ئاممىۋى ۋەقەلەرنىڭ كۆپلەپ يۇز بىرىشى نېمىدىن دىرەك بىرىدۇ ؟


(ئاپتۇردىن : ھازىر مەن ئىقىم مەسىللىرىنى مۇنازىرە قىلىشنى ياخشى كۆرمەيدىغان بۇلۇپ قالدىم ، ئەسلىدە بۇنداق ئىشلارغا بەكمۇ ھىرسمەن ئىدىم ، بىراق ئۇ ئۇقۇغۇچىلىق دەۋىرىمدىكى ئىشلار ئىدى . ھازىر گەرچە نامىرات ، تۇزۇك بىلىمى يوق بىر ئادەم بولساممۇ ئىچىمدىن ناھەقچىلىككە چىدىمايدىغان ، دۆلەت ، خەلقتىن ۋايىم يەيدىغان مىجەزىمنىڭ تۇرتكىسىدە قورساقنى كۆپتۇردىغان ئىشلارنى كۆرسەم يەنە ئۆزەمچە «غودۇراپ » سالىمەن . )
گۇيجۇ فۇئەن « 628ۋەقەسى »
يۇننەن مىڭليەن «719ۋەقەسى»
چۇڭچىڭ ۋە سەنيادىكى كىرا ماشىنلىرىنىڭ ئىش توختىتىشى
گەنسۇ لۇڭنەن «1117ۋەقەسى» ...
يىرىم يىلغا يەتمىگەن ۋاقىتتا ، خۇاشىيا ئېلىدە بىر -بىرىگە ئۇلىشىپ مەلۇم كۇلەمگە ئىگە ئاممىۋى ۋەقەلەر يۇز بەردى . ۋەقەنىڭ ماھىيىتىگە كەلسەك ھۇكۇمەت تەرەپ بىلەن رەستىلەردە دىيىلۋاتقىنى ئىككى خىل پاراڭ . ۋەقەنىڭ خاراكتىرىنى بىكتىشكە قارتا ھەر خىل ئوخشىمىغان پىكىرلەر مەۋجۇت بولسىمۇ ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا ھۇكۇمەت دائىرلىرىنىڭ مۇقامى ئاساس قلىنىۋاتىدۇ .بۇلارغا نىسىبەتەن ۋاقتىنچە بەك ئەستايىدىل بۇلۇپ كەتمىسەكمۇ بۇلىدۇ ،چۇنكى ۋاقىت بىلەن تارىخ ئەڭ ئاخىرىدا ئادىل بولغان بىر خۇلاسىنى چىقىرىدۇ .ھازىر بىزنىڭ قىتىرقىنىپ ئىزدىنىدىغىنىمىز «نىمىشقا بۇ خىل ئاممىۋى ۋەقەلەر ئارقا - ئارقىدىن يۇز بىرىدۇ ، بۇ ۋەقەلەرنىڭ كەينىگە قانداق ئىجتىمائى رىئاللىق يۇشۇرۇنغان ؟» دىگەندىن ئىبارەت .
ئەڭ ئاددى پاكىت شۇكى ، قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇش ۋە تۇقۇنۇش پەيدا قىلىش بۇ چۇقۇم مەلۇم دائىرە ئىچىدە «ئەمەلدار بىلەن پۇخرا نىڭ قارشىلىشىشى » كىلىپ چىققانلىقىدىن ،شۇنداقلا بۇ خىل قارشىلىشىش مۇۋاپىق ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلنمىغانلىقى ئۇچۇن ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ھىسىياتىغا تايىنىپ ئىش كۇرۇش قىلمىشى بارغانسىرى ئەدەپ ،زىدىيەت كەسكىنلىشىپ ، ئەڭ ئاخىرىدا ۋەقەنىڭ زورىيىپ كىتىشىگە سەۋەپ بولغان .
ھازىرقى زامان سىياسىي ئېلىمنىڭ ئككى ئاساسىي نۇقتىسى بار : بىرسى ئاممىۋى ھۇقۇقنىڭ ئىجىراچىسى بولغان ھۇكۇمەت ئاتاقتا ئاممىنىڭ مەنپىئەتىگە ۋەكىللىك قىلسىمۇ ، بىراق ئۇ مۇستەقىل بىر مەجۇتلۇق بۇلۇش سۇپىتى بىلەن ئۆزلۇكسىز تۇردە ئۆز مەنپەئەتى ۋە ھۇقۇقىنى كىڭەيتىدىغان تەبىئى خاسلىققا ئىگە بولغاچ ، ئامما بىلەن چۇقۇم ئوتتۇردا پايدا - مەنپەئەت تۇقۇنىشى كىلىپ چىقىدۇ ، يەنى « ئەمالدار بىلەن پۇخىرانىڭ قارشىلىشىشى »( بۇ زىدىيەت قارشىلىقنى ئەمەس ، مەنپەئەت پەرقىنى كۆرسىتىدۇ ) نى بىر خىل مۇقەررەرلىك ياكى تەبىئى ھادىسە دەپ ئىيتىشقىمۇ بولىدۇ . شۇڭا ھۇكۇمەتكە ئىشەنمەسلىك ھازىرقى دىمۇكىراتتىك جەمئىيەتنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى ؛ ئىككىنچىسى ھازىرقى دىمۇكىراتتىك جەمئىيەتتە چۇقۇم ئاممىنىڭ ئۆز مەنپەئەتى ئۇچۇن دەۋا قىلىدىغان بىر قانۇنلۇق يولى بولىشى كىرەك . بۇ يول بىر تەرەپتىن ئاممىنىڭ ئۆز مەنپەئەتى ئۇچۇن دەۋا قىلىش ۋە قوغداش ئىلىپ بىرىشىنى كاپالەتلەندۇرسە ، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ خىل دەۋا قىلىش ۋە قوغداش ئۇسۇلىنىڭ بىر خىل تىنىچ ، ئەقىلغا مۇۋاپىق ئاساستا ئىلىپ بىرىلىشىغىمۇ كاپالەتلىك قىلىشى كىرەك .
ئالاھىدە بولغان ئۇقۇم شەكلى بىزنىڭ ھۇكۇمىتىمىزنىڭ بۇ خىل «ئەمەلدار بىلەن پۇخرانىڭ قارشىلىشىشى» نى ئىتىراپ قىلماسلىقىنى بەلگىلىگەن ، ئەكسىچە بىزنىڭ ھۇكۇمىتىمىز ھەمىشە ئاكتىپلىق بىلەن ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە «ۋەكىللىك »قىلىدۇ ھەم دائىم ئۆزىنى پەقەتلا بىر ئامما مەنپەئەتىنىڭ ۋەكىلى ، بۇ يەردە قىلچىمۇ ئۆزىنىڭ ئالاھىدە مەنپەئەتى مەۋجۇت ئەمەس دەپ قارايدۇ . شۇڭا ئاممىنىڭ غەۋغا قىلىشى ئالدى بىلەن قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ قىلىمىشى قاتارىدا سانىلىپ ، ئامما بولسا كۇشكۇرتىلىپ پايدلىنىلغان ھىساپلىنىدۇ . بۇ خىل ھۇكۇمەت بىلەن ئاممىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مەنپەئەت پەرقىگە توغرا قارىماسلىق ، ھۇكۇمەتنىڭ ئۆزنىڭ مەنپەئەتىنى ئىتىراپ قىلماسلىقى ئىسلاھاتتىن بۇيانقى تۇرلۇك جەمئىيەت مەسىللىرىنىڭ ھەل بولماسلىقىنىڭ مۇھىم سەۋەپلىرىدىن بىرى . يەنىمۇ چۇڭقۇرىراق قىلىپ ئىيتساق ، بۇ سىياسى تۇزۇلمە ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۇرۇش ۋە چۇڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ قىيىنلىشىپ كىتىشىنىڭمۇ مۇھىم سەۋەبى .
«ئەمەلدار بىلەن پۇخرانىڭ قارشىلىشىشى» نى ئىتىراپ قىلىش ، ئاممىنىڭ ئۆز مەنپەئەتىنى مۇستەقىل قوغدايدىغان قانۇنلۇق ئاپىراتنى قۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىش ، ئاممىنىڭ قانۇنلۇق يول بىلەن ئۆز مەنپەئەتى ئۇچۇن داۋا قىلىشىغا يول قۇيۇش بۇ نۆۋەتتىكى سىياسى ئىسلاھاتنىڭ چۇقۇم بۇسۇپ ئۇتۇشكە تىگىشلىك ھالىلىق نۇقتىسى . نۆۋەتتىكى جەمئىيەت قاتلىمىنىڭ بۆلىنىشى ، تۆۋەن قاتلامدىكىلەرنىڭ سۆز قىلىش ھۇقۇقىنىڭ كۇنسىرى ئاجىزلاشماقتا . يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ ھەر تۇرلۇك «بايلىق ئەۋزەللىكى» دىن پايدىلىنىپ ھۇكۇمەتكەتەسىر كۆرسىتىپ ۋە بىسىم ئىشلىتىپ ،ئۆز مەنپەئەتىگە ئىرىشۋاتىدۇ ،تۆۋەن قاتلامدىكىلەر قولىدا قىلچىمۇ بايلىق بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئەسلىدە بار بولغان كىچىككىنە مەنپەئەتىىنى قوغداش يوللىرىمۇ ئاخىردا سىياسىي كۇچلەرنىڭ بىر قىسىمى بۇلۇپ قالغان .بۇ خىل جەمئىيەت قاتلىمىدىكىلەرنىڭ كۆرىشى ئاللىقاچان ئوچۇق ـ ئاشكارە ھالەتكە ئۆتكەن رىياللىق ئاستىدا ئاممىۋى ھۇقۇقنى تۇتۇپ تۇرغان ھۇكۇمەت ئەكسىچە ھالدا « يىغىلىش ،تەشكىللەش» ھۇقۇقىنى چىڭ تۇتىۋىلىپ ، ئاتاقتا مۇقۇملىقنى قوغداش دەپ ئەمىليەتتە تۆۋەن قاتلامدىكىلەرنىڭ بىردىن بىر مەنپەئەت داۋاسنى ئۇنۇملۇك ئىپادىلەپ بىرىدىغان يۇلىنى يۇچۇق قالدۇرماي ئىتىپ تاشلىغان .

ئاپتۇرى : چاڭ لى چۇەن       قورغان فېلىيەتۇنلار تورى