يىقىندىن بۇيان مىننەتدارلىق بىلدۇرۇشكە ئائىت گەپلەر ئاخبارات ۋاستىللىرى تەرىپىدىن تەشۋىق قىلىنىپ ، تولىمۇ قىززىپ كەتتى .يىل ئاخىرىدىكى ھۇكۇمەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ نامراتلاردىن ھال سورىشى ،ئاپەت رايۇنىدىكى قۇتقۇزۇش پائالىيىتى ، دىھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ نېسى قالغان پۇلىنى ئىلىپ بىرىش ،شەھەر - بازار تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت سوممىسىنى ئۆستۇرۇش ،نامرات ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئۇقۇش خىراجىتىنى كەچۇرۇم قىلىش قاتارلىق ھەر تۇرلۇك ئاممىۋى مۇلازىمەت پائالىيەتلىرىدە ، ياردەم قىلىنغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ھۇكۇمەت ئەمەلدارلىرىغا مىنەتدارلىق بىلدۇرىشىدۇ ، ھەتتاكى سوتتا ئۇتۇپ چىقسىمۇ سوتچىغا مىننەتدارلىقنى بىلدۇرىدۇ . مىننەتدارلىق سۆزى تۆۋەن قاتلامدا ياشاۋاتقان ئاجىزلارنىڭ يۇرىكىدىكى يۇيۇپ چىقىرۋەتكىلى بولمايدىغان " مىننەتدارلىق ئىدىيىۋى تۇيغۇسى " غا ئايلىنىپ ، ئازىراقلا قۇتقۇزۇشقا ئىرىشسە مىننەتدارلىق بىلدۇرىدىغان بۇلۇپ قالدى .
خەلقىمىزنىڭ مىننەتدارلىق تۇيغۇسى قەدىمدىن بۇيان ئۇزۇلۇپ قالمىغان ، قايسى دەۋىر ، قايسى سۇلالىدە خەلق ئەمەلدارغا مىننەتدارلىق بىلدۇرمىگەن ؟ پادىشاھ كاللاڭنى ئىلىشقا پەرمان قىلسىمۇ ، يۇكۇنۇپ تۇرۇپ ئۈچ مەرتەم شاھ ئالىيلىرىنىڭ ھىممىتىگە ھەشقاللا دەيسەن ! بۇنداق ئەنئەنە بار يەردە ، بۇگۇنكى كۇنلىكتە مىننەتدارلىقنى تەشۋىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇش بۇ ئەلۋەتتە ئابايىلا بولىدىغان ئىش .
چۇشىنىكسىز يىرى ، مىننەتدارلىقنى قۇبۇل قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسى چۇقۇمكى كۇچلۇكلەر : ئەمەلدارلار ۋە پۇلدارلار . مىننەتدارلىق بىلدۇرگۇچىلەر مەڭگۇ ئاجىزلار : كەمبىغەللەر .
ئامما قىيىنچىلىققا يۇلۇقسا ، ھۇكۇمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ھال سورىشى ، ئۇلارغا ياردەم قىلىپ قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىشى ، بۇ ھۇكۇمەتنىڭ مەسئۇلىيىتى ،سەن پەقەت ھۇكۇمەتكە ۋاكالىتەن ئۆتەشكە تىگىشلىك مەجبۇريىتىڭنى ئۆتودىڭ خالاس ، بۇنىڭ مىننەتدارلىق بىلدۇرگىدەك نىمىسى بار ؟
باشقىچە قىلىپ ئىيتساق ، ئامما تەبىئي ئاپەت ياكى ئادەم ئامىلى سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان ئاپەت ) مەسلەن قانۇنسىز كان ( تۇپەيلىدىن زەخمىلەنگەندە ، ئادالەتسىزلىك تۇپەيلىدىن كىلىپ چىققان ئەرىز - ماجىرا قاتارلىق ئىشلاردا ، ھۇكۇمەت ئەمەلدارلىرى مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغان ، ھۇقۇقىدىن پايدىلانغانلىقى توغىرىسىدا گۇمان بولسا ، ئۇ چاغدا تىخىمۇ بەكرەك ئاكتپلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىپ ، ئۆز خاتالىقىنى تۇزۇتىشى، بۇ مىننەتدارلىق بىلدۇرىدىغان ئىش ئەمەس . قىينچىلىققا ئۇچۇرغان كىشىلەر سىنىڭ بىيۇكىراتچىلىقىڭنى سۇرۇشتە قىلمىسا شۇكىرى دىسەڭ بولىدۇ ،يەنە قايسى يۇزۇڭ بىلەن كىشىلەرنىڭ مىننەتدارلىقىنى قۇبۇل قىلسەن ؟
پۇلدارلارنىڭ بەزى پاراۋانلىق ئىشلىرىنى قىلىشىغا كەلسەك ، بۇ پەقەت باشقىچە شەكىلدىكى سودا پائالىيىتىدىن ئىبارەت خالاس ، تىخى ئۇلار مىننەتدارلىق بىلدۇرمەي قىلىنىشىدىن قورقۇپ " مىننەتدارلىق تەلەپ قىلىش " ئۇسۇلىنى ئىشلىتىپ مىننەتدارلىق ئالىدۇ .بۇ ئۇسۇل ياردەمگە ئىرىشكۇچى بىلەن بىر پارچە " ئەخلاق كىلىشمنامىسى " ئىمزالاش ، ئۇنڭغا N دانە مىننەتدارلىق تارماقلىرىنى بىكىتىش . ياردەمگە ئىرىشكۇچى بۇ تارماقلارغا بويسۇنمىسا ياردەم قىلىنىش سالاھىيىتىنى بىكار قىلىش .
بۇ خىل ھەقلىق ياردەم پاراۋانلىق ئىشلىرى ئەمەس ، پەقەتلا باشقا بىر شەكىلدىكى سودا پائالىيىتى . گەپنىڭ سەتىنى قىلساق ، بۇ خىل قۇتقۇزۇشقا ئىرىشكۇچى ، دەل " مىننەتلىك تاماق " يىگەنگە ئوخشاشلا .
مۇھەببەتنى كۆرگىلى بولمايدۇ ، بۇ سۆز ھەقىقى ساخاۋەتچىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدىغانلىقىنى ، جۇڭگۇنىڭ ئەنئەنىۋى ئەخلاقىدىكى " ساخاۋەت مىننەت تەلەپ قىلمايدۇ " دىگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى بىلدۇرۇپ بىرىدۇ . جۇڭگۇنىڭ ئەنئەنىۋى ئەىلاقىدا يەنە " ھىممەتكە رەخمەت ئىيتىش ھاجەتسىز " دىگەن سۆزمۇ بار ،شەپقەتكە ئىرشكۇچى ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي رەخمەت ئىيتمىسىمۇ بولىدۇ . شەپقەتكە ئىرىشكۇچىنىڭ رەخمەت ئىيتمىغانلىقى ئۇنىڭ ياخشىلىقنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىنى بىلدۇرمەيدۇ .
بىراق ھازىرقى پۇلدارلار ساخاۋەت قىلسا ،چوڭ يىغىن ئاچىدۇ ، تېلۋۇزۇرغا چىقىرىدۇ ، ھۇكۇمەت ئەمەلدارلىرى قەدەم تەشىرىپ قىلىدۇ ، مۇخبىرلارنى زىيارەتكە تەكلىپ قىلىدۇ . ياردەمگە ئىرىشكۇچى كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا مىننەتدارلىقىنى بىلدۇرۇپ ، بىر قارتار مىننەتدارلىق نۇمۇرلىرىنى ئورۇنلايدۇ ، مەسلەن مىننەتدارلىق ئۇسۇلى ئويناش ، مىننەتدارلىق ناخشىسى ئىيتىش قاتارلىقلار . ھەشەمەت بىلەن مىننەتدارلىق تەشۋىقاتى يۇرگۇزۇشنىڭ نەرىمۇ " مۇھەببەتنى كۆرگىلى بولمايدۇ " دىگەنگە ئوخشىسۇن !
ھۇكۇمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۆز دائىرىسى ئىچىدىكى ئىشنى قىلىشى ، ئۆز مەجبۇريىتىنى ئادا قىلىشى ، ئۇنىڭ بىر "خەلق چاكىرى" بۇلۇش سۇپتى بىلەن ئىشىپ كەتسە ئۇنىڭ پەقەتلا بىر لايەقەتلىك " خەلق چاكىرى " ئىكەنلىكىدىنلا ئىبارەت ، توھبىدىن سۆز ئىچىش نە ھاجەت ، بىراق ئاخبارات ۋاستىللىرى ئىكران - بەتلەردە خەۋەر قىلىپ ، پۇخرالار توختىماي تەشەككۇر بىلدۇرىشىدۇ .
پۇلدارلارنىڭ كالىنىڭ بىر تال تۇكىنى يۇلغانچىلىك چىقىم قىلىپ جامائەت پاراۋانلىقى پائالىيىتى قىلىشى ، ئۇنىڭ جەمئىيەتكە قايتۇرغان مىننەتدارلىق ئۇسۇلى بولىشى كىرەك ئىدى ، بىراق ئۇ شۇ ھامانلا ياردەمگە ئىرىشكۇچىلەرنىڭ مىننەتدارلىقىغا كۇمۇلۇپ كىتىدۇ .
ھەقىقى مىنەتدارلىق بىلدۇرىشكە تىگىشلىكى ئەسلىدە ئاشۇ تۆرگە چىقىپ بەدەشقان قۇرۇپ ئولتۇرۇشقان " خەلق چاكارلىرى "، ئىسلاھات داۋامىدا ئەڭ كۆپ نەپكە ئېرىشكەن پۇلدارلار ، ئۇلار ئاۋال چىقىپ بارلىق ئەمگەكچىلەرگە مىننەتدارلىق بىلدۇرۇشى كىرەك .
مىىلىيۇنلىغان دىھقانلار يەر تىرىمىسا ،ئىشچىلار ۋە دىھقان ئىشلەمچىلەر زاۋۇت ، كان ، قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىدا ، ھەيۋەتلىك سارايلاردا تەر تۆكۆپ ئىشلىمىسە ،" خەلق چاكارلىرى" نىڭ خىزمەت نەتىجىلىرى ، پۇلدارلارنىڭ بايلىقى بولمىغان بولاتتى .
" خەلق چاكىرى " بىلەن پۇلدارلار مىلىيۇنلىغان ئەمگەكچىلەرنىڭ ئەمگەك مىۋىلىرىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ ، ئەزەلدىن مىننەتدارلىق بىلدۇردىغان بىر جۇملە سۆزنىمۇ قىلماستىن ، ئەكسىچە " شەپقەتچىسىدىن " مىننەتدارلىق تەلەپ قىلىشىدۇ ، بۇ ھەققىقەتەنمۇ ھەق - ناھەق ئاستۇن - ئۈستۈن ، ئاق - قارا ئوڭ - تەتۇر بولغانلىقتە !
كىم كىمگە مىننەتدارلىق بىلدۇرىدۇ ؟ بۇنى ئىنىق ئايرىۋەتمىسەك باشقا گەپنىڭ ھەممىسى بىكار . تۇپ يېلتىزىدىن كىلىش مەنبەسىنى پەرقىلەندۇرگەندىلا ئاندىن كىمنىڭ مىننەتدارلىق بىلدۇرىشى كىرەكلىكىنى چۇشەندۇرۇپ بەرگىلى بولىدۇ . گېزىتتە كۆرگەن مۇنداق بىر ھىكايە بەلكىم بۇنىڭغا مىسال بۇلالار ؛
بۆرە ھەر قىتىم قوينى ئولجا ئالغاندىن كىيىن ، گوشىنى پاك - پاكىز يەۋىتىپ ،سوڭىكى بىلەن تىرىسىنى بازارغا ئاپىرىپ سىتىپ ، پۇلىغا ئوت -چۆپ بىلەن سۇ سېتىۋىلىپ ، ئاتا - ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالغان ئاجىز قۇزىلارنى باقىدىكەن ، قوزىلار بۇنىڭدىن بەكمۇ مىننەتدار ئىكەن . بۇ ئىش " ئورمان گېزىتى " نىڭ مۇخبىرى تۇلكە تەرىپىدىن گېزىتكە بىسىلغاندىن كىيىن ، بورىنىڭ "ساخاۋەتچى " دىگەن نامى ھەممە يەرگە پۇر كىتىپتۇ .
ئاپتۇرى : كاڭ كەي قورغان فېلىيەتۇنلار تورى
|