مەدىنىيەت قانداق «يارتىلغان»؟

كونىلار« تاغدا بولساڭ تاغقا ،سۇدا بولساڭ سۇغا تاينىسەن » دەپتىكەن . بېز تاغلارنى تاقىر قىلىپ سۇلارنى قۇرۇتۇپ بولاي دىدوق ،ئەمدى بولسا مەدىنيەتكە تاينىش مۇدا بولىۋاتىدۇ .
مەدىنيەت دىگەن نىمە ؟ ئاتا- بوۋىمىز قالدۇرغان نەرسىنىڭ ھەممىسى مەدىنىيەت دىيىلىدۇ .چوڭ شەھەرلەر مەدىنىيەت ،داڭلىق شەخسلەر مەدىنىيەت ،مەشھۇر ئەسەرلەر مەدىنىيەت .ئەقەللىسى بىر تال «قىزىل راۋاقتىكى چۇش » توغىرولىلقلا ئۇنداق ئۆرۇپ ‏،بۇنداق چۆرۇپ ،چايناپ يىزىلغان تەتقىقات ماقاللىلىرى ھەر يىلى بىر پاتمان ئېلان قىلىنىدۇ .ئۇنىڭدىكى مەنزىرىلەر كەينى - كەينىدىن ياسىلىپ، كىنو - تىلۋىزىيە تىياتىرلىرى ئارقا - ئارقىدىن لىنتىغا ئېلىنماقتا .
مەسلە شۇكى ئاتا - بوۋىللىرىمىز ھەر جايلارغا قالدۇرغان نەرسىلەر تەڭپۇڭ بولمىغان، شۇڭا تالىشىش كېرەك . كىم باشتا ئىگەنلىۋالسا شۇنىڭ بولىدۇ ،ئەڭ تالاشتا قالىدىغىنى داڭلىق شەخىسلەرنىڭ يۇرتى . خۇاڭ دى (جۇڭگۇنىڭ ئەڭ دەسلەپكى پادىشاھى) نىڭ يۇرتىنى تالىشالمىسا ، يەندى (كىيىنكى پادىشاھ) نىڭكىنى ، يۆفېي (تارىخى قەھىرمان) نىڭ يۇرتىنى تالىشالمىسا، چىن خۈينىڭكىنى، سۇڭ جىياڭ (سۇبويىدىكى شەخىس) نىڭ يۇرتىنى تالىشالمىسا ، ۋۇدالاڭ (ۋۇسۇڭنىڭ ئاكىسى) نىڭكىنى - خېبىي بىلەن شەندۇڭ ۋۇدالاڭنى تالىشىپ ئۇزۇن يىل قەلەم ئۇرىشى قىلغان بولسىمۇ تا ھازىرغىچە ھىچكىم ئۇتۇپ چىقالمىدى .
ئەسكى تاممۇ مەدىنىيەت ،پۇچۇق كاھىشمۇ مەدىنىيەت ، رىۋايەتلەردىكى نەرسىلەرمۇ ئوخشاشلا مەدىنىيەت . پەقەت ئاساس بولسىلا دەرھال شۇجايدىكى شەھەر لەرنى ئەسلىگە قايتۇرۇش ، پەقەت ھىكايىسى بولسىلا ھەيكەللەر نى تىكلەش مۇمكىن . بۇرۇن « شارائىت ياربەرسىلا ئورۇنداش ، شارائىت ياربەرمىسە شارائىت يارىتىپ بولسىمۇ ئورۇنداش» دەپ بىرسۆز بولغان ئىكەن . مانا دەل ھازىر قىلىۋاتقىنىمىز مەدىنىيەت بولسا تايىنىش ، مەدىنىيەت بولمىسا مەدىنىيەت «يارتىپ» بولسىمۇ تاينش .
ئۆتكەن يىل تۇيۇقسىز بىر ئوقۇتقۇچۇمنىڭ مەن تۇرۇشلۇق شەھەرگە كىلىدىغانلىقى توغىرىسىدىكى تىلفۇننى تاپشۇرۇپ ئالدىم . ئۇ ئاسار - ئەتىقە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىناتتى ،ھازىر پىنسىيىگە چىقتى . ئونۋېرسىتتىكى چاغدا دەرسىنى ئاڭلىغانچە كۆرۈشمىگىلى ئۇزۇن يىللار بولغان ئىدى . كۈتىۋىلىش زىياپىتىدە ئۇنىڭدىن كىلىش سەۋەبىنى سورىغىنىمدا ، ئۇناھايتى روھلانغان ھالدا بۇيەردىكى ساياھەت تارماقلىرىنىڭ بىرساياھەت مەنزىرە رايۇنى تەسىس قىلماقچى بولغانلىغىنى ،ئۇنىڭغا مۇشۇ شەھەر ئەتىراپىدىكى بىر توپا تاغنىڭ تەزكىرىسىنى بىزىپ بىرىشنى ھاۋالە قىلغانلىقىنى ئېيىتتى ،سەل مەڭدەپ قالدىم . بۇتوپا تاغدىن بۇرۇن جىن سۇلالىسىدىكى بىرنەرسىلەر چىققان ،ئۇلار ناھايتى ئاددىي تارىخى ئاسار - ئەتىقىلەر بولۇپ ھىچقانداق ساياھەت قىممىتى يوق تۇر سا يەنە نىمىشقا تەزكىرە يازىمىز دەپ كۈچەپ كىتىىدىكىن ؟ قىممىتى بولسا تەزكىرە يىزىپ نىمە قىلىدۇ ،قىممىتى بولمىغاچ شۇڭا يازىمز دەۋاتقان نىمە ،- دىدى ئوقۇتقۇچۇم.
دىگەندەك ئۇ توپاتاغقا چىقىپ بىر چۈگىلىۋەتكەندىن كىيىن ئىككى كۈنگە قالماي بىرنەچچە تارىخى ھىكايىنى توقۇپ چىقتى. بۇلار ئەپسانىۋى رىۋايەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپلا قالماي يەنە دەھشەتلىك جەڭلەرنى ، پادىشاھلارنىڭ مەخپىيىتىنى ۋە زوقىنى كەلتۈرگۈدەك مۇھەببەت كەچمىشلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرەتتى، يەنە تېخى بىرنەچچە ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ئەسكى تاملارنى شۇۋاقەلەرنىڭ يۈزبەرگەن ئورنى قىلىپ كۆرسىتىپ توپىدىن چىققان پۇچۇق نەرسىلەرنى پاكىت ئاساسى قىلدى. كارامەت دىگەن مانا ، ئەسلى مەدىنىيەت بۇنداق «يارىتىلىدىكەن» ئەمەسمۇ!
ئوقۇتقۇچۇم قەلەم ھەققىنى ئالدى ،ھەر ئىككى تەرەپ ناھايتى رازى بولۇشتى . مىنىڭ بىلىشىمچە ئۇ مەن ئوقۇغان مەكتەپتىكى ئازساندىكى زاماننىڭ «تەلىۋى»گە ماسلىشالايدىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىرى ئىدى. مۇشۇ تاپتا راستىنلا «ئۆزقابىلىيىتىنى جارى قىلدۇرىدىغان» ۋەزىپىدىن بىرنى تاماملىدى.
بىريىلدىن كىيىن بۇيېڭى ساياھەت مەنزىرە رايۇنى رەسمىي قۇرۇلدى، بىرمەزگىللك قىزغىن تەشۋىقاتتىن كىيىن كۆپلىگەن ياقا -يۇرتلۇقلار كىلىپ بۇ« مەدىنىيەت» تىن ھوزۇرلىنىشقا باشلىدى. مۇشۇ يەرلىك بولغانلىغىم ئۈچۈن بەزى تونۇش مىھمانلارغا ھەمرا بولۇپ مەنزىرلەرنى كۆرسىتىشتىن ساقلانماق تەس ئىدى. شۇچاغلاردا چۈشەندۈرگۈچىنىڭ تولىمۇ ئەستايىدىل قىياپەتتە خۇددى ئۆزكۆزى بىلەن كۆرگەندەك تەسۋىرلەۋاتقان بايانلىرىنى ئاڭلىسام مىھمانلارغا دائىم :
- سىلەر تڭشىغاچ تۇرۇڭلار،مەن ھاجەتكە بېرىپ كىلەي! -دەيمەن.

ئاپتۇرى: لىن چى «قىلىيەتونلارئايلىق ژورنىلى» 2008-6<1>