ئەتگەندە چىنقىۋاتقاندا ، بىر بوۋاينىڭ يىقلىپ چۇشكەنلىكىنى كۇرۇپ ، يۇگۇرۇپ بىرىپ ئۇنى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ قويدۇم ، ئويلىمىغان يەردىن بوۋاي ماڭا ئېسىلىۋىلىپ ، مىنى سەن قەستەن سۇقۇۋەتتىڭ ، دوختۇرخانىغا ئاپارمىساڭ بولمايدۇ دەپ تۇرىۋالدى . مەن بىچارە خۇددى تالىپ ئەسكەرگە ئۇچىرسا ، گېپى ھەق بولسىمۇ يىڭەلمەپتۇ دىگەندەك ، نەس باسقانلىقىغا تەن بىرىپ ، يىرىم يىللىق مۇئاشىمنى خەجلىدىم ، يەنە بوۋايغا بىر ئايدىن كۆپرەك قارىدىم ،ئۇنىڭ ئۇستىگە يامان ئاتاققىمۇ قالدىم ! راسلا چۇشەنمىدىم ، مەن نىمىشقا ياخشى نىيىتىم بىلەن يامان ئىش قىلىدىغاندىمەن؟
چۇشتە ئىشتىن چۇشۇپ ئۆيگە كىتۋاتاتتىم . بىر توپ ئادەملەر بىر يانچۇقچىنى قوغلاپ كەتتى ، يانچۇقچى قىچىپ قۇتۇلايلا دەپ قالغانتى ، مەن تىزدىن ئەقىل تىپىپ ، جاسارەت بىلەن ئىش كۇرۇپ ، ھاياتىمنىڭ خەتەرگە ئۇچىرىشىغا قارىماي بىر قىتىم ئادالەت يۇلىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن قەھرىمان بولۇپ ، يانچۇقچىنى تۇتۇپ ساقچىخانىغا ئاپىرىپ بىرىپ ، ئاممىنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولدۇم .بىراق ساقچىخانىنىڭ دەرۋازىسىدىن چىقىپ تۇرۇشۇمغا ، تۇيۇقسىزلا كاللامغا بىر خىش تەگدى ، گاراڭ - گۇرۇڭ دەلدۇكلۇنۇپ يۇرۇپ 120 گە تىلغۇن قىلىپ ، دوختۇرخانىدا بەش يىپلىق قىلىپ تىكتۇرۇپ ، ئون نەچچە كۇن بالنىستا ياتتىم ، ئون مىڭ يۇەندىن ئارتۇق داۋالىنىش چىقىمى تۇلەپ ، بىر نىمە قىلىپ بۇ جاننى ساقلاپ قالدىم ! بۇ چىقىم تالۇنلىرىنى سىقىمداپ نەگە بىرىپ دەردىمنى ئىيتسام بۇلار دەپ ، يۇم -يۇم ياش تۇكۇۋاتسام ، يانچۇقچىنىڭ شىرىكلىرى تىلفۇن قىلىپتۇ ، ئۇلار دوختۇرخانىنىڭ كىسەل تارىخىدىن مىنىڭ يانفۇن نۇمۇرۇمنى تەكشۇرۇپ تىپىپتۇ ، ئۇلار مىنى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇپ ، مانا بۇ " ياخشى ئىش قىلغان " نىڭ ئاقىۋىتى دىدى . راسلا چۇشەنمىدىم ، مەن نىمىشقا ياخشى نىيىتىم بىلەن يامان ئىش قىلىدىغاندىمەن؟
چۇشتىن كىيىن ،كومپىيۇتۇرنى ئىچىپ ، توردىن مەلۇم جايدىكى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئورگىنىنىڭ ساقچى قۇبۇل قىلغاندا ساختىلىق ئىشلەتكەنلىكى جەمئىيەتكە ئاشكارىلانغاندىن كىيىن ، بۇنىڭغا قارتا ئاجايىپ كۇچلۇك قىلىپ يىزىلغان ئىنكاسلارنى كۇرۇپ ، ئۇزۇمنى بىسىۋالالماي ، ماختاپ كەتتىم ! كوڭلىمدىكى ھاياجاننى بىسىقتۇرالماي ، توردا راس ئىسمىم بىلەن سۆز قالدۇردۇم : زىيانداشلارنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلايلى ، يەنە ... ! ئاخىردا ، سوت تەرىپىدىن توردا " سىسىق گەپ " تاراتقان دەپ 15 كۇن توختۇتىلىپ ، 1000 يۇەن جەرىمانە قۇيۇلدۇم ! راسلا چۇشەنمىدىم ، مەن نىمىشقا ياخشى نىيىتىم بىلەن يامان ئىش قىلىدىغاندىمەن؟
كەچتە ، تىلۋۇزۇردىكى خەۋەردىن مەلۇم جايدىكى دىھقاننىڭ سىزغان يالغان يولۋاس رەسىمى بىلەن راسىت خۇانەن يولۋىسىنى بايقىدىم دەپ ، دۆلەت ئورمانچىلىق ئىدارىسىنى ئالدىغانلىقىنى سىزىپ قالدىم ! بۇ زور ساختىلىققا قارتا ، كەسپى ئىقتىدارىم ۋە پۇخرالىق ۋىجدانىم يۇزىسىدىن ، يالغان يولۋاس ھىلىسىنى تىزراق پاش قىلىپ ،كۆپچىلىككە ھەقىقى ئەھۋالنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بىرىش ئۇچۇن ، بەش ئايدىن كۆپرەك جاپالىق ئىنچىكە خىزمىتىم ئارقىلىق ، ساختىلىق ئىشلەتكۇچىلەر ئاخىرى سوت تەرىپىدىن شەخسى ئوق - دورا يۇشۇرۇش ۋە ئالدامچىلىق جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك ئىككى يىرىم يىللىق قاماق جازاسىغا ھۇكۇم قىلىندى . ئەمما ئۇلارنىڭ ئائىلە - تاۋاباتلىرى ماڭا ئۆلگۇدەك ئۆچ بۇلۇپ كىتىشپ : ئاخىرى بىر كۇن تۇگىشىدۇ ! - دەپ يۇرۇيمىش .راسلا چۇشەنمىدىم ، مەن نىمىشقا ياخشى نىيىتىم بىلەن يامان ئىش قىلىدىغاندىمەن؟
ئاپتۇرى : داڭ جوڭ جۇن جۇڭخۇا فېلىيەتۇنلار تورى
|