قاغىنىڭ نام - ئابرۇي مەسىلىسى

پەيلاسۇپ مۇنداق بىر مەسەل يازغان . مەسەلدە قاغا بىر پارچە گۆشنى چىشلگىنىچە دەرەخكە قۇنۇپ مەززە قىلىپ يىيىشنى باشلاي دىيىشىگە ، تۇلكە بۇنى كۇرۇپ قىلىپ ئامال قىلىپ گوشنى تارتىۋالماقچى بوپتۇ . شۇنىڭ بىلەن تۇلكە قاغىغا "ئاڭلىسام ناخشىنى بەكمۇ چىرايلىق ئىيتىدىكەنسىز ، بۇ راسمۇ - يالغانمۇ ؟" دەپتۇ . قاغا خۇشاللىقىدا" قاق - قاق " قىلىپ ناخشا ئىيتىشىغا ، ئاغزىدىكى گوش يەرگە چۇشۇپ كىتىپتۇ .تۇلكە شۇ ھامان گوشنى يەۋاپتۇ . بۇ ۋەقە تارقالغاندىن كىيىن ، قاغا ئەخمەق ،قاپاقباشلارنىڭ سىمۇۋۇلى بولۇپ قاپتۇ .
قاغا گەرچە بىخەستىلىكىدىن تۇلكىنىڭ دامىغا چۇشكەن بولسىمۇ ، ئۇ ئۇنداق ئەخمەقلەردىن ئەمەستە . كۆپ ئويلانغاندىن كىيىن ، ئۇ ئۆز كەمچىلىكىنى تۇنۇپ يىتىپ ، بۇندىن كىيىن ئىلگىركى خاتالىقىنى تەكرارلىماسلىق قارارىغا كەپتۇ . تۇلكە بولسا ئەكسىنچە ئۆز غەلبىسىدىن كۆرەڭلەپ كەتكەچكە ، بىر نەچچە قىتىم كەينى - كەينىدىن قاغىنىڭ ئەخمەق قىلىشىغا ئۇچراپتۇ . ئاخىرى تۇلكە ئۆزىنىڭ ئامىتى كىلىپ قاغىنى ئالدىيالىغانلىقىنى ، ئەگەر ئەقىل ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە ئۆزىنىڭ قاغىنىڭ رەقىبى بولالمايدىغانلىقىنى ھىس قىلىپتۇ .
تۇلكە قاغىنىڭ ئاغزىدىكى گوشنى ئالدىۋىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ،يەنە قاغىنىڭ ئاغزىدا بىر نەرسە تۇرغانلىقىنى كۆرۇپ ، كونا ئويۇننى يەنە ئويناپ قاغىنى ماختاشقا باشلاپتۇ ، بىراق قانچە ماختىمىسۇن قاغا قىرىغىمۇ ئىلىپ قويماپتۇ . تۇلكىنىڭ نەپسى تاقىلداپ بىر بولۇپ كەتسىمۇ ، چىداپ تۇرۇپ دەرەخ ئاستىدا شىرىن - شىكەر گەپلەرنى قىلۋاتقىنىدا بىر كاللەك قاغا پۇقى ئۇنىڭ يۇزىگە چۇشۇپتىكەن ، سەتلىشكىنىچە قۇيرۇقىنى قىسىپ قايتىپ كىتىپتۇ .
يەنە بىر كۇنى تۇلكە قاغىنىڭ بىر نەرسىنى چىشلەپ تۇرغىنىنى كۆرۇپ ،ئەمدى باشقىچىرەك ئامال قوللىناي دەپ ئويلاپ ، دەرەختىكى قاغىنى ھەدەپ تىللاشقا باشلاپتۇ .بىردەم تىللىغاندىن كىيىن ، قاغىمۇ چىداپ تۇرالماي تۇلكىنى تىللاشقا باشلاپتۇ . قاغا ئاغزىنى ئىچىشىغا ئاغزىدىكى نەرسە يەرگە چۇشۇپتىكەن ،تۇلكە ئوقتەك بىرىپ كاپلا قىلىپ چىشلەپتۇ - يۇ ، چۇچۇپ كىتىپتۇ ، چىشلىگىنى ئەسلىدە بىر زەھەرلىك يىلان ئىكەن . تۇلكە قورقىنىدىن يىلاننى تاشلىۋەتكىچە يىلان ئۇنى چىقىۋاپتۇ . تۇلكە نەچچە كۇن ۋايساپ يۇرۇپ بىر نىمىلەرنى قىلىپ جىنىنى ساقلاپ قاپتۇ.
شۇنىڭدىن كىيىمۇ قاغا بىر نەچچە قىتىم تۇلكىنى قاپقانغا چۇشۇرۇپ ، ئامالسىز ھالغا كەلتۇرۇپ قۇيۇپتۇ .
شۇنىڭ بىلەن قاغا ھايۋانلار ئارسىدا ئۆز ئىناۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۇرمەكچى بۇلۇپ ، تۇلكىنى قانداق يەڭگەنلىكىنى تەشۋىق قىپتۇ . بىراق بىرمۇ ھايۋان بۇنىڭغا ئىشەنمەپتۇ . ھەممىسى "كىم كۆردى ؟ چۇقۇم يالغان . سەن تۇلكىنى يىڭەلەمتىڭ ، بۇنىڭغا ئولسەكمۇ ئىشەنمەيمىز ." دىيىشىپتۇ .
قاغا ھىلىقى پەيلاسۇپنى تىىپىپ ، ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ كىينكى ئىشلىرىنى خام ماتىريال قىلىپ بىر نەچچە مەسەل يىزىپ چىقىپ ، كۆپچىلىكنىڭ ئۆزىگە بولغان قارشىنى ئۆزگەرتىشنى ئېيتىپتۇ . پەيلاسۇپمۇ ئۆزىنىڭ ئىگىرى قاغىغا ئۇۋال قىلغىنىنى ئويلاپ قاغىنىڭ تەلۋىگە ماقۇل بولۇپ ، ئارقا - ئارقىدىن يۇزدىن كۆپرەك تۇلكە بىلەن قاغا توغىرىسىدىكى مەسەللىرىنى داۋام قىلىپ يىزىپ چىقىپتۇ .
بىراق بۇنىڭ ئۇنۇمى ئەكسىچە بوپتۇ . كۆپچىلىك بۇلارنى كۆرۇپ ،تۇشمۇ - تۇشتىن بۇرۇنقى " قاغا بىلەن تۇلكە " دىگەن مەسەلنى ئىزدەپ قايتىدىن ئۇقۇپ چىقىپتۇ ، تخى پەيلاسۇپقا خەت يىزىپ ، دۆت قاغىنى تولا ئۇچۇرماڭ ، تۇلكىنىڭ ئەقىل ‏- پاراسىتىنى تۆۋەن چاغلاپ قاپسىز دەپتۇ . ئۇندىن ئۆتە بولغىنى ، بەزى " تۇلكە بىلەن قاغا " دىگەن مەسەلنى بىلمەيدىغان ھايۋانلارمۇ كىيىنكى مەسەللەرنى ئوقۇپ ،بۇرۇن بولغان ۋەقەنى بىلىشىپ قاغىنى مەسخىرە قىلىشقا باشلاپتۇ .بۇنىڭ بىلەن قاغنىڭ نام -ئابرۇيى تىخىمۇ تۆكۇلۇپتۇ .
قاغا بۇنىڭدىن بەكمۇ ئازاپلىنىپتۇ ھەم ئۇمۇتسىزلىنىپتۇ . ئۇ شۇنى چۇشۇنىپتۇكى ، تەسرات شەكللىنىپلا قالسا ، ئۇنى ئۆزگەرتىش بەكمۇ تەسكە توختايدىكەن .

مەنبە : گۇاڭجۇ گېزىتى      ئاپتۇرى : موۋ پىجې