تارىخ ئالىملىرى تارىخ تەتقىقاتى جەريانىدا مۇنداق بىر قانۇنيەتنى بايقىغان ،يەنى بىر مىللەتنىڭ غايىپ بولىشى ھەمىشە ئۇنىڭ مەدەنىيىتىنىڭ يوقلىشىدىن ئىبارەت .بۇنىڭدىن مۇنداق خۇلاسە چىقىرىش مۇمكىن : مىللەت بىلەن مىلەتتنىڭ پەرقى ، ھەرگىزمۇ ئىرىقتىكى پەرقلا بولماستىن ، تىخىمۇ مۇھىمىراقى مىللەتنىڭ ئوزىدە مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرىۋاتقان بىر خىل مىللى مەدەنىيەت پەرقىدە ئەكىس ئېتىدىكەن .
بىر مىللەتتە ، ئەگەر مىللەتنىڭ ئۆز ئالاھىدىكىگە ئىگە مەدەنىيەت مىراسى بولمىسا ، بۇ مىللەت ھامان غايىپ بولىدۇ . ئوزىنى ئۆزى ھالاك قىلمىغان تەقدىردىمۇ ، باشقا مىللەت تەرىپىدىن ئاسلىماتسىيە قىلىنىپ كىتىدۇ .شۇڭا ھىندىستان مۇستەقللىق داۋاسى قىلىۋاتقاندا ، چىرچىل : «مەن بىر ھىندىستاندىن ئايرىلىپ قىلىشقا رازىكى ، بىر شىكىسپىرنى يوقۇتىپ قۇيۇشنى خالىمايمەن » دىگەن .خۇيزۇ يازغۇچى خودا ئۆزىنىڭ « مۇسۇلمانلارنىڭ دەپنە مۇراسىمى» دىگەن روماندا « خۇيزۇ مىللىتغا بىر تۇركۇم خەنزۇلار ، مۇڭغۇللار ، ئۇيغۇرلار ۋە يەھۇدىلار نىڭ تەركىۋى يۇغۇرلۇپ كەتكەن ، بىراق خۇيزۇلار باشتىن ـ ئاخىرغىچە ئۆزىنىڭ مىللى مەدەنىيەت مۇستەقىللىقىنى ساقلاپ ، خەنزۇ ياكى باشقا مىللەتلەرگە قۇشۇلۇپ كەتمىدى ...» دەپ يازغان . ئەمىليەتتە بۇ خىل مۇستەقىل مەۋجۇتلۇق ، دەل بىر خىل ئەخلاق ،ئىتىقاد ھەم تۇرمۇش ئورۇپ ـ ئادىتىدىكى مىللى مەدەنىيەتنىڭ مۇستەقىللىقىدىن ئىبارەت . مىللى مەدەنىيەتنىڭ مۇستەقىللىقى بولمايدىكەن ، خۇيزۇ مىللىتىنىڭ باشقا مىللەتلەردىن پەرقى قالمايدۇ .
مىللەت بىلەن مىللەتنىڭ پەرقى مەدەنىيەت ، ئەمسە ئادەم بىلەن ئادەمنىڭ پەرقى نىمە ؟
ئىدىيە .
ئىنسان پىكىر يۇرگۇزسە، ئاللا تەئەجۇپلىنىدۇ . ئادەم تەپەككۇر قىلالايدىغان چاغدىن تارتىپ ئىدىيە بارلىققا كەلگەن . ئەلۋەتتە ، بارلىق ئىدىيەلەرنىڭ ھەممىسىنى ئىدىيە دەپ ئاتاشقا بولمايدۇ ،پەقەت ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان ، يىڭلىق يارىتىدىغان ئىدىيەلا ھەقىقى ئىدىيە بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ . شۇنداقلا جەمئىيەت سەرخىللىرى بولغان زىيالىلار ياكى مەدەنىيەتلىك ئادەمنىڭ ئىدىيىسى ، جەمىيەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئالغا بىسىشىنى بەلگىلەيدۇ ياكى ئۇنىڭغا تەسىر كۆرسىتىدۇ .
ئالدىنقى ئەسىردىكى جۇڭگۇدا ئىككى مەيدان ئىدىيە ياكى مەدەنىيەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك «ھەركەت » يۇز بەرگەن ، بىرسى « يىڭى مەدەنىيەت ھەركىتى» ، يەنە بىرسى « مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋى » . تارىخ ئىسپاتلىدىكى«يىڭى مەدەنىيەت ھەركىتى » بىر قىتىملىق «مەدەنىيەت ئىنقىلاۋى » بۇلۇپلا قالماستىن ،بەلكى يەنە ئىلغار زاىيالىلارنىڭ جۇڭگۇنىڭ زامانىۋىلىشىشىغا قاراپ يۇزلۇنىشى ئۇچۇن ئىلىپ بارغان ئىدىيە ئاقارتىش ھەركىتىدۇر . تارىخ يەنە شۇنىمۇ ئىسپاتلىدىكى «مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋى» بولسا بىر مەيدان مەدەنىيەتنى خاراپلاشتۇرىدىغان بۇلاڭ ـ تالاڭ بولۇپلا قالماي ،يەنە بىر خىل ئىدىيەنى كىشەنلەيدىغان بالايى ـ ئاپەت . ئاۋالقىسى بىر مەيدان ھەقىقى ئىدىيە ئىنقىلاۋى بولسا ، كىيىنكىسى بىر مەيدان رەھىمسىز سىىياسى كۇرەىشتىن ئىبارەت . «مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋى »دىن خىلى بۇرۇنلا ،ھەتتاكى ئەللىكىنچى يىلاردىن تارتىپلا، دۆلەت ئىچىدىكى مەدەنىيەت - سەنئەت تەنقىتچىلىكى نورمالسىز بولۇشقا باشلىغان ،تەنقىتچىلەر ئىدىيە قاراشتىكى پەرىقنى سىنىپى مەيداندىكى قارشىلىشىشقىچە ئىلىپ بىرىپ ، ئىدىيۋى نەزىريەدىكى تەنقىتنى سىياسى مۇساپىدىكى كۇرەش دەرجىسىگە كۆتۇردى . ئەڭ تىپىك مىسال « خۇفىڭ دىلوسى » . باشلىنىشتا پەقەتلا خۇفىڭنىڭ ئەەبىيات ـ سەنئەت ئىدىيىسى تەنقىت قىلنغان بولسا ، خۇفىڭ ئۆزنىڭ ئوخشىمىغان قارىشىنى ئىلان قىلغاندىن كىيىن ، زورۇيىپ سىياسى كۆرەشكە ئايلىنىپ ، خۇفىڭ بىردىنلا « خۇفىڭ ئىنقىلاپقا قارشى گورۇھى» نىڭ ئاساسى جىنايەتچىسى بۇلۇپ قىلىپ ،بىرمىڭ توققۇزيۇز ئەللىك بەشىنچى يىل ىبەشىنچى ئايدا قولغا ئىلىنىپ بىرمىڭ توققۇز يۇزيەتمىش تۇققۇزۇنچى يىلى بىرنچى ئايدا شەرتسىز قۇيۇپ بىرلگىچە ، يىگىرمە تۆت يىلغا يىقىن قامالدى .ھەتتاكى بىر مىڭ توققۇز يۇز سەكسەن بەشىنچى يىلى خۇفىڭ ۋاپات بولغاندىن كىيىنمۇ ، يەنە ئاتالمىش « دىننىي تەشكلىلات ھەركىتى » دىگەن مەسىللىرىگە ئاخىرقى يەكۇن چىقىرىلماي ، تاكى بىر مىڭ توققۇز سەكسەن سەككىزىنچى يىلى ئالتىنچى ئايدا مەركەز ئاندىن ھۆججەت تارقىتىپ ، بۇ ئوتتۇز ئۇچ يىل داۋاملاشقان ناھەق دىلونى ئۇزۇل - كىسىل ئاقلاپ چىقتى . ينە كىلىپ « خۇفىڭ دىلوسى » ئىككى يىلدىن كىيىنكى يەنە بىر مەيدان زىيالىلارنىڭ تىنىنى شۇركەندۇرىدىغان « ئوڭچىللىققا قارشى تۇرۇش »ھەركىتىنىڭ مۇقەددىمىسى ئىدى .
1954-يىلى 10-ئايدا ، ئەدەبىيەت ـ سەنئەت ساھاسىدىكىلەر يۇپىڭ بو نىڭ «قىزىل راۋاقتىكى چۇش تەتىققاتى »نى تەنقىت قىلشقا باشلىدى . يۇپىڭ بو «يىڭى قىزىل زىيالىلار تەشكىلاتى» نىڭ غوللۇق سەركەردىسى ، «يىڭى قىزىل زىيالىلار تەشكىلاتى » نىڭ قۇرغۇچىسى خۇمىڭ ئىدى ،شۇڭا ئامىرىكىدىكى خۇشى مۇ قۇشۇپ تەنقىت قىلندى . خۇشنى تەنقىت قىلىش ، ئىنىقكى ئەينى چاغدىكى سىياسى ئىھتىياج ، چۇنكى خۇشىنىڭ ئەركىن دىمۇكىراتتىك ئىدىيىسىنىڭ زىيالىلار ئارىسىدىكى تەسىرى بەكمۇ چۇڭقۇر بۇلۇپ ، ھەتتاكى ئۇسوتسىيالىستىك تۇزۇمنى ئالغا سۇرۇشتىكى تۇسالغۇغا ئايلىنىپ قالغان . بىراق ماۋزىدۇك كىيىنچە يەنە « بۇنى پۇتۇنلەي خۇشىگە ئارتىپ قۇيۇشقىمۇ بولمايدۇ ،ئۇ جۇڭگۇنىڭ ئاقارتىش ھەركىتىدە رول ئوينىغان » دىگەن سۆزنى قىلغان .شۇڭا ئازادلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ، ماۋزىدۇڭ كۆپ قىتىم دوستلىرى ئارقىلىق خەۋەر يەتكۇزۇپ ياكى ئۇچۇر بىرىپ ، خۇشىنى قايتىپ كىلىشكە ئۇندىگەن ،بىراق بۇنىڭ ئۇنۇمى بولمىغان . ئىيتىشلارغا قارىغاندا ،خۇشىنىڭ دوستى چىڭ يۇەن ئامىرىكىغا بارغاندا « ئەينى ۋاقتتىكى سىنىڭ ئىدىيەڭنى تەنقىت قىلش ، شەخىسكە قارتىلغان ئەمەس .ئەگەر چوڭ قۇرۇقلۇققا قايتساڭ ، يەنىلا قارشى ئىلىنىسەن » دىگەن سۆزنى يەتكۇزگەن .خۇشى ھىچنىمە دىمىگەن بولسىمۇ ، بىراق شۇ كۇنلۇك خاتىرىسىغا « ئىدىيەدىن باشقا ، ‘مەن‘ يەنە نىمە ؟» دەپ يازغان .
ئىدىيە ئەڭ پائالىيەتچان ، شۇنداقلا ئەڭ ئاجىز ، پەقەت «ھەممە گۇللەر تەكشى پۇرەكلەپ ئىچىلىپ ،ھەممە قۇشلار بەس ـ بەستە سايرىغان » ئەركىن مۇھىت بۇلغاندىلا ، ئاندىن جەمئىيەتنى ئالغا باستۇرىدىغان ياكى تەرەققى قىلدۇرالايدىغان ئىلغار ئىدىيەگە ھامىلدار بولالايمىز.1917-يىلى بېيجىڭ ئۇنۋىرسىتىتنىڭ يىڭى مەدەنىيەت ھەركىتىنىڭ بۇشۇكى بۇلۇپ قىلىشىنىڭ سەۋەبى . دەل سەي يۇەن پىي ئەپەندىمنىڭ «ئىدىيە ئازاتلىقى ھەممىنىڭ يىغىندىسى» دىگەن مەكتەپ باشقۇرۇش نىشانىنى يولغا قۇيۇپ ، زىيالىلار ئۇچۇن بىر ئەركىن ، دىمۇكىراتتىك ئۇگۇنىش كەيپىياتى يارتىپ بەرگەنلىكىدىن بولغان .ئىدىيەدىكى بولۇنىشنى تەنقىت قىلىشقا بولىدۇ ، تالاش ـتارتىش قىلشقا بولىدۇ ، بىراق باستۇرۇشقا بولمايدۇ . ينە كىلىپ مەلۇم ئىدىيە چەمبىرىكىنى ھەقىقەت دەپ بىكىتىپ ، ئۇنى ئىلاھلاشتۇرۇشقا ، ھەم باشقا ئىدىيە ۋە ئىدىيەچىلەرنى بىر قىلىپقا سىلىپ بىراقلا ئۇجۇقتۇرىۋىتىشقا بولمايدۇ !
ئىدىيەسى بولمىغان ئادەم ، پاجئەلىكتۇر . ئىدىيىسى بولمىغان مىللەت ، ئوخشاشلا پاجئەلىكتۇر . پەقەت بىرلا خىل ئىدىيىسى بار مىللەت بولسا ، ئۇ چۇقۇم بىر قورقۇنىچلىق مىللەت !
ئاپتۇرى :گۇاڭ لىڭ يۇ فۇ قورغان فىلىيەتۇنلا تورى
|