پۇخرالار نىمە دەپ قانۇنسىز تەستقلىغۇچىلارنىڭ ئورنىدا ھىساپ بەرگۇدەك ؟

ۋۇيىدىكى گېزىت بوتكىللىرىنى چىقىش ۋەقەسىگە قارتا ، مەملىكەتلىك خەلىق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ، ۋۇيى شەھىرىنىڭ باشلىقى ماۋ شىياۋ پىڭ چۇشەندۇرۇپ ، بۇ قىتىملىق تۇزەش نۇقتىللىرىنىڭ ئىچىدە بىر قىسىمى قانۇنلۇق ، ۋاقىتلىق تەستىقلانغان ؛ يەنە كۆپىنچە بىر قىسىمى تەستىقسىز ياكى ھۇقۇقتىن ھالقىپ تەستىقلانغان ، يەنە كىلىپ تەستىق سالغاندا ئىلىنغان ھەق مەلۇم تارماقلارنىڭ بىۋاستە پايدىسىغا ئايلىنىپ قالغان . شۇڭا " كىم ھەق ئالغان بولسا شۇ خىزمەت ئىشلەشكە مەسئۇل بولۇش ، كىم تەستىق سالغان بولسا شۇ خىزمەت ئىشلەش پىرىنسىپىغا ئاساسلىنىپ قانۇنسىز تەستىقلىغۇچىلارنىڭ خاتالىقىنى تۇزۇتىمىز " .) جۇڭگۇ ياشلار گېزىتى 3‏-ئاينىڭ5‏-كۇنىدىكى سانى (
ۋۇيى نىڭ بۇ قىتىملىق ھەركىتىنىڭ ئەسلىدە قوش ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ، ئۇنىڭ پەقەت شەھەر قىياپىتىنى تۇزەش ئۈچۈنلا بۇلۇپ قالماستىن ، يەنە شۇ يەردىكى بىر قىسىم تارماقلارنىڭ قالايمىقان تەستىقلاشتەك قانۇنسىز قىلمىشىنى تۇزۇتىش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى بىز ئەمدىلىكتە ئاخىرى بىلىۋالدۇق . قانۇنىي جەمئىيەتتە پۇخرا قانۇنغا خىلاپلىق قىلسا سۇرۇشتە قىلىنىدۇ ،ھۇكۇمەت تارماقلىرى قانۇنغا خىلاپلىق قىلسىمۇ شۇنداق . ئەلۋەتتە پۇخرانىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ سۇرۇشتە قىلىنشى ، ئۇنىڭ ئۆز قىلمىشى ئۇچۇن بەدەل تۆلىشى كىرەكلىكىدىن دىرەك بىرىدۇ ،لىكىن ۋۇيىدىكى بىر قىسىم تارماقلار ئۆزىنىڭ ھۇقۇقتىن ھالقىغان قىلمىشى ئۇچۇن قانداق بەدەل تۆلىدى ؟ ئەجىبا ئۇلار بىر پارچە ئۇقتۇرۇش تارقىتىپلا ، بىر تۇركۇم ئادەم ۋە ئۈسكۈنە چىقىرىپ ، ئۆزلىرى تەستىقلىغان " قانۇنسىز " تىجارەت قىلىۋاتقان گېزىت بوتكىللىرىنى چىقىۋەتسىلا ئىش تۇگەمدۇ ؟
ئاشۇ ئۆزىنىڭ بىردىن - بىر تۇرمۇش كاپالىتى بولغان گېزىت - ژورنال بوتكىسىنىڭ چىقىلىپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن ئۆلىۋالغان تېجارەتچىلەر بىزگە خەلق تۇرمۇشىنىڭ نەقەدەر قىين ئىكەنلىكىدەك نېگىزلىك مەسىلىنى ئەكىس ئەتتۇرۇپ بىرىدۇ ." باشتا كىچىك يايما ئورنى ئىدى ،2001‏-يىلى شەھەر باشقۇرۇش تارماقلىرى بىر تۇتاش بوتكا قىلدى ، ئون مىڭ يۇەنگە ستىۋالدۇق .2006‏-يىلى چوڭئەن رايۇنلۇق شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسى مەخسۇس فىرانسىيىنىڭ لايھىيلەش شىركىتىنى تەكلىپ قىلىپ ، گېزىت - ژورنال بوتكىسى ۋە خەلققە قۇلايلىق بوتكىلارنى لايھىلەتكىنىگە يەنە قىرىق مىڭ يۇەن خەجلىدۇق . تىجارەت داۋامىدا ھەر يىلى شەھەر باشقۇرۇش ، سەھىيە باشقۇرۇش تارماقلىرىغا بىرىپ رەسمىيەت بىجىرىمىز ،يەنە كىلىپ ھەر يىلى چوڭئەن رايۇنلۇق شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسىغا ئوتتۇز بەش مىڭ يۇەن باشقۇرۇش ھەققى تۆلەيمىز ." كىچىككىنە بىر گېزىت ‏- ژورنال بوتكىسىنىڭ يۇكى ئادەمنى ئويغا سالىدۇ ! يەنە كىلىپ بوتكا ياساش ئۇچۇن فىرانسىيەدىن لايھىلەش شىركىتى تەكلىپ قىلغىنى ، بۇ بىر ئاجايىپ قارا يۇمۇر بولغىدەك !
پۇخرا دىگەن سەل جاھىل كىلىدۇ ، مەيلى ئىناۋەتلىك ياكى ئىناۋەتسىز تەستىق بولسۇن ، ئەينى چاغدا ئۇلارغا تامغا بىسىپ بەرگەن ، پۇلىنى ئالغانلار ھۇكۇمەت تارماقلىرى بولغان ئىكەن ، ئۇلار ئۆزىنىڭ تىجارىتىنى قانۇنلۇق دەپ تۇنۇيدۇ . بۇنىڭ يامان يىرى يوق ، بۇ ھۇكۇمەتنىڭ ھوقۇق كۇچىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى كۆرسىتىدۇ .ھازىرقى قانۇنسىز تەستىقلاشنى تۇزۇتۇشتە ، پالاق ئەسلى قانۇنسىز تەستىقلىغۇچىلارغا تەگسە بولاتتى ، بولمىسا ھۇقۇقنىڭ كۇچى قالامدۇ ؟ قانۇن ۋە ئەملىيەتتكە ئاساسلانغاندا ، پۇل تاپشۇرغان تىجارەت ئېگىلىرى تۆلەمگە ئىرىشىشى ، بۇ تۆلەمنى ئەينى چاغدىكى قانۇنسىز تەستىقلىغۇچىلار ئۈستىگە ئىلىشى كىرەك . بۇ ئىناق جەمئىيەت قۇرۇشقا پايدىلىق بۇلۇپلا قالماستىن ، بۇندىن كىيىنكى قانۇنسىز تەستىقلىغۇچىلارغا ئىبىرەت بۇلۇشتا زور ئەھمىيەتكە ئىگە .

ئاپتۇرى : خۇاڭ بو       چاڭجىياڭ سودا گېزىتى