GDPنىڭ گىرمانىيىدىن ئىشىپ كىتىشى ئارقىسىدىكى پەرىق...


بىز چۇقۇم كىشى بىشىغا توغرا كىلىدىغان دۆلەت ئىچىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى، جەمئىيەت كاپالىتى سەۋىيەسى، مۇھىت ئاسراش ، كەسىپ قۇرۇلمىسى قاتارلىق تەرەپلەردە تەرەققى قىلغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان پەرىقلەرگە توغرا نۇقتىدا تۇرۇپ قارشىمىز ، GDP گىرمانىيىدىن ئىشىپ كەتكەنلىكى ئۇچۇنلا خۇشال بولۇپ كەتمەسلىكىمىز كىرەك .
1-ئاينىڭ 15-كۇنى«بىرىنجى مالىيە گېزىتى» خەۋەر بىرىپ ، دۆلەت سىتاتىسكا ئىدارىسى نەچچە كۇن ئاۋال 2007-يىلدىكى GDPنىڭ ئىشىش سۇرئىتىنى 1.1نۇقتىدىن%13گىچە كۆتۇردى ، بۇ جۇڭگۇنىڭ گىرمانىيەنىڭ ئورنىغا دەسسەپ دۇنيادىكى ئۇچۇنجى چوڭ ئىقتىسادى گەۋدىگە ئايلانغانلىقىدىن دىرەك بىرىدۇ .GDPنىڭ سىتاتىسكا تەرتىۋى بۇيىنچە، دۆلەت سىتاتىسكا ئىدارىسىنىڭ 2007‏-يىلدىكى ئالاقىدار يىللىق سىتاتىسكا دوكلاتى ۋە تارماقلارنىڭ ھىسابات ،مالىيە نەقچوت ماتىرياللىرىغا ئاساسلىنىپ ،دەسلەپكى قەدەمدىكى تەكشۇرۇش ئاساسىدا ،2007‏-يىلدىكىGDP سانلىق مەلۇماتىغا ئەڭ ئاخىرقى ئىنقلاش ئىلىپ باردى.2007‏-يىلى GDPنىڭ ھازىرقى ئۇمۇمى قىممىتى 25تىرلىيۇن730مىلىيارت600مىلىيۇن خەلق پۇلى بۇلۇپ ،دەسلەپكى تەكشۇرۇشتىن 777مىلىيارت 600مىلىيۇن يۇەن ئارتقان ، دەسلەپكى دەسلەپكى ئەمىلىيلەشتۇرۇش سانىدىن بىر تىرلىيۇن 68مىلىيارت 700مىلىيۇن يۇەن يۇقىرى كۆتىرىلگەن.
دۆلىتىمىز گىرمانىيىدىن ئىشىپ دۇنيادىكى ئۇچىنچى چوڭ ئىقتىسادى گەۋدىگە ئايلىنىشى،شەكسىزكى دۆلىتىمىز ئىقتىسادى تەرەققىياتى قولغا كەلتۇرگەن زور ئىلگىرلەش ،ئۇنۋىرسال دۆلەت كۈچىنىڭ ئكزلۇكسىز يۇقۇرى كۆتۇرىلىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى. بىراق بۇنىڭ بىرگە بىز شۇنىمۇ كۇرۇپ يىتىشىمىز كىرەككى، دۆلىتىمىز دۇنيادىكى نۇپۇسى ئەڭ كۆپ دۆلەت ، كىشى بىشىغا توغرا كىلىدىغان ئوتتۇرىچەGDP تەرەققى قىلغان دۆلەتلەردىن كۆپ ئارقىدا ، مەسلەن ، گىرمانىيىنىڭ كىشى بىشغا توغرا كىلىدىغان ئوتتۇرىچەGDP سى دۆلتىمىزنىڭ 16ھەسىسىگە توغرا كىلىدۇ. شۇڭا ، بىز بۇ يەردە ئىپتىخارلىنىش بىلەن بىرگە ، تىخىمۇ بەكىرەك ئوتتۇردىكى زور پەرىقنى كۇرۇشىمىز كىرەك.
يەنە كىلىپ ، گىرمانىيە يۇقىرى ياراۋانلىق دۆلىتى، جەمئىيەت كاپالەت تۇزۇلمىسى ناھايتى مۇكەممەل، خەلقى ئاساسەن بىر قەدەر مۇكەممەل بولغان جەمئىيەت كاپالىتگە ئىگە. ئۇنىڭغا سىلىشتۇرغاندا دۆلىتىمىزنىڭ جەمئىيەت كاپالەت تۇزۇلمىسى تىخى مۇكەممەل ئەمەس، جەمئىيەت كاپالەتىنىڭ قاپلىنىش دائىرىسى تار، جەمئىيەت كاپالەت سەۋىيەسى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۇرلىشكە مۇھتاج . گىرمانىيەنىڭ جەمئىيەت كاپالەت تۇزۇلمىسىنىڭ مۇكەممەل بۇلىشى ، ئۇنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىنىڭ بىر قەدەر تۇراقلىق ، ئىقتىسادى تەرەققىيات نەتىجىللىرى خەلققە تىخىمۇ كۆپ نەپ ئىلىپ كىلەلەيدۇ ، دۆلىمىزنىڭ جەمئىيەت كاپالەت تۇزۇمىنىڭ مۇكەممەل ئەمەسلىكى ، دۆلىتىمىز ئىقتىسادى تەرەققىياتىنىڭ تۇراقلىق ئەمەسلىكىنى بىلدۇرىدۇ ، ئىقتىسادى تەرەققىيات نەتجىللىرىنى خەلق پاراۋانلىقىغا ئايلاندۇرۇش ئۇچۇن يەنىمۇ تىرىشىشقا توغرا كىلىدۇ.
ئۇندىن باشقا ، گەرچە يىقىنقى يىللاردىن بۇيان دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىيات سۇرئىتى تىزلەشكەن بولسىمۇ ،بىراق بەزى جايلاردا مۇھىت بۇلغىنىشى ئىغىرلاش ، ئىنىرگىيە بايلىقى ھەدىدىن تاشقىرى ئىسراپ بۇلۇش قاتارلىق ئەھۋاللار كۇرۇلمەكتە ، بەزى يەرلىك ئەمەلدارلار ھەتتاكى ئىكۇلوگىيەنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ئىقتىسادى ئىشىشنى قوغلاشماقتا . كەسىپ قۇرۇلمىسى جەھەتتە ، بەزى رايۇنلار يەنىلا ئەمگەك جۇغلانما شەكلى قاتارلىق تۆۋەن قۇشۇمچە قىممەت كەسپىنى ئاساس قىلىپ ، ئىشچىلارنىڭ تۆۋەن مۇئاشى بەدىلىگە كىچىكىنە پايدىغا ئىرىشىدۇ .بۇنىڭغا سىلىشتۇرغاندا ، گىرمانىيە قاتارلىق ياۋرۇپادىكى تەرەققى قىلغان دۆلەتلەرنىڭ مۇھىت ئاسراش خىزمىتى زۇر ئۇنۇملۇك بولغان ، كەسىپ قۇرۇلمىسىمۇ ئېلىكتۇرۇن ، پۇل ‏- مۇئامىلە ، ئاپتۇمىبىل قاتارلىق يۇقىرى قۇشۇمچە قىممەتتىكى كەسىپلەرنى ئاساس قىلغان . شۇڭلاشقا ، ئەگەر مۇھىت ئاسراش ، ئىنىرگىيە تىجەپ بۇلغانمىلارنى كىمەيتىش ۋە كەسىپ قۇرۇلمىسى جەھەتتىكى تەرەققە قىلغان دۆلەتلەر بىلەن بۇلغان زور پەرىقنى كۇرۇپ يەتسەك ، تىخىمۇ ئاقلانىلىق بىلەن جۇڭگۇدىن ئىبارەت بۇ دۇنيادىكى ئۇچۇنچىگە باھا بىرەلەيمىز .
ئىقتىسادى يىغىندىنىڭ بىر دۆلەتنىڭ ئۇنۋىرسال ئەمەلىي كۇچىنى ئەكىس ئەتتۇردىغان مۇھىم ھالقا بۇلىشى چۇقۇم ، بىراق كىشى بىشىغا توغرا كىلىدىغان ئوتتۇرچە دۆلەت ئىچىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئۇمۇمىي قىممىتى ئىقتىسادنىڭ راۋاجلىنىش سەۋىيىسىنى ئۆلچەيدىغان تىخىمۇ مۇھىم كۆرسەتكۇچ ، بىر دۆلەتنىڭ خەلقىنىڭ بەخىت دەرىجىسىنى ئەكىس ئەتتۇرىدىغان ھالقىلىق كۆرسەتكۇچ . شۇنداق بولغانلىقى ئۇچۇن ، بىز چۇقۇم كىشى بىشىغا توغرا كىلىدىغان دۆلەت ئىچىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئۇمۇمى قىممىتى ، جەمئىيەت كاپالەت سىستىمىسى سەۋيىسى ، مۇھىت ئاسراش ، كەسىپ قۇرۇلمىسى قاتارلىق تەرەپلەردىكى تەرەققى قىلغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان پەرققە توغرا قاراپ ، ھازىرقىGDP نىڭ گىرمانىيىدىن ئىشىپ كەتكەنلىكىدىن ئۆزۇمىزنى بەزلىمەسلىكىمىز كىرەك . بىز ئىقتىسادنى داۋاملىق راۋاجلاندۇرۇش بىلەن بىرگە ، ئالاقىدار ساھالەردىكى تەرەققى تاپقان دۆلەتلەر بىلەن بولغان پەرقىمىزنى تۇلۇقلاشقا ئەھمىيەت بىرىپ ، خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى تىخىمۇ يۇقىرى كۆتىرىشىمىز كىرەك .

ئاپتۇرى : ۋىي ۋىن      بىياۋ چېلۇ كەچلىك گېزىتى