ئادەمنىڭ سايىسى بۇلىدۇ ،دەرەخنىڭمۇ ،ئۆينىڭمۇ ، مۇنارنىڭمۇ سايىسى بۇلىدۇ ...ئومۇمەن سىترولۇق ھالەتتىكى نەرسىلەرنىڭ نۇرغا تەتۇر تەرپىدە چوڭ ياكى كىچىك ،ئۇزۇن ياكى قىسقا سايىسى بار .ھۇقۇق ئابىستىراكىت نەرسە ،خۇددى ھاۋاغا ئوخشاش . گەرچە ئۇنىڭ ھەممىلا يەردە مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ تۇرسىڭىزمۇ ھەرگىزمۇ كۇرەلمەيسىز ھەم تۇتالمايسىز .ئۇنداق نەرسىنىڭ نەدىمۇ سايىسى بولسۇن ؟
ئەلۋەتتە ، ھۇقۇقنىڭ قۇدۇرىتى بىلەن ھەيۋىسىنى بىز كۇرەلەيمىز : تۇنۇگۇن تىخى ئىككى پۇتىدا يول يۇرىدىغانلار ئەمەل تاجى بىشىغا قۇنىشى بىلەن بۇگۇن كاسىسى ئاستىدا توت چاق پەيدا بولدى . تۇنۇگۇن ئېگىلىپ تازىمدا تۇرغانلار ئەمەل تورىغا ئورۇنىپ بۇگۇنلىكتە مەيدىسىنى كۆتۇرۇپ ھەممىگە مەنسىتمەسلىك نەزىرى بىلەن باقتى .تۇنۇگۇن تىخى گەپ قىلسا دۇدۇقلاپ ،مەڭدەپ قالىدىغانلار تەيىنلەش ئۇختۇرۇشى چۇشۇۋىدى بۇگۇن تىلىدىن گۇللەر تۇكۇلۇپ ئاۋازى جاراڭلاشقا باشلىدى .تۇنۇگۇن تېخى ئايالى سىلكىشلەپ ، خىزمەتداشلىرى ئارىغا ئالمىۋىدى ھۇقۇق كالتىكى قۇلىغا چىقىش بىلەنلا بۇگۇن ھەممە يەردە ماختىلىپ ھەر نازىنىنلار ئۆزىنى ئۇنىڭ قوينىغا ئېتىشتى .
بىراق ھۇقۇقنىڭ سايىسىنى كىم كۇرۇپتۇ ؟بار دىگەندىمۇ نىمە رۇلى بولسۇن ؟ بەرھەق ، ئەنئەنىۋى قاراشتىكىلەر ھۇقۇق باراقسان دەرەخكە ئوخشايدۇ دەيدۇ ، بىر ئادەم ئەمەل تۇتسا ئاتا -بوۋىللىرى ،خوتۇن-بالاۋاقىللىرى ،ھەتتا كىيىنكى ئۇرۇق- ئەۋلاتلىرىمۇ يۇز- ئابۇرۇي تىپپلا قالماستىن ،ئۇرۇق- تۇققان ،يىراق -يىقىن تۇنۇش بىلىشلىرى ،يۇرتداشلىرى ، ساۋاقداشلىرىدىن تارتىپ شۇ دەرەخنىڭ سايسىدا سالقىندايدۇ . ئۇنداقتا ھۇقۇنىڭ «سايىسى » زادى قانداق ئىش ؟ بۇنى مەنمۇ تازا ئىنىق چۇشەندۇرۇپ بىرەلمەيمەن .ئەمما مۇنداق قىياس قىلىپ باقايلى :بىر كۇنلەردە دەرىجىسى يۇقۇرى بىر رەھبەر سىز بىلەن قول ئىلېشپ كۇرۇشسە ياكى پاراڭلاشسا سىز ھاياجانلانغان ،روھلانغان ھالدا ئەڭ ئاۋال ئويلايدىغىنىڭىز نىمە ؟ رەھبەر بىلەن بىر پارچە خاتىرە رەسىمگە چۇشىۋىلىشتۇ !؟ رەسىمنى نىمە قىلىسىز ؟ ئەلۋەتتە ئۆزىڭىزنى كۆرسۇتۇشكە ئىشلىتىسىز . گەرچە ئۇ رەھبەر بۇندىن كىيىن سىز بىلەن باشقا ھىچقانداق ئالاقىدە بولماسلىقىمۇ مۇمكىن ،بىراق بۇ رەسىم تامغا ئىگىز ئېسىلىپ سىزنىڭ قەلبىڭىزدىكى ھەم باشقىلارنىڭ نەزىرىدىكى بىر كۆرۇنۇش بۇلۇپ قالىدۇ . مانا بۇ ھۇقۇقنىڭ «سايىسى »دەپ ئاتىلىدۇ .
ھۇقۇقنىڭ« سايىسى» ئادەمگە ئەمەلىي نەپ ئىلىپ كىلەمدۇ ؟تەس .سايە ئۇ بەربىر سايە ،ىۇددى ئاسماندىن بىر ياۋا ئۆردەك ئۇچۇپ ئۆتكەندەك ئۇ پەقەت ئاپپاق خاتىرىڭىزگە ئازىراق رەڭ قوشىدۇ خالاس .بىراق قىزىقارلىقى شۇكى بىزنىڭ بۇ دەۋىرىمىزدە «سايە»گە بولغان ئىنتىلىش خۇددى پاي چېكى ئوينىغاندەك قىززىپ ،بىر خىل ھەممە قوغلىشىدىغان ئىشقا ئايلىنىپ قالدى .قانداق ئىدارىغا بارسىڭىز يىغىن زالىدا ، خاتىرو قالدۇرۇش ئۆيلىرىدە ھەشەمەتلىك جاھازىلارغا ئېلىنىپ قاتار ئىسىۋىتىلگەن يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ قەدەم تەشىرىپ قىلىپ كۆزدىن كۆچۇرۋاتقان شەرەپلىك كۇرۇنىشلىرى .رەھبەرنىڭ دەرىجىسى قانچە يۇقىرى بولسا رەسىم جازىسىمۇشۇنچە چوڭ ، ئىسىلغان ئورنىمۇ شۇنچە گەۋدىلىك بۇلىدۇ .يەنە كىلىپ ئارىدىن ئون -يىگىرمە يىل ئۆتۇپ رەھبەر ئاللىقاچان رەھبەر ئەمەس بولۇپ قالغان بولسىمۇ ئۇنىڭ ئاشۇ رەسىمى مەڭگۇ «خىزمەتتىن قالدۇرۇلمايدۇ ».ئەگەر شۇ ئىدارىدا چوڭىراق يىغىن ياكى تەبىرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۇزۇلۇپ قالسا «سايە»مۇ شۇنىڭ باھانىسىدا نەتىجە دوكلاتلىرىدا ، تەشۋىقات رەسىملىرىدە بىر كىشىلىك ئورۇننى ئىگەللەيدۇ .
ئەسلىدە «سايە» ئىنتىلىش ئورگان ، كارخانىڭلارلا «ئارتۇقچىلقىمىكىن »دىسەم جاھاندا ئۇنداقلار تولىكەن -مىھمانخانىلارنىڭ زاللىرىدا رەھبەرلەرنىڭ لىنتا كەسكەن ،ياتاققا چۇشكەن كۆرۇنىشلىرى ،رىستۇرانلارنىڭ كاردۇرلىرىدا رەھبەرلىكنىڭ كۆزدىن كۇچەرگەن ،قول ئېلىشىپ كۇرۇشكەنلىرى ،«دىھقانلار شاتلىقى» نۇقتىللىرىدا چوڭ -كىچىك رەھبەرلەرنىڭ قەدەم تەشىرىپ قىلغانلىرى ،شەخسىي كارخانلاردا قائىدە -نىزاملار بىلەن بىللە تامنىڭ ئەڭ كۆزگە چېلىقىدىغان يىرىگە ئىسىلغان خوجايىن بىلەن رەھبەرنىڭ سورەتلىرى .بەزى بىر ئازىراق ئورنى ،نام -ئاتىقى بارلارنىڭ شەخسى ئالبۇملىرىدا ئەڭ كۆپ نەرسە ،ئۇلار ساۋاقداش ،خىزمەدداش ،دوسلىرى ۋە تۇنۇش- بىلىشلىرى بىلەن پاراڭلاشقاندا ئەڭ كۆپ تىلغا ئالىدىغىنى نىمە ؟ بۇنى ئىنىق دىمىسەممۇ بولا.
نىمىشقا كۆپچىلىك ھۇقۇقنىڭ« سايىسى»غا بۇنچە ئىتىۋار بىرىدۇ ؟بۇ ئەلۋەتتە «سايە »نىڭ قانچىلىك سۇيۇملۇك ياكى ئۇنىڭ ئىگىسىنىڭ قانچىلىك نۇرانە ئىكەنلىكىدىن ئەمەس بەلكى «سايە»نىڭ ئالدىدىكى «ھۇقۇق» دىگەن سۆزدىن .ھۇقۇق ئابىستىراكىت نەرسە ، رەھبەر دەل ھۇقۇقنىڭ ئادەملىك ھالىتىدىكى مەۋجۇتلىقى .ئۇ سىزگە قاراپ كۇلۇپ قويسا ھاياجانلىنىپ بىر كىچە كۆز يۇممايسىز ،بىر ئىغىز ماختاپ قويسا بەدىنىڭىزدىكى ھەر بىر تال تۇكلىرىڭىزگىچە يايراپ كىتىدۇ . سىزگە ئاتاپ بىر پارچە بىغىشلىما يىزىپ بەرسە ئەڭگۇشتەر كەبى ئەتىۋارلاپ ئەۋلاتتىن -ئەۋلاتقا مىراس قالدۇرىسىز . سىزگە ئازىراق ياخشىلىق يەتكۇزسە مىننەددارلىقتىن ياشىسۇن دەپ توۋلايسىز ... ئۇ سىزگە ھىچنىمە قىلىپ بەرمىگەن تەقدىردىمۇ يىنىڭىزدا بىردەم توختاپ «سايە» قالدۇرسىمۇ خۇددى كاتتا ئېلتىپاتقا ئىرىشكەندەك بولىسىز .ھۇقۇقنىڭ «سايە»سى ھۇقۇققا تەڭ بولمىسىمۇ بىراق ئۇ ھۇقۇقنىڭ « بۇ يەرگە كەلگەنلىكى» .ھۇقۇقنىڭ «كەلگەنلىكى »ھازىرقى سۆز مەنىسىدە «دىققەت قىلىنىش »،«ئىتىۋارغا ئىلىنىش»دىگەننى بىلدۇرىدۇ .بۇ خىل «كەم ئۇچىرايدىغان بايلىق» تىن تۇلۇق پايدىلانماي ،ھەممىگە بىلدۇرمەي ، كۇچىنىڭ بارىچە داۋىراڭ سالماي بولامدۇ ؟
مەن كىشىلەرنىڭ «سايە» گە چوقۇنىشىنى قەستەن ئەيىبلىمەكچى ئەمەس ، نىمىلا دىگەن بىلەن ئادەم كونكىرىت نەرسە ، ئابىرۇي ۋە ھەشەمەتنىڭ بەلگىسى بولغان ھۇقۇققا ئىرىشىش مۇمكىن بولمىغاندا ھىچ بولمىسا «سۇنئي يولۋاس تىرىسى»دىن بىرنى تىپىپ يىپىنىۋىلىش بۇمۇ بىر خىل ئوزىگە تەسەللىي بىرىدىغان ياكى ئۆزگىلەرگە سۇر -ھەيۋە كۆرسىتىدىغان قالتىس ئامال بولسا كىرەك .بىلىشىمىز كىرەككى ھۇقۇق ھەممىگە ھۇكۇمىرانلىق قىلىدىغان ، بىر ئادەم ، بىر ئورۇننىڭ تەقدىرىنىڭ قانداق بۇلىشىنى بەلگىلەيدىغان جەمئىيەتتە ئادەملەرنىڭ ھۇقۇققا چۇقۇنىشتىن باشقا يەنە قانداق ياخشىراق تاللىشى بولسۇن!؟ (قىسقارتىلدى )
ئاپتۇرى : جۇۋ بىياۋ « فىلىيەتۇنلار ئايلىق ژورنىلى » 2008-6<1>
|