شەھەرنىڭ قىلتىقى

شەھەر خۇددى غايەت زور يۇشۇرۇن كۇچكە ئىگە ، مەڭگۇ قىزىپ تۇگەتكىلى بولمايدىغان ئالتۇن كانغا ئوخشاش ھەر يولدىكى ئالتۇن قازغۇچىلارنى جەلىپ قىلىدۇ .ئۇلارنىڭ بەزىللىرى ئۆز ئىقتىدارىغا بەزىللىرى يېڭى ئۇگەنگەن ۋاستىللىرىغا تايىنىپ بۇ يەردىن نۇرغۇن ئالتۇن قىزىۋالىدۇ :
بۇ يەرگە توپلاشقان «خىسلەتلىك» دوختۇرلار ھەممىلا يەرگە ئادەتتىكى سۇنۇقتىن تارتىپ جىنسىي كىسەل ، ئاياللار كىسىلى ھەتتا راك قاتارلىقلارنىڭ ھەممىنى ساقايتىمىز دىگەن ئېلانلارنى چاپلىشىدۇ .ئۇلارنىڭ بەزىسى ئاز -تولا كىسەل داۋالاشنى بىلسىمۇ ،كۆپىنچىسى بۇرۇن ئات ‏-كالا ،ئىت ‏-چوشقىنى داۋالاپ باققانلار .ئۇلار بىر ئېغىز ئۆينى ئىجارە ئىلىپ داغدۇغۇلۇق تىجارەت باشلايدۇ ، ئۇلارنىڭ يالغان ئېلانلىرىغا ئىشىنىپ كەتكەنلەر نۇرغۇن داۋالىنىش پۇلى تۆلەپلا قالماي يامىنى كەلسە ئۆزىنىڭ ھاياتىنىمۇ قوشۇپ تۆلەيدۇ .
بۇ يەردە نۇرغۇن پالچىلار بار ،ئۇلار گەرچە ئۆز تەقدىرىنى بىلەلمىسىمۇ ھەر قاچان باشقىلارغا يول كورسۇتۇپ «كىلىشمەسلىك »تىن ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرىدۇ .ئۇلار ھەر خىل دەرىجىگە بۇلۇنىدۇ -تۆۋەن دەرىجىلىكلىرى يول بۇيىدا ئولتۇرۇپ «كۆتەك تۇۋىدە توشقان ساقلىسا» ،ئوتتۇرا دەرىجىلىكلىرى ئۆي ئىجارە ئىلىپ تىجارەت قىلىپ «بىلىق تۇتىدۇ »، يۇقىرى دەرىجىلىكلىرى ئەمەلدارلارغا ياكى كارخانىلارغا مەسلىھەتچى بۇلۇپ نۇرغۇن مائاشقا ئىشلەيدۇ .بىراق قايسى دەرىجىدىكىللىرى بولمۇسۇن پۇل ئىلىشنىلا بىلىدۇ ،قىلغان سۆزىگە ئىگە بولمايدۇ .
يەنە «ئۇچ كۇندە داغنى يوقۇتىمىز »، «يەتتە كۇندە ئۇرۇقلىتىمىز »،« بىر ھەپتىدە تىرىنى گۇزەللەشتۇرىمىز » دەيدىغان ھۇسۇن تۇزەش ئورۇنلىرى قەدەمدە بىر ئۇچىراپ تۇرىدۇ .«بىردەمدە ئون ياش ياشىرىسىز » ،« ياشلىق باھارىڭىزنى قايتۇرۇپ كىلىمىز» دىگەندەك ئىشلارنى بىراۋلار رىئالىققا ئايلاندۇرۇپ بىرەلەيدۇ .قوش قاپاق چىقىرىش ،قاڭشارنى ئىگىزلىتىش كىچىك ئىش ، ئانچە چىرايلىق بولمىغان قىزلار ، ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللار بۇنىڭ ئۇچۇن بىر تېلى بەشيۇز يۇەن بولغان زەھەرلىك ئوكۇلنى ئۇرغۇزۇپ قورۇق يوقۇتۇشىدۇ .ھەتتا سەكسەن مىڭ يۇەن خەجلەپ تىرە تۇزەش ئوپىراتسىيىسى قىلىدۇردىغانلارمۇ نۇرغۇن . بىراق ئەڭ ئاخىرىدا شۇنچە پۇل خەجلەپ چىرايىنى نابۇت قىلىدىغان ئاقىۋەتتىن ساقلىنالمايدۇ .
ھەر خىل تەربىيلەش كۇرۇسلىرى ياش -ئۆسمۇرلەر ئۇچۇن كۆڭۇلدىكىدەك قىزغىن مۇلازىمەت قىلىدۇ .موزىكا مۇئەللىمى بالىنىڭ قولىغا قاراپلا كەلگۇسىدە داڭلىق مۇزىكانت بولىدىكەن دەيدۇ ،ناخشا مۇئەللىمى نەچچ جۇمىلە ناخشىسىنى ئاڭلاپلا ئۇ كەلگۇسىدە ئاتاغلىق ناخشىچى بولغۇدەك دەپ كىسىپ ئىيتىدۇ . رەسىم مۇئەللىمى بىر -ئىككى پارچە بوياق رەسىمىنى كۇرۇپ بۇ بالا كەلگۇسىدە پىكاسۇنى بىسىپ چۇشكىدەك دەپ ماختايدۇ .بۇ خىل مەسئۇليەتسىزلىك بىلەن ئىيتىلغان ئالدىن كۇرەرلىكلەر ئالدىدا ئائىلە باشلىقلىرى خۇشاللىق بىلەن پۇلنى ئايىماي خەجلەيدۇ .سەنئەت ئېنىستۇتىنىڭ بەزى داڭلىق ئۇستازلىرى ، فىرافىسۇرلىرى بالىڭىزنىڭ ئاساسنى تىكلەش ھەققى ، ئۇقۇتۇش ھەققى دەپ نەچچە يۇز مىڭنى تەلەپ قىلىشىدۇ . بالىڭىز بۇنىڭدا ئوقۇپ بىر باشقا چىقالىسىغۇ ياخشى ، ئەگەر ئەپلاشمىسە پۇل بىلەن بالىنى نابۇت قىلىپ خۇددى ئىتنى مانتا ئىتىپ قوغلىغاندەك ئىش بۇلىدۇ .
بەزى بىر خىل ئادەملەر بۇ يەردە كۆپ .ئۇلارنىڭ ئالاقە دائىرىسى بەك كەڭرى،كىشلەر ئۇلارنى «ئوتتۇردا يول ماڭغۇچى » ياكى «ئەمەلدارلارنىڭ يىقىنى » دىيىشىدۇ .ئۇلار سىزنىڭ ئەمەل چۇشىڭىز ،خىزمەت ئالماشتۇرۇش ،بالىڭىزنىڭ ئوقۇشى ،چەتئەلگە چىقىش قاتارلىق ئىشلىرىڭىزنى بىجىرىپ بىرىمەن دەيدۇ .سۆزىنىڭ ئورامىدىن ئۇلارنىڭ ھەممىگە قادىر ھەتتا جۇڭنەنخەيگىمۇ بىمالال ھالدا ئۆز ھويلىسىغا كىرگەندەك كىرىپ كىتىدىغانلىقىنى ھىس قىلىسىز .تاپان ھەققىگە كەلسەك بۇ ئارزۇيىڭىزغا باغلىق ،تۆۋىنى يۇز مىڭدىن باشلىنىپ يۇقۇرىسى چەكلەنمەيدۇ. پۇلنى ئالغىچە مەيدىسىگە ئۇرۇپ ماڭىلا قۇيۇۋىتىڭ دىگەن ئاخىرىدا بەزىسى ھەل قىلالايدۇ بەزىسى يوق . پۇلنى قايتۇرۋالماقچى بولغىنىڭىزدا ئۇ خۇددى پارغا ئايلىنىپ كەتكەندەك سايىسىنىمۇ تاپالمايسىز .
يۇقۇرقىلاردىن «ئوچۇق -ئاشكارە تىجارەت » قىلىدىغانلارىمۇ «يەر ئاستى تىجارەت» ى قىلىپ قانۇننىڭ تىزگىنلىشىگە ئۇچۇرمايدىغانلىرىمۇ بار .ئۇلار تورنى كەڭ يىيىپ قۇيۇپ كىشلەرنىڭ چۇشىشىنى ساقلايدۇ .ئۇندىن باشقا يەنە ساخاۋەتچى قىياپىتىگە كىرىۋالغان ئالدامچىلار ، يالغان ئاسارە -ئەتىقە ساتىدىغانلار ، جىددى پۇلغا ئىھتاجلىق بۇلۇپ قالدىم دەپ ساختا چەتئەل پۇلى ،يالغان چەكلەرنى «ئەرزان» ئوتۇنۇپ بىرىدىغان « ئەخمەقلەر »...
شەھەردە تۇرمۇش كەچۇرۋاتقانلار سەللا دىققەت قىلمسا قىلتاققا چۇشۇپ قىلىش ۋە ئالدىنىشنىڭ تەمىنى تىتىپ قالىدۇ .شۇڭا ئۇلارھەر قاچان ھەر زامان ئۆيدىن چىققاندا پورتىمالنى چىڭ سىقىمداپ ،ئۆيىگە قايتقاندا بولسا بىخەتەرلىك ئىشىكىنى ئىچىدىن چىڭ تاقىشى كىرەك . (قىسقارتىلدى)

ئاپتۇرى :مېي ساڭ يۇ «نادىر فىلىيەتۇنلار ژورنىلى » 2008‏‏‏-8<3>