ئاتاقلىق ئەدىپ شۈ جى لىن بىرئەسەريازغان، نامى «ئۈچۈنجى خىل غورۇر» .بەزى كىتاپلار ئىسىمىغا قارىسىلا ئوقۇشقا قىزىقىش ۋە ئىنتىلىش تۇيغۇسىنى قوزغايدۇ،«ئۈچۈنجى خىل غورۇر» دەل مۇشۇ خىلغا مەنسۇپ.
«ئۈچۈنجى خىل غورۇر» دىگەن نىمە؟ شۈ ئەپەندى مۇنداق دىگەن: « زىيالىلارنىڭ ۋەزىپىسى ھوقۇق ۋە پۇلنىڭ سىرىتىدا ئۈچۈنجى خىل غورۇر - ئادىمىيلىك قىممەت غورۇرىنى تىكلەش».
ئادىمىيلىك قىممەت «ئۈچۈنجى خىل غورۇر» بولغان ئىكەن ئۇنداقتا بىرىنجى ۋە ئىككىنجى ئورۇندا تۇرىدىغىنى ھوقۇق بىلەن پۇل. ھوقۇق بىلەن پۇل قەدىمدىن ھازىرغىچە جۇڭگۇ ۋە چەتئەللەردە زور جەلىپ قىلىش كۈچىگە ئىگە سىھىرلىك ئەنگۈشتەردۇر. بۇئىككى يول ئاچقۇچى ئىلىكىمىزدىلا بولىدىكەن، خارلار ئېزىز غا، ئاجىزلار كۈچلۇككە ،ناچارلار ياخشىغا ،كېرەكسىزلەر تالانتلىقلارغا ، نادانلار ئاقىللارغا ئايلىنالايدۇ... شۇڭا قەدىمدىن ھازىرغىچە ھوقۇق بىلەن پۇلنى قوغلۇشۇش ھەرخل كىشىلەرنىڭ كۈرەش نىشانى ۋە ياشاش مەقسىتى بولۇپ كەلگەن ، بۇمەقسەتكە يىتىش ئۈچۈن كۈچلۈكلەر زورلۇق ،ئاجىزلار ئەقىل ئىشلەتكەن. ئىلىملىكلەر قابىلىيىتىنى ،ئاياللار لاتاپىتىنى ئىشلەتسە ،قابىلىيەتسىزلەر خۇشامەتچىلىك قىلىپ ۋىجدانسىزلار رەزىل ۋاستىلارنى قوللانغان .
تارىخ بېتىنى ۋاراقلىساق بوي سۇنغان قىياپەتتە پۇرسەت كۈتۈپ ئۇتۇق قازانغان پادىشاھلار ، ئايال پادىشاھلار ئالدىدا تىز پۈكۈپ ئولتۇرغان زەبەردەس ئەركەكلەر بولغان . بۈگۈنكى كۈندە پۇلى بولغانلىقى ئۈچۈن ھىچنىمىنى مەنسىتمەي قانۇنغا خىلاپلىق قىلىۋاتقانلار ئازمۇ؟
بەزىلەر تارىخنى ھوقۇق ئالىشىشنىڭ جەريانى دىيىشىدۇ،بۇسۆز سەل ئېشىپ كەتكەندەك قىلسىمۇ بىراق مەلۇم تارىخنىڭ ھەقىقى قىياپىتى ۋە ئادەملەرنڭ ئەسلى ماھىيىتىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ. نەچچە مىڭ يىللىق ھوقۇق ۋە پۇل دەۋىر سۈرگەن تارىخ بەتلىرىدە ئادىمىيلىك قىممەتنىڭ ئۇچقۇنلىرى قىسقا بولسىمۇ چاقنىغان چاغلار بولغان- ھۆكۈمىرا نلارنىڭ كاتتا تارتۇق، ئەمەللىرىنى رەت قىلىپ بىر ئۆمۈر نامىرات ياشاپ ئۈلۈپ كەتكەنلەر ،كاللىسىنىڭ كىتىشىدىن قۇرقماي ئۈزىنىڭ قارىشىنى مەردانە ئوتتۇرغا قويغانلار، ئۇلار ئەشۇ قاراڭغۇ دەۋىردە ئۆچۈرۈپ قويمىغان ئۇچقۇن ھازىرقى دەۋىر زىيالىلىرىنىڭ مۈگىدەك باسقان روھىنى يۇرىتىدىغان مەشئەلنى تۇتاشتۇرغۇسى، شۇڭا بىز ۋەتەننىڭ تەقدىرى بىزنىڭ تەقدىرىمىز بىلەن باغلانغان دىگەن ئىددىيىدە ئۆز رولىمىزنە ئەڭ زورچەكتە جارى قىلدۇرۇپ ئىددىيە ۋە ئەمىلىيىتىمىزدە روھىمىز ۋە قىممىتىمىز ئارقىلىق كەلگۈسىنى يۇرۇتىشىىز لازىم .
ھوقۇق بىلەن پۇلدىن ئىبارەت بۇ ئىككى يىرىتقۇچ ھۆكۈمىرانلىق قىلالمىغان ئەھۋالدا ئاندىن ئادىمىيلىك غورۇرنىڭ ئۇرۇقى توپىنى يېرىپ چىقىپ باراقسان دەرەخكە ئايلىنالايدۇ. بۇ ئىككى يىرىتقۇچنى تىزگىنلەشنىڭ ئۇسۇلى دەل دىمكۇراتتىيە بىلەن قانۇنچىلىقتۇر. ئامىرىكا پىرىزدىنتى بوش سايلىغۇچىلارغا مۇنداق دىگەن :« ئىنسانىيەتنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىدا ئەڭ قىممەتلىك بولغىنى كۆزنى قاماشتۇرىدىغان پەن - تېخنىكا ئەمەس ، مەشھۇر ئۆلىمالارنىڭ ھىكىمەتكە تولغان بۈيۈك ئەسەرلىرىمۇ ئەمەس، سىياسىئونلارنىڭ ئاجايىپ ئۆتكۈر نۇتۇقلىرىمۇ ئەمەس بەلكى ھۆكۈمىرانلارنى بوي سۇندۇرۇپ ئۇلارنى قەپەزگە سولاش چۈشىنى رىئاللىققا ئايلاندۇرغىنى، چۈنكى ئۇلارنى بويسۇندۇرۇپ سولاپ قويغاندىلا كىشىلەرگە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. مەن ھازىر دەل قەپەزدە تۇرۇپ سىلەرگە سۆزلەۋاتىمەن».
شۇنداق ، ئادىمىيلىك قىممەت غورۇرى ھوقۇق بىلەن پۇل بويسۇندۇرۇلغان ئاساس ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ. ھوقۇق يەنە بىر ھوقۇق تەرىپىدىن دەپسەندە قىلىنمىسا ، پۇل ھەممىنى مەنسىتمەيدىغان ئەھۋال بولمىسا ، ئادىمىيلىك قىممەت كىشىلەر گە ئورتاق بولغان ئىتىقاتقا ئايلانسا ، ئادىمىيلىك قىممەت غورۇرى ئاندىن ئابىستىراكىت ئۇقۇم بولماستىن بەلكى ھاياتى ھالەتكە كەلگەن بولىدۇ.(قىسقارتىلدى)
ئاپتۇرى:جوۋ بىياۋ «قىلىيەتونلار ئايلىق ژورنىلى»2008-6<1>
|