لۇسىرىن شېۋىتسارىيىنىڭ ئۇچۇنچى چوڭ شەھىرى،ئۇ لوسىرىن كۆلى بىلەن خوشنا بولغاچقا شۇنداق ئاتالغان .بۇ يىلنىڭ بىشىدىكى بىر كۇنى بىر ياۋا ئۆردەك لۇسىرىن شەھىرىنىڭ چوڭ مەيدانىدىكى گۇللۇكتە بالا چىقاردى .بۇ ئىش لۇسىرىن شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقىنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاپ بىرىپ كۇرۇپ كەلدى . ئەگەر ئىش مۇشۇ يەردە تۇگكەن بولسا جۇڭگۇچە مۇنداق خەۋەر قىلىنىدۇ :
شەھىرىمىزدىكى خەلىق مەيدانىدا بىر ياۋا ئوردەك گۇللۇك ئېچىدە تۇخۇملىدى ، سۇي شەھەر باشلىقى شەھەرلىك ھۇكۇمەتتىكى ئاساسلىق خادىملارنى باشلاپ مۇھىت ئاسىراش ،ئورمانچىلىق ۋە ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش پونكىتىدىكىلەرنىڭ ھەمىرالىقىدا كۆزدىن كۆچۇرۇشكە باردى .
زىيارەت جەريانىدا سۇي شەھەر باشلىقى ياۋا ئۆردەكنىڭ خەلىق مەيدانىغا كىلىپ ئۇۋا تىزغىنىغا يۇقۇرى باھا بەردى .سۇي شەھەر باشلىقى يەنە «ئادەملەر بىلەن ياۋا ئوردەكنىڭ مەيداندىن ئورتاق پايدىلانغىنى بۇ ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق ئۆتكەنلىكىنىڭ گەۋدىلىك ئىپادىلىنىشى »دىدى .سۇي شەھەر باشلىقى ئەڭ ئاخىرىدا ئالاقىدار تارماقلارغا قوغداشنى كۇچەيتىپ ، ياۋا ئوردەك ئۇچۇن ئەلا مۇھىت يارىتىپ بىرىپ ،ئۇنىڭ تىزىراق تۇخۇمدىن بالا چىقىرىپ ئاندىن يەنىمۇ كۆپ تۇخۇملاپ شەھىرىمىزنىڭ تەبىئى ئىكولوگىيە ساياھەتچىلىكى ۋە ئىقتىسادىنى ئىلگىرى سۇرۇشتە توھپە قۇشۇشى كىرەكلىكى توغرىسىدا كۆرسەتمە بەردى .
لۇسىرىن شەھىرىدىكى ھىلىقى ياۋا ئۆردەك بالىسى يەتتە كۇندىن كىيىن ئولۇپ قالدى، ياۋا ئۆردەكمۇ ئۇۋىسىنى تاشلاپ كەتتى. ياۋا ئۆردەك چۈجىسى ئۆلۈپ قالغاندىن كىيىن لۇسىرىن شەھىرىنىڭ ئاھالىللىرى تۇشمۇ- تۇشتىن سەۋەبىنى ئىزلەشكە باشلىدى. خەلىق ئارىسىدىكى قۇشلارنى قوغدايدىغان بىر تەشكىلات ئۆردەك چۈجىسىنىڭ ئۈلىشى شەھەر باشلىقىنىڭ زىيارەت قىلغىنىدىن كىلىپ چىققان ئاقىۋەت دەپ قارىدى. شۇنىڭ بىلەن قۇشلارنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى نامايىش قىلىپ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئالدىدا سۈكۈتتە ئولتۇردى. شەھەرباشلىقى بۇئىشنى تىنجىتىش ئۈچۈن تىلۋىزۇردا كۆپچىلىكتىن ئاشكارە ئەپۇ سوراشقا مەجبۇر بولدى.
قۇشلارنى قوغدا تەشكىلاتىنىڭ ئىشى ئەمدى بېسىقىشىغا مۇھىت ئاسىرايدىغان بىرتەشكىلات شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە ئاۋارىچىلىق تۇغدۇرۇشقا باشلىدى. ئۇلار ياۋا ئۆردەكنىڭ مەيدانغا كىلىپ ئۇۋا ياسىشى لۇسىرىن كۆلىنىڭ سۇسۈپىتىنىڭ بۇلغانغانلىقىدىنمۇ قانداق؟! دىگەن گۇماننى ئوتتۇرغا قۇيدى.تەكشۈرۈش ئارقىلىق كۆل سۈيىنىڭ بۇلغىنىش دەرىجىسىنىڭ 1/10000 يۇقۇرلىغانلىقى ئېنىقلاندى شۇنىڭ بىلەن شەھەرلىك پارلامىنت يىگىرمە مىلىيۇن شىۋىتسارىيە فىرانكى ئاجىرتىپ لۇسىرىن كۆلىنى تۈزەش بىلەن بىرگە شەھەر بدشلىقىنى خىزمىتىن ئېلىپ تاشلىدى.
بىز ئەمدى بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بولغان جۇڭگۇچە خەۋەرنى كۆرەيلى :نۆۋەتتە جەمىئيەتتە تارقىلىپ يۇرگەن لۇسىرىن كۆلىنىڭ سۇ سۈپىتىنىڭ تۆۋەنلەپ شەھەر ئاھاللىرىنىڭ ئىچىملىك سۈيىنىڭ بۇلغانغانلىقىغا ئائىت مەسىللەرگە قارتا شەھەرلىك ھۇكۇمەت زور ئەھمىيەت بىرىپ ،مۇھىت ئاسىراش ،سەھىيە قاتارلىق تارماقلارنى سۇ سۈپتىنى نۇسخا ئىلىپ تەكشۇرۇشكە تەشكىللەپ ،سۇ سۇپىتىنىڭ 1/10000 نىسبەتتە بۇلغانغانلىقى ئىنىقلاپ چىقتى ،بۇ تۇرمۇشتا ئىشلىتىلىدىغان سۇنىڭ ئۆلچىمىگە تامامەن ئۇيغۇن .شەھەر ئاھاللىرى بۇنداق ئەپقاچتى گەپلەرگە ئىشەنمەي خاتىرجەم ئىستىمال قىلسا بۇلىۋىرىدۇ.
شەھەر باشلىقى ۋەزپىسىدىن قالدۇرۇلۇپ قىرىق بەش كۇندىن كىيىن شىۋىتسارىيە ھۆكۇمىتى ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇچۇن «ئورتاق پايدىلىنىش نىزامنامىسى»نى پۇتۇن خەلىققە ئاۋازغا قويدى «.ياۋائۆردەك ۋەقەسى» نىڭ تەسىرى تۇپەيلىدىن %93لۇسىرىن ئاھالىسى قارشى تۇرۇش بېلىتى تاشلىدى .ئۇلار«ئورتاق پايدىلىنىش نىزامنامىسى»غا كىرگەندىن كىيىن ياۋرۇپا ئىتپاق گەۋدىسىدىكى باشقا نۇرغۇن ساياھەتچىلەر لۇسىرىن كۆلىگە كۆپلەپ كىلىپ كۆل سۇيىنىڭ سۇپىتىگە تەسىر كۆرسىتىشىدىن ئەنسىرىدى .ئاخىرى بۇ نىزامنامە ماقۇللاشتىن ئۆتمىدى .
بىراق«ئورتاق پايدىلىنىش نىزامنامىسى» نىڭ جۇڭگۇچە خەۋەر قىلىنىشى بولسا :«ئورتاق پايدىلىنىش نىزامنامنامسىى»نىڭ غەلبىلىك ئىمزالىنىشى شەھىرىمىزنىڭ ساياھەتچىلىك ئىشلىرى ئۇچۇن يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتى ئىلىپ كەلدى ،ئۇ چۇقۇم شەھىرىمىزنىڭ ساياھەت ئارقىلىق شەھەر راۋاجلاندۇرۇشنىڭ يېڭى ئىقتىسادى ئېشش نۇقتىسى بۇلۇپ قالغۇسى .ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ مۆلچەرلىشىچە لۇسىرىن كۆلىنىڭ گۇزەلمەنزىرىسى ھەر يىلى بىر مىلىيۇن ئىككى يۇز مىڭ ياۋرۇپا ئورتاق گەۋدىسىگە ئەزا دۆلەت ساياھەتچىللىرىنى جەلىپ قىلدىكەن ، بۇ ساياھەتكىرىمىنى بىر يۇز ئوتتۇز مىليۇن ياۋرۇ ئاشۇرۇپ،شەھرىمىزنى نۆۋىتىدە «مەملىكەت بۇيىچە ئون چوڭ ساياھەت شەھىرى» قاتارىغا كىرگۇزىدۇ .
يۇقۇردىكى جۇڭگۇچە ھۇكۇمەت خەۋىرىدىن باشقا بىر خىل ئامما ئېچىدىكى خەۋەر شەكلىمۇ بار :ھىلىقى ياۋا ئۆردەكنى ئۇچ كۇنگە قالماي بىراۋ تۇتىۋىلىپ ياۋايى ھايۋانلار قورۇمىسى ئاشپۇزۇلىغا سىتىۋىتپتۇ .
ئاپتۇر :تىيەن چۇەن شېڭ فېلىيەتۇنلاردىن تەرمىلەر ژورنىلى 2008-8<1>
|