازغا ئىرىشكەن ، ئىنقكى ئۇلار ئۇزىگە بىلەت تاشلىغان ،سايلانغانلارنىڭ ئەڭ يۇقۇرى ئاۋاز سانى بولسا پەقەت تۆتلا بىلەت بولغان ، بۇنىڭدىن كۇرۇۋىلىشقا بۇلىدىكىxx ئوتتۇرا مەكتىۋىدە ئۇقۇتقۇچىلارئاۋازغا قۇيۇدىغان دىمۇكىراتتىيىنى يولغا قۇيۇشقا بولمايدۇ" دىدى . يەنە قانداقتۇر پەقەت "جۇڭگۇچە دىمۇكىراتتىيە"نىلا ئىجىرا قىلىش كىرەك دىدى .بۇ چاغدا بىراۋ قۇپۇپ ئىتىراز بىلدۇرۇپ : بۇxx ئوتتۇرا مەكتىۋىنىڭ ئۇقۇتقۇچىللىرىنىڭ ساپاسى تۆۋەن ،دىمۇكىراتتىيەنى ئىجىرا قىلىشقا لايىق ئەمەس دىگەنلىك بولماي نىمە ؟ -دىدى .دەرھاللا باشقا ئۇقۇتقۇچىلارمۇ بۇنىڭغا ھەمدەم بۇلۇپ "نىمىشقا بىلەت تاشلاپ ئىلغارلارنى سايلىمىغىدەكمىز ؟ ئۆزىنى سايلىسا نىمىشقا بولمايدىكەن ؟...دىيىشتى . ئارقىدىن بىر ۋەكىل قۇرۇلتايدىكى ئەھۋاللارنى ئۇقۇتقۇچىلارغا سۆزلەپ بىرىۋىدى ھەممەيلەر ھىسىياتىنى باسالماي ھەر خىل مۇلاھىزىلەرنى قىلىشتى ،ئۇقۇتقۇچىلار ئارقا -ئارقىدىن ئوتتۇرغا چىقىپ ئۆز كوڭلىدىكى سۆزلىرىنى بايان قىلىشىپ دىمۇكىراتتىك ئىدارە قىلىشنى ، مەكتەپ ئىشلىرىدا ئاشكارا بۇلۇشنى، مالىيەنى ئاشكارىلاشنى ،ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ تەمىناتىنى يۇقۇرى كۆتۇرۇشنى تەلەپ قىلىشتى .بەزىلەر ئۇقۇتقۇچىلۇق جاپالىق دىيىشسە، بەزىلەر تۇزۇم مۇۋاپىق ئەمەس دىدى ، بەزىلەر ناھەق بولغان ئىشلارنى تىلغا ئىلىشتى .يىغىن ئۇزىراپ كىتىۋاتاتتى ،ئادەتتە 30 مىنۇتقىمۇ بارمايدىغان يىغىن ،ئادەتتىكى چاغلاردا ئۇن-تۇنسىز ئولتۇردىغان ئۇقۇتقۇچىلار تۇشمۇ -تۇشتىن مەكتەپ تۇزۇمىدىكى بەزى تەرەپلەرگەبولغان نارازىلىقىنى بايان قىلشتى . يىغىن ئىككى سائەتتىن ئارتۇقىراق ئىچىلدى ، ئۇقۇتقۇچىلار تىخىچە پۇخادىن چىقمىغان ئىدى .چاۋاك ، چىلىنغان چاۋاكلار ئۇزۇلمەيتى ،ھىچىكىم" كۆپچىلىك چاۋاك چالايلى "دەپ تەلەپ قىلمىسىمۇ چاۋاك ساداسى ھىچ پەسەيمەيتى ، ئۇقۇتقۇچىلار ئىچىگە يۇتۇپ يۇرگىلى ئۇزۇن بولغان ، قورسىقى ئىسىلىپ يىرىلىپ كىتەي دىگەن ئىدى .بىرەيلەن مۇنداق خۇلاسە چىقاردى : بۇ تارىختىن بۇيانقى بىر قىتىملىق "دىمۇكىراتتىك تۇرمۇش يىغىنى " بولدى ، بۇنداق يىغىن بەك ئاز ،كىيىن يەنە ئىچىلىشى كىرەك .
2008-يىلى12-ئاينىڭ 30-كۇنى ، 2008-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۇنى ، ۋۇxx مەكتەپ مۇدىرى بىلەن بىر قىسىم رەھبەرلەر قىسمەن ۋەكىللەرنى ئايرىم چاقىرىتىپ سۆزلىشىشكە باشلىدى ، بۇنىڭدا ئىزىپ چۇشەندۇرۇش ، يىتەكلەش ۋە تەھدىتمۇ بار ئىدى ، مەسىلەن ،"سەن رەھبەرلىككە تايىنامسەن ياكى ئاممىغىمۇ ؟" ،سەن كادىرلار بىلەن ئامما ئوتتۇرىسىغا ئىختىلاپ تىرىۋاتىسەن ، بۇنى يۇقۇرغا ئەينەن مەلۇ م قىلىمىز ،ئىدارە چۇقۇم سەن بىلەن سۆزلىشىدۇ "ۋاھاكازالار .ئەڭ ئۇۋال بولغىنى بىر ئۇقۇتقۇچى كاسسىردىن نەپىقە پۇلىنى ئالغىلى بارغاندا كاسسىر ئۇنى سىسىق گەپ بىلەن راسا تىللىغان .قانداقتۇر "سىلەر ۋەكىللەر ياپياش تۇرۇپ نىمە قىلىپ يۇرۇيسىلەر ؟"(سىلەرگە ئىستىقبال كىرەكمۇ يوق ؟) "بۇ مىجەزىم بىلەن ئادەتتىكى چاغ بولسا بۇ ۋاققىچە ئاپاڭنى قۇشۇپ تىللاپ تاشلايتىم"(تىللىماي تۇرۇپ تىللىدى ) .ھەتتا ۋۇ مۇدىر مەكتەپتىكى ئۇقۇتقۇچىلار ۋە مەكتەپ سىرتىدىكى ئامما بار ئاشكاراسۇرۇنلاردا ئاغزىغا كەلگەننى جۆيلۇپ (نىمە خىيالىغا كەلسە شۇنى دەپ ، قىنى چاۋاك چالايلى ) :مەن ئون يىل مەكتەپ مۇدىرى بولۇپ بۇنداق ئىشنى كۇرۇپ باقمىغان ، مەن بىلەن قارشىلاشتىڭلار ، سىلەرنى يۇغۇشتۇرۋەتمەيدىغان بولسام ("سىلەر "ۋەكىللەرنى كۆرسەتسە كىرەك) دەپ يۇردى .خۇددى قارا جەمئىيەت كاتىبىشىنىڭ ئۆزى .بىر قىسىم كىشىلەر ئەسلىدىلا قورقۇنچاق ، بىر قىسىم كىشىلەر تولا ئىككىلىنىپ قالىدۇ ، يەنە بىر قىسىم كىشىلەر بولسا ئۇمۇتسىزلەنگەن شۇڭا ھىچىكىم ئەمدى بۇ ئىشنى قايتا تىلغا ئالمىدى .مەكتەپ ئىشلىرىنى ئاشكارلاش ئاخىرقى ھىساپتا يەنىلا ئىغىزدىكى گەپكە ئايلىنىپ قالدى ."جۇڭگۇچە دىمۇكىراتتىيە " يەنىلا داۋاملاشماقتا ئىدى .
2008-يىلى ئاياقلىشىشن ئالدىدىلا تۇرماقتا ، دىمۇكىراتىيە بىزدىن يەنە قانچىلىك يىراقلىقتا ؟
دىمۇكىراتتىيە بىزگە ناھايتىمۇ يىقىن ، ئەمما دىمۇكىراتتىيە بىزدىن يەنە ناھايتىمۇ يىراقتا . ئۇھ !
ئاپتۇرى : دىڭ سەن جۇن         قورغان فىلىيەتۇن تورى