دىھقان ئىشلەمچىلەر تاققا قاراپ : قىرىق تىرلىيۇن سەن نەدە ؟‏- دەپ تۆۋلىماقتا

مەركىزى تېلۋىزىيە ئىستانىسىسى 2 ‏- ئاينىڭ 3‏- كۇنىدىكى "چاغاندىن كىيىنكى دىھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ شەھەرگە قايتشى < نەگە بىرىش كىرەك ؟>" تە دىھقان ئىشلەمچىلەر بالدۇرراق شەھەرگە قايتىپ ئىش ئىزدىشى كىرەكمۇ ياكى كىيىنرەكمۇ دىگەن مەسىلىگە كەلگەندە ، تەكلىپلىك مىھمانلارنىڭ بىرى بولغان جۇڭگۇ خەلق ئۇنۋىرسىتىتى يىزا ئېگىلىك ۋە يىزا - كەنىت تەرەققىيات ئېنستۇتىنىڭ مۇئاۋىن ئېنىستۇت باشلىقى جىڭ فىڭ تىيەن "يەنىلا كىينىرەك چىققىنى ياخشىراق" دىدى .
ئۇنىڭ ئىيتىشىچە ، دۆلىتىمىزنىڭ قىرىق تىرلىيۇن مەبلەغ پىلانىنىڭ ئەملىيلىشىشگە مەلۇم بىر جەريان كىتىدىكەن ، ئەملىليلىشىپ بۇلۇپلا نۇرغۇن ئەمگەك كۇچىغا ئىھتىياجىلق بولىدىكەن .بۇ ئىش ئورۇنلىرىنى دۆلەت ئاللىقاچان ۋەدە قىلغان ، نۇرغۇن تۇرلەردە دىھقان ئىشلەمچىلەرنى ئالدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئويلۇشۇلغان ، بۇ تۇرلەردە ھازىر تىخى ئىش باشلانمىدى . ئۇمۇمەن دىمەكچى بولغىنى ، دىھقان ئىشلەمچىلەر چاغان تۈگكەندىن كىيىن دەرھال شەھەرگە بىرىپ ئىش ئىزلىشىنىڭ ھاجىتى يوق ، بالدۇرلا شەھەرگە قايتىۋىلىپ ئىش تاپالماي بىكار يۇرگەندىن ، ئۆيدە قىرىق تىرليۇنلۇق قۇرۇلۇشنى كۇتكەن ياخشىراق .
بۇ يىل ئىش تاپماق تەس ، ھازىر دىھقان ئىشلەمچى بۇرادەرلەر چىغىدا مۇخبىرنىڭ ئالدىدا ئىقتىسادى كىرزىس توغۇرلۇق سۇدەك پاراڭ قىلالايدۇ . ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە ناھايتىمۇ ئايان ،ئۇلارنى كۇتىۋاتقىنى راھىپ جىق ، ئوماچ ئاز بولغان ھالەت . ئۇلارنىڭ تاقابىل تۇرۇش ئۇسۇلى بالدۇر چىقىپ ، بالدۇر ئىش ئىزلەش . بىراق ھازىر مۇتىخەسىسلەر ئەمدىلىكتە قۇپۇپ : ئالدىرماڭلار ، سەھەر تۇرغان قۇشقاچقا قۇرۇت يوق ، شۇڭا قىرىق تىرلىيۇننى ساقلىغاچ يىتىپ تۇرۇڭلار ‏‏- دەۋاتىدۇ .
ئەينى چاغدا بۇ قىرىق تىرلىيۇن قانچىلىك داغدۇغا پەيدا قىلغان ئىدى ‏- ھە ! پۇتۇن مەملىكەتتىكى ھەر قايسى يەرلىك تەرەققىيات - ئىسلاھات كومىتىتلىرى بىيجىڭغا كىلىپ تورتنى تالىشىپ كەتكەن ، ئەجىبا بۇ ساقلاشقا ئەرزىمەمدىكەن ؟
بىراق ، ھازىر قىرىق تىرلىيۇن نەدە ؟ئۆتكەن يىلى 11‏-ئاينىڭ 5‏- كۇنى ھەر قايسى جايلار تەرەققىيات ‏- ئىسلاھات كومىتىتىغا تەستىق ئىلتىماسى سۇنغاندىن بۇيان ،قايسى تۇرلەر تەستىقلاندى ، قايسى تۇرلەرگە ئىش باشلاندى ، بۇ توغۇرلۇق ئاخبارات - ۋاستىللىردا ھىچنىمە يوق . پەشتاقتىن تاراقلىغا ئاۋاز كىلىدۇ - يۇ ، چۇشكەن ئادەم كۇرۇنمەيدۇ ، سوراپ باقاي : قىرىق تىرلىيۇن نەگە كەتتى ؟
كىتاپ ئۇقۇمايدىغان ، گىزىت كۆرمەيدىغان ، تورغا چىقمايدىغان دىھقان ئىشلەمچىلەرنى بىلمەيدۇ دىمەڭ ، ھەتتا شاڭخەيدىكى ئادۇۋكات يەن يى مىڭ مۇ بۇنىڭغا قاراپ تۇرالماي قالدى . ئۇ بۇنىڭغا قىزىقىپ ، دۆلەت تەرەققىيات - ئىسلاھات كومىتىتىغا " ھۇكۇمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش ئىلتىماسى " سۇنۇپ ،قىرىق تىرلىيۇن سىلىنمىنىڭ تەستىقلانغان تەپسىلى تۇرلىرىنى ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلدى .
ۋەزىيەتكە كۇڭۇل بولمەيدىغان دىھقان ئىشلەمچىلەر بىلمىسۇن ، بەك سايرىغان قۇش باشتا ئوق يەپتۇ دەپ يەن يى مىڭمۇ بىلمىسۇن ، جىڭ مۇئاۋىن ئېنىستۇت باشلىقى سىزمۇ بىلمەمسىز ؟ بىلسىڭىز ئۇنداقتا دىھقان ئىشلەمچى بۇرادەرلەرگە ئىيتىپ بىرىڭچۇ ، قىرىق تىرلىيۇن سىلىنما قەيەرگە سىلىندى ؟ قۇرۇلۇشنىڭ ئىسمى نىمە ؟ ئىشقا قۇبۇل قىلىش ئۇچۇرىنى قەيەردە ئىلان قىلىدۇ ؟قانچىلىك دىھقان ئىشلەمچى ئىشلەتمەكچى ؟ ياكى ، پەرىزىڭىزچە قاچانلاردا ئىش باشلىيالايدۇ ؟ قانچىلىك ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ ؟
دىھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ شەھەرگە كۆپلەپ ئىقىپ كىرىپ ئىش تاپالماسلىقى ، ھەقىقەتەن بىر مەسىلە . دەل تەكلىپلىك مۇتخەسىسلەر ئىيتقاندەك ،ئوق - دورا ، ئۇزۇق -تۇلۇك تۇگكەن چاغدىلا ، ئاندىن ئوغۇرلاش ، بۇلاش قاتارلىق جەمئىيەت ئامانلىق مەسىلىلىرى كىلىپ چىقىشى مۇمكىن ( بۇ سۆزدە سىنىپى كەمسىتىش ئامىللىرى مەۋجۇت ) بۇ خىل ئەھۋالدا دىھقان ئىشلەمچىلەرگە شەھەرگە كىرىۋالماي ئۆيدە قىرىق تىرلىيۇننى كۇتۇش تەكلىۋىنى بىرىش ئاقىلانىلىق .
ئەمما دىھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ بۇنداق قىلغۇسى يوقمىكىن دەمسىز ، ئۇلارمۇ ئاشۇ تەرەققىيات - ئىسلاھات كومىتىتىغا قىستىلىۋالغان ئادەملەرگە ئوخشاشلا قىرىق تىرلىيۇننىڭ چوتىنى سوقۇپ ، ئۇچۇرنىڭ راۋان بولماسلىقى سەۋەبىدىن خەۋەر كۇتۇپ ئولتۇرۇپ قۇرۇق قالارمەنمىكىن دەپ بەس - بەستە شەھەرگە قاراپ ئىقىۋاتمامدۇ ؟

ئاپتۇرى : فەن دا جوڭ        قىزىل تور