بۇ يىللاردا ، ئاخبارات ۋاستىللىرىدا تۇشمۇ -تۇشتىن پاش قىلغۇچىنىڭ ئۆچ ئىلىنىپ زىيانكەشلىككە ئۇچىراپ ئۇلۇپ كەتكەنلىكى خەۋەر قىلىندى :خاڭجۇدىكى شىن شۇي گىن ،خەندەن شەھىرىدىكى پىشقەدەم پارتىيە ئەزاسى گو چىڭ جى بۇلار پاش قىلغانلىقى ئۇچۇن ئۇرۇپ ئولتۇرۋىتىلگەن .ئەنخۇي ”ئاق ساراي “پاش قىلغۇچىسى لى گو فۇ تۇرمىدە سەۋەپسىزلا ئولۇپ قالغان ،ئالدىنقى يىللاردا ،لىياۋنىڭ فۇشۇن شەھىرىدىكى يۇجىن شەھەرلىك پارتىكۇم سىكىرتارنى پاش قىلغانلىقى ئۇچۇن ناھەق تۇرمىگە كىرىپ قالغان .سىچۇەن ۋۇشىڭ ناھىيلىك سودا - سانائەت ئىدارىسىنىڭ پارتكۇم سىكىرتارى گوڭ يۇەن مىڭ يەرلىك ئەمەلدارلارنى پاش قىلغانلىقى ئۇچۇن ئۆچ ئىلىنىپ سول پۇتىنىڭ پىيى كىسىۋىتىلگەن . شۇندىن بۇيان ئۆرە تۇرالماس بۇلۇپ قالغان .پاش قىلغۇچىلار ئارقا - ئارقىدىن قارا قىسمەتكە دۇچ كەلگەن . زىيانكەشلىك قىلىش ھەتتاكى رەھىمسىزلەرچە ھاياتىنى ئاياقلاشتۇرۇش دەرىجىسىگە يىتىپ ، قورقۇنۇچلۇق ، قان ھىددى پۇراپ تۇرىدۇ . شۇنداقلا خىيانەتچىلەرنىڭ قانچىلىك غالجىرلىشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۇرىدۇ.
2001-يىلى 10-ئاينىڭ21-كۇنى سەنشىدە زور بىر دىلو يۇز بەردى ، خۇ ۋىن خەي كۆپ قىتىم ئەرىز قىلىپ ھەل قىلىمىغاندىن كىيىم ئۆز ئالدىغا پارخۇرلارنى جازالىماقچى بۇلۇپ ، 14ئادەمنى ئۆلتۇرۇپ ،3ئادەمنى ئىغىر يارلاندۇرغان . ياڭ جىيامۇ ئىلگىرى مۇناسىۋەتلىك ئۇرۇنلارغا كۆپ قىتىم ئەھۋال ئىنكاس قىلغان ، ئاخىرىدا ساقچىنى ئۆلتۇرۇپ زور دىلو تۇغدۇردى . فۇئەن ، مىڭلىيەنلەردىكى ئاممىۋى ۋەقەلەرمۇ كەينى - كەينىدىن يۇز بىرىشى جەمىئىيەت زىدىيىتىنىڭ تولىمۇ ئوتكۇرلىشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۇرۇپ تۇرۇپتۇ .
بىر قىسىم دۆلەت كارخانلىرىنىڭ ئەمەلدارلىرى ،شەھەر ، ناھىيە مەنسەپدارلىرى ئۆز مەنپئەتلىرى ئۇچۇن ،ھۇقۇقىدىن پايدىلىنىپ مونۇپۇل يۇرگۇزۇپ ، يەڭ ئىچىدە سودا قىلماقتا . يىقىنقى يىللاردىن بىرى يۇز بەرگەن « باستۇرۇپ قۇيۇلغان ، تىل بىركتۇرۇپ سادىر قىلغان دىلولار » ئادەمنى چۇچىتىدۇ . نۇرغۇن دۆلەت مەبلىغى ، قانچىلىغان دەرىجىدىن تاشقىرى مىلىياردنىرلارنى بارلىققا كەلتۇردى .ئۇلار بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ شاھانە قەسىرىنى ياساپ ،ھاراق دىڭىزىدا ئۇزۇپ ، گوش ئورمىننى كىزىپ بۇزۇپ -چاچسا ، يەنە بىر تەرەپتىن ھەممىگە ھۇكۇمران بۇلۇش ، ئىسىلزادىلەر قاتارىغا كىرىش چۇشىنى كۇرۇشىدۇ .ئۇلار ئاغزىدا پارتىيە چاقىرىق قىلغان «خەلق ئۇچۇن ھاكىمىيەت يۇرگۇزۇش » شۇئارىنى توۋلىسىمۇ ، ئەمىليەتتە ئاممىغا زىيان يەتكۇزۇپ ، پارتىيەگە ئاسيلىق قىلىدۇ !
دۆلىيىمىز گەرچە ھەر قايسى قاتلاملارغىچە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئاپراتلىرىنى قۇرغان بولسىمۇ ،ھەر يىلى پۇتۇن مەملىكەتتىكى پارتىيە چارىسى كۇرۇلىۋاتقان پارتىيە ئەزالىرىنىڭ سانى تەخمىنەن پارتىيە ئەزالىرى ئۇمۇمى سانىنىڭ 1.6‰ئىگەللىسىمۇ، بۇلار پارتىيەنىڭ ساپلقىنى يۇقىرى كۆتۇرەلمىدى . شەكلىنىشكە بولمايدىغنى شۇكى، چىرىكلىك بارغانسىرى ئەدەپ، پارتىيە ــ ھۇكۇمەت ، كارخانا ، مەمۇرىي ئورگانلارغىچە سڭىپ كىردى.ئىلگىرى جۇڭگۇ كومىنىستىك پارتىيىسىنى قوللاپ قان كىچىپ كۇرەش قىلىپ ھاكىمىيەتنى قايتۇرۋالغان كەڭ خەلق ئاممىسى،ئەمدىلىكتە يەنە يىڭى ياشاش كىرزىسىگە دۇچ كەلدى، يەنە ئازابلانغان ھالدا ئىككى دانە ماغدۇرسىز قۇلىغا تايىنىپ چوڭ-كىچىك،ھەر تۇرلۇك چىرىكلەشكەن ئەمەلدارلار بىلەن ئىلىشتى .قائىدە بۇيىنچە بولغاندا شىن شۇي گىن،گوچىڭ جى،لى گو فۇ،گوڭ يۇەن مىڭلار ئىنتىزام تەكشۇرۇش ئۇرۇنلىرىنىڭ قىزغىن مۇئامىلىسىگە ئىرىشىشى كىرەك ئىدى.بىراق بۇنىڭ ئەكسىچە،ئۇلار قايتا ـقايتا قىزغىنلىق بىلەن مەسىلىنى ئىنكاس قىلغان بولسىمۇ، سوغۇق مىجەز چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئورگانلىرى دائىم جىنايەتچىلەرنى قانات ئاستىغا ئىلىپ، دىلونى كەينىگە تارتىپ ھەل قىلماي، ھەتتا قاپ يۇرەكلىك بىلەن خىيانەتچىلەرنى قوللاپ، يول قۇيۇپ، خىيانەتچىلىككە قارشى تۇرغۇچىلارنىڭ دەھشەتلىك ئوچ ئىلىشقا ئۇچىراپ، پارتىيە ۋە خەلىقنىڭ مەنپىئەتىنى ھىمايە قىلىدىغان پاش قىلغۇچىلارنىڭ ھاياتى ۋە ئىسسىق قانلىرىنى بەدەل قىلىپ تۇلىشىنى كەلتۇرۇپ چىقارغان! خىيانەتچىلىككە قارشى تۇرۇش ئورگانلىرى خىيانەتچىلىككە قارشى قەھرىمانلارغا زىيانكەشلىك قىلدى، ئۇلارنىڭ ياش ھەم قان تۇكۇشىنى كەلتۇرۇپ چىقاردى. خىيلۇڭجىياڭ ئۆلكىسى ئەن چىڭ ناھىيىسىنىڭ تەپتىش باشلىقى جاۋ دى گۈي ئەمەلدارلىق سۇرۇنى يۇشۇرۇن قائىدىسىنى بۇزۇپ، ئەمەلدارلار بىر ـ بىرىگە چاپان ياپىدىغان "بىخەتەرلىك تورى"غا جەڭ ئىلان قىلغان .بىراق خىيانەتچىلەر ياللىغان قاتىلنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچىراپ ،ھاياتى قىل ئۇستىدە تۇرماقتا).جېنەن گېزىتى ، 12-ئاينىڭ 7-كۇنى( بۇ ئىنتىزام تەكشۇرۇش ـ تەپتىش ئۇرۇنلىرىنىڭ قىلمىشنى ھەرگىز خىزمەتتىكى بىخەستىلىك، ھۇقۇقىدىن پايدىلىنىش دىگەندەك سۆزلەر بىلەن يىپىپ كىتىش مۇمكىن ئەمەس .ئۇلارنىڭ بىر قىسىمى ئاللىقاچان خىيانەتچى ئەمەلدارلار بىلەن بىر تەنگە ئايلىنىپ كەتكەن .ئۇچۇرنىڭ تەكشى تارالماسلىقى ، دىمۇكىراتتىك بولماسلىقى ، ئاشكارا بولماسلىقىدەك ئەۋزەل شارائىتتىن پايدىلىنىپ، ھەر خىل پايدىلىق سىياسەتلەرنى بۇرمىلاپ ئۆزىنىڭ پايدىلىنىش قورالىغا ئايلاندۇرىۋالغان .قانچىلىك خىيانەتچىلىككە قارشى تۇرۇپ چىرىكلىكنى تۇزەيدىغان ئنتىزام تەكشۇرۇش ، نازارەت قىلش ئۇرۇنلىرى لى جىن باۋ)تىيەنجىن شەھەرنىڭ تەپتىش باشلىقى،خىيانەتچىلىك جىنايىتى بىلەن ئۇلۇم جازاسىنى ئىككى يىل كىچىكتۇرۇپ ئىجىرا قىلىشقا ھۇكۇم قىلىنغان ( ،زىڭ جىن چۇن )خۇنەن چىڭجۇ شەھەرلىك پارتىكۇمنىڭ مۇ.ئاۋىن سىكىرتارى، ئىنتىزام تەكشۇرۇش كومىتىتىنىڭ سىكىرتارى ، خىيانەتچىلىك جىنايىتى بىلەن ئۇلۇم جازاسىغا ھۇكۇم قىلىنغان (لارنى تىزگىنلىيەلىدى .ئۇلار جەمئىيەتتىكى زىدىيەتنى كىلىشتۇرمەكتە يوق ، ئەكسىچە زىدىيەتنى تىخىمۇ ئۇلغايتىدىغان كاتالىزاتۇرغا ئايلىنىپ قالغان ! چىرىكلىككە قارشى تۇرغۇچىلارنىڭ قىسمىتى چىرىكلىشىشكە قارشى ئورگانلارنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشىنىڭ راست ـ يالغانلىقىنى ئايرىيدىغان مۇھىم پەرىق بەلگىسى. قايسى جايدا ھەقىقەت جەۋلان قىلالمىسا،بۇ شۇ جايدىكى ئىنتىزام تەكشۇرۇش ـ تەپتىش ئورۇنلىرىنىڭ جىنايىتىدۇر. شۇڭا ،بىزنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتىكى كەمچىللىكلىرىمىزنى ئويلانماي بولمايدۇ. بۇگۇنكى كۇنلىكتە، چىرىك كۇچلەرنىڭ تەسىر كۇچى بىر قىسىم يەرلەردە ھاكىمىيەت يۇرگۇزۋاتقان پارتىيەنىڭكىدىنمۇ ئىشىپ چۇشتى.بىزنىڭ سىياسىي ھاكىمىيىتىمىز قانداق ئەھۋالغا دۇچ كەلدى؟ ئىسلاھات ئىشىكنى ئىچىۋىتىش ھاكىمىيەت مەنبەسى، ھاكىمىيەت ئاساسىغا زور ئۆزگۇرۇشلەرنى ئىلىپ كەلدى. كۆپ يىللىق چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئەمىليىتى، ئاللىقاچان ئىككى لاگىرنىڭ تۇسۇقىنى ئىنىق ئايرىغان. بىر تەرەپتە پارتىيە مەركىزى كومىتىت ، ھاكىمىيەتكە سادىق خەلىقنى سۇيىدىغان ئەمەلدارلار ،جەمئىيەتنىڭ تۆۋەن قاتلىمىدىكى كەڭ خەلق ئاممىسى، بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرغۇچىلار ھاكىمىيىتىمىزنى قوغدۇغۇچى ھەقىقى دوستىمىز ، قەھرىمانىمىز. يەنە بىر تەرەپتە ، چىركلەشكەن ھۇقۇقدارلارنىڭ مەنپئەت گورۇھى، ھاكىمىيەتنىڭ دۇشمىنى. ھاكىمىيەتتىكى چىرىكلىك ئاسانلا پارتىيىنىڭ ھاياتىي كۇچىنى ئاجىزلاشتۇرۋىتىدۇ.ھاكىمىيەت يۇرگۇزگۇچى چۇقۇم بۇنى يۇكسەك دەرىجىدە تۇنۇپ يەتكەندىن باشقا، يەنە چۇقۇم دوست ـ دۇشمەننى ئىنىق ئايرىشى كىرەك.ھاكىمىيەت بىشىدىكى پارتىيە دەل چىرىكلەشكەن گورۇھلارنىڭ زور سىنىقىغا دۇچ كەلمەكتە.ئەگەر بىز يەنە ئىتىۋارغا ئالمىساق ، ئۇنداقتا ، پارتىيىمىز ھاكىمىيىتنىڭ يەنە قانچە كۇنلىكى قالغانلىقىنى بىلمەك قىيىن؟
ئەينى يىللاردا يەنئەندىكى گەمىدە، ماۋزىدۇڭ بىلەن خۇاڭ يەن پىي تارىختىكى ھۇكۇمىرانلارنىڭ "گۇللىنىش ـ خارابلىشىش دەۋىرى" دىن قانداق ساقلىنىش مەسىلىسى توغرىسىدا مۇزاكىرلەشكەن.ماۋزىدۇڭ دىمۇكىراتتىيە يۇلىنى تىپىش كىرەك دىگەن. بۇ ۋاپات بولغان رەھبەر 1949-يىلدىكى بىيجىڭغا كىرىشنى "ئاستانە ئىمتىھانغا قاتنىشىش" دەپ ئاتاپ، پۇتۇن پارتىيىگە لى زى چىڭ)مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىردىكى دىھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ رەھبىرى(دەك خاتالىققا يول قويماسلىققا ئاگاھلاندۇرغان. بىراق ،1957-يىلدىن باشلانغان ئوڭچىللىققا قارشى تۇرۇش، چوڭ سەكرەپ ئىلگىرلەش ،مەدەنىيەت ئىنقىلابدا ماۋزىدۇڭ بۇنىڭغا ئەمەل قىلماي ،جۇڭگۇنىڭ دىمۇكىراتتىك سىياسىتىنى ئىغىر بۇزغۇنچىلققا ئۇچۇرتىپ، دۆلەت ـ خەلق ئىقتىسادىنى ۋەيران بۇلۇش گىردابىغا ئاپىرىپ قويغان. سۆۋىت ئىتپاقى، شەرقى ياۋرۇپا كومىنىستىك پارتىيىلىرىنىڭ پارتىيە ئىچىدە دىمۇكىراتتىيە ناھايتىمۇ كەمچىل بولغاچقا، ئۆز ساپاسىنىڭ تۆۋەنلەپ كىتىشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىپ، چىرىكلىك ئەۋىج ئىلىپ، نەتىجىدە بىراقلا تۇگەشكەن. سۆۋىت پارچىلنىشتىن ئىلگىركى دۆلەت ئىچىدىكى خەلق رايىنى تەكشۇرۇشتە ئىپادىلىنىشىچە، پەقەت 7-8% كىشلەرلا سۆۋىت كومپارتىيىسى خەلىققە ۋەكىللىك قىلىدۇ دەپ قارىغان، 70-80% بولغان كىشىلەر ئۇ پەقەت ئۇزىگىلا ۋەكىللىك قىلىدۇ دەپ قارىغان. خەلىقنىڭ مايىللىقى ھاكىمىيەتنىڭ روناق تىپىشى ياكى زاۋاللىققا يۇزلۇنىشىدىكى تۇپكى ئامىل. ئىككى مىلىيۇن ئەزاسى بار، ھاكىمىيەت بىشىدىكى "رۇسىيەنى بىرلىككە كەلتۇرۇش پارتىيىسى" ئالتىنچى ئاينىڭ ئون بىرىنچى كۇنى "پارتىيەنى تازلاش"پىلانىنى جاكالاپ، تەخمىنەن30مىڭ نام ـ مەنپئەت ، ئاتاق قوغلاشقانلارنى پارتىيىدىن قوغلاپ چىقاردى. بۇ ئۇمۇمىي ساننىڭ 1.5%نى ئىگەللەيدۇ )يەر شارى گېزىتى 2008-يىل6-ئايىنىڭ12-كۇنىدىكى سانىدىن( سابىق سۆۋىت ئىتپاقى ئاران 200مىڭ بولشىۋىك بولغان ئەھۋال ئاستىدا ھالىمىيەتنى تارتىۋالغان، راۋاجلىنىپ 20مىلىيۇنغا يەتكەن چاغدا ھۇقۇقتىن ئايرىلىپ قالدى. شۇڭا، پۇتىن پارتىيەنىڭ ساپلىقىنىڭ سانغا قارىغاندا بەكىرەك مۇھىملىقىنى ئوبدان چۇشەنگەن. 12-ئاينىڭ 25-كۇنى رۇسىيە پېرزىدىنتى مىدۋىجىف "چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش قانۇنى"لايھەسىنى رەسمىي قول قۇيۇپ تەستىقلىدى. بۇ فېدىراتسىيە قانۇنىدا مەمۇرىلار ۋە ئۇلارنىڭ جورىسى، پەرزەنتلىرىنىڭ كىرىم ۋە مال ـ مۇلۇك ئۇچۇرلىرىنى تەمنلەش مەجبۇريىتى بارلىقنى بەلگىلىگەن. ئۆتكەن يىلى رۇسيەدەنىڭ چىرىكلىكتىن تارتقان زىيىنى 1.1مىلىيارد رۇبىلىغا يەتكەن)بىر ئامىرىكا دوللىرى 28 رۇبىلىغا تەڭ( . )شىنخۇا تورى 2008-يىل 12-ئاينىڭ 26-كۇنى( ئۇلارنىڭ ھاكىمىيەت باشقۇرۇش ئەمىليىتى بىز ئۇچۇن مول تەجىربىلەرنى تەمىنلىدى .
بۇگۇنكى دۇنيادا ئۇنۋىرسال دۆلت كۇچىدىكى رىقابەت، تىگى ـ تەكتىدىن ئىيتقاندا ھاكىمىيەت بىشىدىكى پارتىيەنىڭ خەلقنىڭ قوللىشىغا ئىرىشىشى ۋە ھاكىمىيەت ئىقتىدارىدىكى رىقابەت. جۇڭگۇ كومىنستىك پارتىيىسى ھاكىمىيەت يۇرگۇزۇش ۋە ئىسلاھات ئىچىۋىتىشتەك قوش سىناققا دۇچ كەلمەكتە. يەنى ھاكىمىيەت ئىقتىدارىغا زور جەڭ ئىلان قىلىندى. ھاكىمىيەت بىشىدىكى پارتىيىدە چۇقۇم نىىپىز مۇز ئۇستىدە كىتىۋاتقاندەك ئىھتىياتچانلىق تۇيغۇسى بولىشى ،خىيانەتچى گورۇھلارنىڭ ئىغىر سىنىقىغا دادىللىق بىلەن تاقابىل تۇرۇشى كىرەك !
ئاپتۇرى:خۇا يۇ شى قورغان فېلىيەتۇنلار تورى
|