بۇشەھەر ئانچە چوڭ ئەمەس ، بىراق شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانلىرى ئادەمنىڭ ھۆرمىتىنى قوزغايدۇ. ئۇلار چوڭ - چوڭ تۈرلەرنى يولغا قويۇپ بىر زامانىۋى شەھەرنى قۇرۇپ چىقماقچى. شەھەرنىڭ غەربىدە بىر دۆڭ بار ، شەھەردىن بۇدۆڭنىڭ ئورنىغا ئالىي دەرىجىلىك ئولتۇراق رايۇن قۇرۇشنى قارار قىلدى. تېخى بۇقۇرلۇشقا « قۇياش نۇرى قۇرلۇشى » دەپ نام بەردى. بۇدۆڭنىڭ توپا - تاشلىرىنى ئىشلىتىدىغان يەر بولمىغاچ يىراق يەرگە توشۇۋىتىش كېرەك ئىدى، بۇنداقتا خېلى كۆپ يەرنى ئىگەللەيتى . ئالاقىدار ئورۇنلار مۇزاكىرە قىلغاندىن كىيىن شەھەر ئەتىراپىدىكى بۇلاق كەنىت دىگەن يەرنى تاللاپ توپا- تاشلارنى شۇيەرگە دۆۋلىمەكچى بولدى.
بۇنداقچە قارىغاندا بۇدۆڭ ئانچە چوڭ ھىساپلانمىسىمۇ قىزىشقا توغرا كەلگەندە ئاسانغا چۈشمىدى. قۇرلۇش ئەتىرىتى ناھايتى ئۇزۇن ۋاقىتتا ئاندىن ئۇيەرنى تۈزلەڭلىككە ئايلاندۇردى. توپا -تاشلار بۇلاق كەنىتكە توشۇلۇپ كەڭىرى بىر يەرگە دۆۋلەندى، بۇدۆڭ بۇرۇنقىسىدىن كۆپ يوغان ئىدى.
ئىككى يىلدىن كىيىن شەھەرگە يېڭى رەھبەر كەلدى. ئۇيەنە يېڭى پىلان تۈزدى - بۇلاق كە نىتتە بىر سانائەت رايۇنى قۇرۇپ چىقىش . ھېلىقى دۆڭ بۇنىڭغا تاقىشىپ قالدى، شەھەردىكى ئالاقىدار رەھبەرلەر ئادەم كۈچى تەشكىللەپ ھېلىقى دۆڭنى يەنە ئون كىلومىتىر يىراقلىقتىكى ئايلانما كەنىت دىگەن يەر گە يۆتكىدى.
نەچچە يىل ئۆتكەندىن كىيىن شەھەردىكى رەھبەر يەنە يېڭىسىغا ئالماشتى. پىچىغى ئەڭ كىسىدىغان رەھبەر قىزىقىىش دائىرىسى كەڭ ئادەم ئىكەن ، ئۇ ئايلانما كەنتتە بىر سەيلىگاھ قۇرۇپ چىقماقچى بولدى. ھېلىقى دۆڭ باريەر ئالىي دەرىجىلىك ياتاق سالىدىغان جايغا توغىرا كىلىپ قالغاچ تەبىئىيلا ئۇنى يۆتكەش كېرەك بوپ قالدى.
بۇرۇن باشلانغان ھېلىقى « قۇياش نۇرى قۇرلۇشى » ھەرخىل سەۋەپلەر تۈپەيلى ھېلىقى دۆڭنى قىزىپ بولغاندىن كىيىن توختاپ قالغان ئىدى. قىزىقىش دائىرىسى كەڭىرى رەھبەر «بىر شەھەرنىڭ ئاز - تولا ئىگىز - پەس يەرلىرى بولسا قارىماققا مەنزىرلىك كۆرۈنىدۇ، ھېلىقى دۆڭنى ئەسلى ئورنىغا يۆتكەپ ، دۆڭنىڭ ئۈستىگە گۈل- گىياھ ،دەل - دەرەخ تىكىپ بىر ئۈسۈملۈكلەر باغچىسى قۇرساق شەھەرنى گۈزەللەشتۈرۈپلا قالماي يەنە شەھەرنىڭ بەھىرلىنىش دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ» دىدى.
شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى دۆڭ ئەسلى جايىغا يۆتكەپ كىلىندى.
ئاپتۇرى: سۈن چاڭ لې «فىلىيەتونلار ئايلىق ژورنىلى» 2008-8<1>
|