بىرنچىسىدىن باشلاش

ئاتاقلىق ئايال مۇناخ تىرتسا مىھرىبانلىقى بىلەن دۇنياغا مەشھۇر .مۇناخ تىرتسا ھايات چىغىدا قۇرۇپ چىققان ۋاپات بۇلۇش ئالدىدىكىلەرگە ئىللىقلىق يەتكۇزۇش سانۇتۇرىيەسنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا بىر ئەمەلدار ئۇنىڭ بۇ ھەركىتىگە گۇمانىي قاراشتا بولغان .
ئەمەلدار :-سىزنىڭ بۇنداق قىلىشىڭىز نامىراتلار كەپىسنى تىخىمۇ كىڭەيتىشمۇ قانداق ؟ مۇناخ تىرتسا :-ياق ، پەقەتلا قازا قىلغۇچىلارنىڭ ئۇلۇمىنىڭ قەدىر - قىممەتلىك بۇلىشى ئۇچۇن .
ئەمەلدار يەنە سوراپتۇ :- سىز جاكارتادىكى مىلىيۇنلىغان مىيىپ، كىسەل نامىراتقا تاردەم قىلماقچى بۇلىۋاتامسىز ؟ مۇناخ تىرتسا ئۇنىڭغا جاۋاپ قايتۇرماستىن ، ئەكسىچە ئەجەپلەنگەن ھالدا سورىدى :- مىلىيۇنلىغان ، سىز مىليۇننى قانداق ساناپ بولدىڭىز ؟ ئەمەلدار بىزار بولغان ھالدا :-بۇ مۇھىم ئەمەس ،مىنىڭ دىمەكچى بولغۇنۇم سىز ھەر قانچە تىرشسىڭىزمۇ قۇتۇلدۇرۇپ بولالمايسىز ، نامىراتلار بەكمۇ كۆپ ، بىلدىڭىزمۇ ؟ مۇناخ تىرتسا كۇلۇپ قۇيۇپ ئۇنىڭدىن تىكىلىپ تۇرۇپ سورىدى :- بىر مىلىيۇن ؟سىز نەچچىدىن باشلاپ سانىدىڭىز ؟ ئەمەلدار چارىسىز قىلىپ ياۋاشىلق بىلەن قاۋاپ قەيتۇردى : بىردىن . مۇناخ تىرتسا دەرھال بارماقلىرىنى پۇكۇپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا : مەنمۇ بىردىن باشلاپ سانىغان ، بىردىن كىيىن ئىككى ، ئاندىن ئۇچ ، ئاندىن بولسا تىخىمۇ كۆپ ، ھازىر بىز يۇزدىن ئارتۇق ئادەمنى قۇتۇلدۇردۇق .
1979-يىلى نوبىل تىنىچلىق مۇكاپاتى مۇناخ تىرتساغا بىرىلدى .مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا تىرتسا مۇنداق دىدى :- بىز دۇنيا بىلەن ئۇچىراشقان چىغىمىزدا ، بىزنىڭ ئۇچىراشقىنىمىزنىڭ ھەممىسى بىر ئادەم ،مەيلى ئۇ ئادەم بولسۇن ياكى بۇ ئادەم بولسۇن ئۇمۇمەن بىر كونكىرىت (ئەمەلىي ) ئادەم ، ھەرگىز ئابىستىراكىت (مەۋھۇم ) ئىنسان ئەمەس .پەقەت كونكىرىت بولغان ئادەمنى سۆيگەندىلا ئاندىن ئىنسانىيەتنى ھەقىقى سۆيگىلى بولىدۇ .

ئاپتۇرى : خۇا زى      جۇڭخۇا فېلىيەتۇنلار تورى