دۇنيادا مۇكەممەل تاش يوق

پىل رىقابەتلىشىش ئارقىلىق ھايۋاناتلار دۇنياسىنىڭ باش ۋەزىرلىكىگە ئىرىشىپتۇ .پىل تىرشىپ ،جاپالىق ئىشلەپ ،مەسئۇليىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ ئاز بولمىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇرۇپتۇ .بىراق نۇرغۇن ھايۋانلار پىلنىڭ كەينىدىن ئۇنى - بۇنى دىيىشىپ ، ئۇنىڭدىن ھەر خىل قوسۇر تىپىشقا باشلاپتۇ .بەزىسى پىل بەك سەت دىسە ، بەزىسىپىل تاماقنى بەك كۆپ يەيدىكەن دەپتۇ ، بەزىسى پىل بەك جىمغۇر دىسە ، بەزىسى پىل بەك پالاكەت دىيىشىپتۇ .
تاغ مۇھەككىلى ئۇلارغا « ئەگەر قايسى بىرىڭلار بىر پارچە مۇكەممەل تاش تاپالىساڭلار ، مەن شۇنى پىلنىڭ ئورنىغا قويىمەن » دەپتۇ .
كۆپچىلىك بۇ قانچىلىك ئىشتى دىيىشىپتۇ . تاش دىگەن تولا نەرسە تۇرسا ، مۇكەممەل بىرەرىنى تاپقىلى بولماي قالامتى .شۇنىڭ بىلەن كۆپچىلك تۇشمۇ - تۇشتىن دۇنيادىكى ئەڭ مۇكەممەل تاشنى ئىزدەشكە باشلاپتۇ .
چاشقان مىلىيۇنلىغان تاشلار ئارىسىدىن بىر تال ئىسىل قاشتىشىنى تىپىپ چىقىپتۇ . ئۇ تاش ئاپپاق ، ئاجايىپ جۇلالىق بولۇپ ،چاشقان بۇنداق چىرايلىق تاشنى ئۇچۇرتىپ باقمىغان ئىكەن . بۇ تاشتىن ئىۋەن تىپىشمۇ ناھيتى تەسكەن . چاشقان كوڭلىدە ، مانا بۇ جاھاندىكى ئەڭ مۇكەممەل تاش ئىكەن دەپ ئويلغىنىچە ، تاغ مۇھەككىلىنى ئىزلەپ بىرىپتۇ . تاغ مۇھەككىلى تاشنى قولىغا ئىلىپ تەپسىلى كۇرۇپ چىققاندىن كىيىن چاشقانغا " بۇ ھەقىقەتەن كەم تىپىلىدىغان تاش ئىكەن ، بىراق ئۇ مۇكەممەل ئەمەس ئىكەن " دەپتۇ ،ھەم تاشنىڭ ئوتتۇرىسىنى چاشقانغا كۆرسىتىپتۇ ، چاشقان سىنچىلاپ قاراپ ،چۇچۇپ كىتىپتۇ ، چۇنكى تاشنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر تال قارا چىكىت بار بولۇپ ، بۇ تاشنىڭ گۇزەللىكىگە نۇقسان يەتكۇزىدىكەن .چاشقان بىراقلا مەيۇسلىنىپ كىتىپتۇ ، بۇ تاشنى ئۇ مىڭ بىر جاپادا تاپقان تۇرسا .
تاغ تىشەر مىڭ بالالىقتا بىر يىشىل تاشنى تىپىپتۇ .بۇ بىر يىشىل مەرۋايىت بولۇپ ،سۇس يىشىل نۇر چىقىرىپ ، قاراشقا ناھايتى جەلىپ قىلارلىق ئىكەن .بۇ تاش خۇددى ئايغا ئوخشاش يۇپيۇمۇلاق بولۇق ، گۇزەللىكتە تەڭداشسىز ئىكەن .تاغ تىشەر خۇشال ھالدا تاغ مۇھەكىلىنى ئىزلەپ بىرىپتۇ ، تاغ مۇھەكىلى تاشنى بىر ھازا ماختاپ ، ئاخىردا يەنە كەچىلىكىنى كۆرسۇتۇپ بىرىپتۇ - تاشنىڭ قىرى ئاززىرق كەمتۇك بۇلۇپ ، ئايدەك يۇمىلاقلىقىغا نۇقسان يەتكەن ئىدى .لىكىن بۇ دىگەن تاغ تىشەر بىر يىل ئىزلەپ ئاران دىگەندە تاپقان تاش ئىدى ئەمەسمۇ !
تاشپاقا ئۆزىنىڭ قەتئى ئىرادىسىگە تايىنىپ بىر گكھەرنى تىپىپ كەپتۇ . گۆھەرنىڭ ئۇستىدە كۆك ئاسمانغا ئوخشاش بىر سۆرەت بولۇپ ، تولىمۇ نەپىس ئىكەن . تاغ مۇھەككىلى بۇتاشنى كۆرۇپ " بۇ ھەقىقەتەن ئىسىل تاش ئىكەن ، بىراق بۇنڭدىمۇ نۇقسان بار ، قارا شۇنچە چىرايلىق ئاسماندا يا بىر پارچە بۇلۇت ، يا بىر قۇش يوق ، سىنىڭچە بۇلۇت ياكى ئۇچار قۇشلار بولمىغان ئاسمان مۇكەممەل ھىساپلىنامدۇ ، ئەگەر ئۇنداق بولمىسا بۇ تاشمۇ مۇكەممەل ئەمەس دىگەن گەپ " دەپتۇ . تاشپاقا بىر ھازا ئويلىنىپ كىتىپ ، تاغ مۇھەككىلىنىڭ سۆزىنى ئۆرۇنلۇق دەپ ھىس قىپتۇ ،بۇ گۆھەرنى تاشپاقا يۇز نەچچە دەريانى ئاختۇرۇپ تاپقان ئىدى .
باشقا نۇرغۇن ھايۋانلارمۇ كىيىن ئۆزلىرى تاپقان تاشنى ئىلىپ كەپتۇ ، بىراق تاغ مۇھەككىلى ئۇلارنىڭ نۇقسانلىرىنى بىر - بىرلەپ كۆرسىتىپ بىرىپتۇ .ئەڭ ئاخىردا كۆپچىلىك بۇنداق بىر ھەقىقەتنى چۇشىنىشىپتۇ: دۇنيادا مۇكەممەل تاش يوق ئىكەن .
شۇنىڭدىن ئىتىۋارەن ئۇلار پىلنى قايتىدىن چۇشۇنىشكە باشلاپتۇ .

مەنبە : قورغان تورى      ئاپتۇرى : موۋ پىجى