بىر تورداشنىڭ بايانى |
ھازىرقى سىياسىيۇنلاردا ئەگەر ئەخلاق ، كىشىلىك ھايات قارىشى بولسا ، ئۇنداقتا ھىچقانداق بىر جۇڭگۇلىقنىڭ پۇلى يوق كىسىلىنى داۋالىتىلمىغانلىقىدىن ئۆلۇپ كىتىشىگە قاراپ تۇرالمايدۇ . ئەگەر دۆلەت مالىيەسىنىڭ ئېگىسى خەلق دەپ ئىيتساق ، ئۇنداقتا خەلقنىڭ ھاياتى ساغلاملىقى بىرىنچى ئىھتىياج بولىدۇ . بارلىق خىراجەت تەرتىۋىنىڭ ئىچىدە ، خەلىقنىڭ ھاياتى ساغلاملىقى ئۈچۈن چىقىم قىلنىدىغىنى چۇقۇم ئەڭ ئاۋال قانائەتلەندۇرۇلىشى لازىم .ئەگەر دۆلەتنى كىچىك بىر ئائىلە دىسەك ، رەھبەرلەرنى ئائىلە باشلىقىغا ئۆخشاتساق ، خەلقنى بالا دەپ قارىساق ، بالا ئاغرىپ قالسا ، ئائىلە باشلىقى ئائىلىدىكى ئىستىمال خامچوتىدا ئاۋال قايسى ئىھتىياجنى قاندۇرىدۇ ؟ جاۋابى چۇقۇم شۇكى ، بالىنى داۋالىتىش ئۇچۇن ئۆينى سىتىش ، قەرىز ئىلىشتىن باش تارتمايدۇ . بىراق بۇ خىل ئادىمىلىككە ئىگە قارارنى بىر دۆلەت قىلالمايدۇ . دۆلەتنىڭ مالىيەسىنى خەلقنىڭ تەقسىملەش ھۇقۇقى يوق ، پەقەت باج تاپشۇرۇش مەجبۇريىتىلا بار . دۆلەت مالىيەسىنىڭ زور خىراجەتلىرىدا خەلق رايى تىڭشالمايدۇ . خەلق رايى قايسى يول ئارقىلىق تىڭشىلىدۇ ؟ جۇڭگۇنىڭ تۇزۇمى ئاستىدا ، خەلق ۋەكىللىرى تەرپىدىن ئاڭلىتىلمىسا ، ئۇنداقتا توردىكى خەلق رايى جۇڭگۇ خەلىق رايىغا ھەقىقى ۋەكىللىك قىلىدىغان بۇلۇپ قالدى . چۇنكى خەلق رايى چۇقۇم ئەركىن ئىپادىلىنىشى ، چەكلەنمەسلىكى ، باستۇرۇلماسلىقى كىرەك . بىراق بىزنىڭ ئاخبارات ۋاستىللىرىمىز ھۇكۇمەتنىڭ كانىيىغا ئايلىنىپ قالغان ، ئۇلار خەلق رايىنى تاللاپ بىلدۈرىدۇ ، پەقەت ماختاش سادالىرىنىلا ئاڭلىتىپ ، تەنقىت كۆز قاراشلىرىنى باستۇرۇپ قۇيىدۇ . شۇڭا ھۇكۇمەت بىلەن خەلق ئوتتۇرىسىدا بىر چوڭقۇر يار پەيدا بولغان . بىز بىر تەرەپتىن ھۇكۇمەتنىڭ دۆلەت يەنىلا نامرات دەپ تۇرۇپ ، يەنە بىر تەرەپتىن ھەشەمەتلىك ، ئىسىل خىزمەت بىنالىرىنى سىلىۋاتقانلىقىنى ھەم خىزمەت ئەسلىھەلىرى ، ئىشخانا جابدۇقلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى ئىىكەنلىكىنى كۇرىۋاتىمىز . ئۇلارنىڭ ئائىلە جابدۇقلىرىمۇ ئىشخانىدىكى جابدۇقلارغا يەتمەيدۇ . ئائىلىدە پۇل تىجەپ ، ئىشخانىدا ھۇزۇرىنى سۇرىدۇ . سەۋەبى ئىشخانىدىكى ئەسلىھە ، جابدۇقلارغا مالىيەدىن چىقىم قىلىنىدۇ ، يەنە كىلىپ مالىيەنىڭ خىراجەت ھۇقۇقى دەل ھۇكۇمەتنىڭ قۇلىدا ، شۇڭا چۇقۇم ئاۋال ئۆزىدە بار بولغاندا ئاندىن باشقىلاردا بولۇشى مۇمكىن ، ئۆزى كۆتۇرۇلگەندىلا ئاندىن باشقىلارغا نۆۋەت كىلىشى مۇمكىن . قورغان فېلىيەتۇنلار تورى
|