50تىن ئارتۇق خەلق قۇرۇلتاي ۋەكىلىنىڭ پارا ئىلىشى نىمىنى چۇشەندۇرىدۇ؟


يۇننەن ئولكىسى خانى-يىزۇ ئاپتۇنۇم ئوبلاستى جىيەنشۇي ناھىيىسى چۈجىياڭ بازىرىدىكى لى ۋىي خۇڭ كەنىت دائىمى ھەيئىتىدىكى 50 تىن ئارتۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلىگە پارا بىرىپ ، ھەر بىرىگە 20بولاقتىن تاماكا ئاپىرىپ بەرگەن ،ئۇنىڭ جەمئى قىممىتى 90100 يۇەن بۇلۇپ ،مەقسىدى چۈجىياڭ بازىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بۇلۇپ سايلىنش ئىكەن . نۆۋەتتە ناھىيىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمى كومىتىتىنىڭ تەستىقىلشى ئاستىدا لى ۋىي خۇڭ پارا بىرىش جىنايتى بىلەن جامائات خەۋىپسىزلىك ئورگانلىرى تەرىپىدىن قولغا ئىلىندى . جىيەنشۇي ناھىيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئورگانلىرى 40تىن ئارتۇق بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلىدىن تاماكىلارنى قايتۇرۋالدى ،قايتۇرۋىلىش خىزمىتى ھازىرمۇ داۋاملاشماقتا .
ئاساسي قانۇن ۋە قانۇندا دۆلىتىمىزدىكى بارلىق ھۇقۇق خەلققە مەنسۇپ دەپ بەلگىلەنگەن . خەلق ھۇقۇقىنى يۇرگۇزىدىغان دۆلەت ئورگىنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى . ھەر دەرىجىلىك خەلق ۋەكىللىرى قۇرۇلتىيىنىڭ دۆلەت ھۇقۇقلۇق ئورگانلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى ئۇنۇملۇك جارى قىلدۇرۇش قىلدۇرالماسلىقى ، دۆلەت ۋە يەرلىكنى ئىدارە قىلىش ، خەلق خۇجايىن بۇلىدىغان بۇ پىرىنسىپنى تۇلۇق ئەكىس ئەتتۇرۇش بۇ ھەر دەرىجىلىك خەلق ۋەكىللىرىنىڭ خىزمىتى ۋە ئوينىغان رۇلى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك .خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى خەلق قۇرۇلتىيى ھۇقۇقلۇق ئورگانلىرىنى تەشكۇللىگۇچى شەخىس ، خەلققە ۋاكالىتەن ھۇكۇمەتنىڭ ئاممىۋى ئىشلار ھۇقۇقىنى يۇرگۇزىدۇ .ھۇكۇمەت ئىشلىرىىنى نازارەت قىلىش ھۇقۇقىغا ئىگە . ئاھاسىي قانۇن ۋە قانۇن خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلىگە دۆلىتىمىز سىياسىي تۇرمۇشىدا ئالاھىدە ئورۇن ۋە ھوقۇق -ئىمتىياز بەرگەنلىكى ئۇچۇن ، بۇنىڭدىن بەدەل تەلەپ قىلنماي قالمايدۇ ،خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى دىمەكلىك مەسئۇلىيەت دىمەكلىكتۇر ،قانۇنلۇق ، پاك ئىش بىجىردىغان ھۇكۇمەت بەرپا قىلىش خەلىق قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىمىزنىڭ تىخىمۇ ئىلغارلىشىشىغا مۇھتاج . بۇ دۆلىتىمىز سىياسي تۇزۇلمىسىنىڭ ئىھتىياجى .شۇڭا خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلىنى سايلىغاندا ھەر دەرىجىلىك قۇرۇلتايلار سىياسى ئىدىيە ساپا ، قانۇنغا بويسۇنۇش ، سئۇلىيەت ئەخلاق ئولچىمى ، جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش مەسئۇلىيەت ئىڭى ، پاكلىق قاتارلىق تەرەپلەرنى ئۆز ئىىگە ئالغان كونكىرىت تەلەپلەرنى ئوتتۇرغا قويىدۇ.ئۇلار ئىناق جەمئىيەت قۇرۇشنىڭ باشلامچىسى بۇلۇپلا قالماستىن ، بەلكى ئۆز ئىدارىسىدا ، ئۆز كەسپىدە بەلگىلىك دەرىجىدە ۋەكىللىكە ۋە ئىلغارلىقا ئىگە ! خۇنەن ئۆلىكىسى چاڭشيا ناھىيىسىدىكى 10 خەلق ۋەكىلى قۇرۇلتاي نامىزاتى خاتالىق ئۆتكۇزگەنلىك تارىخى بار بولغاچ نامىزاتلىقتىن بىكار قىلىندى (2007-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۇنى خەلق تورى خەۋەر بەرگەن ) .خۇنەننىڭ قىلغىنى ناھايتى توغرا ، يەنە كىلىپ جەمئىيەت تۇزۇلمىسىمۇ خىيانەتچىلىك قىلىش پاكىتى بار خەلق باياناتچىسىنىڭ مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرۇشىنى ئۆزىدە سىغدۇرا لمايدۇ !
يۇننەن جىيەنشۇي ناھىيىسى چۈجىياڭ بازىرىدىكى 50 تىن ئارتۇق خەلق ۋەكىلىنىڭ پارا ئالغانلىقى ئاشكارىلانغاندىن كىيىن ، توردا مۇنازىرە دولقۇنى كۆتۇرۇلمىدى ، راستىنىلا ناھايتى تىنىچ بولدى ! بۇنىڭ سەۋەبى تورداشلار بۇنىڭ ھەيران قالغۇدەك يىرى يوققۇ دەپ قارىغان ،ئەگەر بىر توپ ئەمەلدارلار سناققا بەرداشلىق بىرىپ راستىنلا خىيانەت قىلمىسا ئامما بۇنىڭغا ئاندىن ئەجەپلىنىدۇ . نىمىشقا ؟ بەلكىم ئاممىنىڭ كوڭلىدە بىزنىڭ چوڭ -كىچىك ئەمەلدارلىرىمىزنىڭ ھەقىقى خىيانەت قىلمايدىغانلىرى بەكمۇ ، بەكمۇ ئاز بولىشى مۇمكىن ! پارا بىرىپ سايلىنىش جىنايىتى ، بۇنىڭدا قىلچىلىك شەك يوق . ئەمسە بۇ پارىنى ئالغان خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كىرەك ؟ بۇگۇنكى دەۋىر ئەمەلدارلىق سۇرۇنىنڭ قائىدىسى بويىنچە ، ئاساسى قاتلامدىكى خەلق قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنىڭ كۆپىنچىسى پارتىيە ۋەكىلى . پارتىيە ئىنتىزامى چارىسى بويىنچە ئۇلار پارتىيىدە چارە كۇرۇشكە تىگىشلىك ، بۇنچە كۆپ خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى پارە ئالسا ، ئۇلار قانداق مۇناسىپ چارە كۇرۇلىشكە تىگىشلىك ؟ئۇلارنىڭ يەنە داۋاملىق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بۇلۇپ تۇرۇش سالاھىيىتى بارمۇ ؟ ئۇلار پەقەت خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولغانلىقى ئۇچۇنلا كەڭ قوللۇق قىلىش كىرەكمۇ ؟ۋە ياكى ئۇلارنىڭ ئادەم سانى كۆپ بولغانلىق ئۇچۇن كۆپچىللىك دەپ مەسئۇلىيەت سۇرۇشتە قىلنمىدىمۇ ؟ئۇلارغا پارتىيە چارىسى كۇرۇلمەسلىكى كىرەكمۇ ؟ ىەلق قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىمىزنىڭ ئارىسىدا يەنە قانچىلىك خىيانەتچىلەر مەۋجۇت ؟بىزنىڭ جەمئىيەت كەيپىياتىمىز ، خىيانەتچىلىك مۇھىتىمىز قايسى دەرىجىگە يەتتى ؟ يەنە كىلىپ بۇنداق پارە ئالدىغان قىلمىشى بارلارمۇ خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى سالاھىيىتى بىلەن سىياسى سەھنىدە ھەركەت قىلسا ؟ خەلققە قانداق جاۋاپ بىرىمىز؟ بىزنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىك تۇزۇمىمىز نىمىگە ئايلىنىسپ قالىدۇ ؟ كىشىلەر بۇ ئىشنىڭ مۇناسىپ بىر تەرەپ قىلنىشىنى ئۇمىت قىلىدۇ ، ئەيبلەنگەن خەلق قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى چۇقۇم تىگىشلىك بولغان تىزگىنلەش تەدبىرى قوللۇنۇش لازىم .
جەمئىيەت ئىچىۋىتىش ، ئىسلاھات مۇساپىسىدا تۇرغان چاغدا ،خەلق قۇرۇلتاي ۋەكىلى جەمئىيەت ۋە خەلىقنىڭ ئىغىر يۇكىنى ئارتىپ تۇرماقتا . خەلق قۇرۇلتاي ۋەكىلنىڭ ئۆزنىڭ ساپاسىمۇ بىزنىڭ دىمۇكىراتتىك سىياسەت سەۋىيىمىزنى سىنايدۇ . بىزنىڭ ئەتىمىز خەلق ھەقىقى ئىشىنىدىغان خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلىگە باغلىق !

ئاپتۇرى : خۇا يۈ شى       قورغان فىلىيەتۇنلار تورى