بىر ئايتۇقاچ ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتىنىڭ سودىسى ياخشى بولماي تاقىلىپ قالغاندىن كىيىن، تەنھەركەت مۇسابىقسىدا مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان دىسكاياساشقا ئۆزگەرتىلىۋ ىدى سودىسى راۋاج تىپىپ كەتتى .
بىر تاشقى كىسەللىكلەر دوختۇرى داۋالاش ھادىسىسى چىقىرىپ قۇيۇپ ئىشتىن بوشتۇلغاندىن كىيىن ، قاتتىق ئىزلىنىش ئارقىلىق ئاخىردا كامالەتلىك ھايۋاناتلار دوختۇرى بۇلۇپ قالدى .
بىر ئوغرى نەچچە قىتىم يىتىپ چىققاندىن كىيىن چۇڭقۇر ئويلۇنۇپ ، جاپالىق مەشقلەر ئارقىلىق قىسقا ئارلىققا يۇگۇرۇش تەنھەركەتچىسى بۇلۇپ يىتىشىپ چىقتى .
بىر تىياتىردا مەخسۇس ئۇرۇشىدىغان رولغىلا چىقىدىغان قۇشۇمچە ئارتىس ئىشتىن بوشۇتىلغاندىن كىيىن ئوڭۇشلۇق ھالدا رايۇنلۇق شەھەر باشقۇرۇش باش ئەتىرىتىگە ئۇرۇنلىشىپ قايتا ئىشقا ئۇرۇنلىشىشنى ئوڭۇشلۇق تاماملىدى .
بىر پۇتبۇل تىرىنىرى ئومۇرلۇك مۇسابىقىغا قاتنىشىشتىن چەكلەنگەندىن كىيىن مەخسۇس قارا پۇشتەك ساتىدىغان بىر دۇكان ئىچىۋىدى تىجارىتى ناھايتى ياخشى بولدى.
بىر تىلۋىزىيە رىياسەتچىسى ئىشتىن قالدۇرۇلغاندىن كىيىن، ئاكتىپلىق بىلەن كەسىپ ئۆزگەرتىپ ئالى دەرىجىلىك توي رىياسەتچىسى بولىۋىدى ئايلىق كىرىمى 100مىڭدىن ئىشىپ كەسىپداشلىرىنىڭ كۇزىنى قىزارتىۋەتتى .
بىر لايىق تۇنۇشتۇرۇدىغان ئايال ئىشتىن بوشتىلغاندىن كىيىن كۆپ تەرەپلىمىلىك تىرىشىش ئارقىلىق ئاخىرى مەلۇم ئاپىراتنىڭ باش نىكاھ مەسلىھەتچىسىگە ئايلىنىپ قالدى .
بىر پال سالغۇچىنىڭ يايمىسى مۇسادىرە قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ، ئۇ بىرلا ئۆرۇلۇپ مەلۇم يىزىلىق ھۇكۇمەتنىڭ يۇقۇرى دەرىجىلىك يەر شارائىتى مەسلىھەتچىسى بۇلۇپ قالدى .
مەلۇم بىر چولپاننىڭ ۋاستىچىسى ھەيدەپ چىقىرىلغاندىن كىيىن ئەمدى بۇ ئىشنى قىلماسلىققا قەسەم قىلدى . ئۇزۇن ئۆتمەي مەلۇم بىر گىزىت مەخسۇس ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان خەۋەرلەرنى ئارقا -ئارقىدىن بىرىپ نام چىقىرىپ كەتتى ، بۇ ۋاستىچى بۇ گېزىتخانىنىڭ ئەتىۋارلىق ئەنگۇشتىرىگە ئايلىنىپ قىلىپ ، «مۇل مەلۇماتلىق باش كۇڭۇل ئىچىش خەۋەرلىرى مۇخبىرى»دىگەن نامغا ئىرىشتى .
ئىككى مۇتىخەسىس كۆپ يىللاردىن بۇيان چوڭ -كىچىك سەھنىلەردە نۇتۇق سۆزلەپ ، ئۆ ئارا ماسلىشىپ ناھايتى كىلىشىپ قالغان ئىدى . ئىدارىدىن ئىشتىن بوشتۇلغاندىن كىيىن ئىككىيلەن بىر مەزگىل غايىپ بۇلۇپ «ئىشىكنى تاقاپ جاپالىق مەشىق قىلغان » كىيىن ئاڭلاشلارغا قارىغاندابىر جۇپ تالانتلىق كۇلدۇرگە ئارتىسلىرىدىن بۇلۇپ قاپتۇ .
ئاپتۇرى :ۋىن شىيەن ۋىي جۇڭخۇا فىلىيەتۇنلار تورى
|